ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 26 – ئايەت)
ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەر كونكېرت مىساللار بىلەن ئوچۇق چۈشەندۈرۈلگەندىلا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىدۇ، ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بىر ئوقۇتقۇچىدا زۆرۈر بولغىنى قانچىلىك كۆپ نەرسە بىلىشى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىدىغانلىرىنى مىساللار بىلەن قانچىلىك چۈشەندۈرەلىشى، دەيدۇ.
ئاللاھنىڭ كىتابى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا قانداق تەدبىقلىنىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن 23 يىل داۋامىدا يۈز بەرگەن ۋەقە – ھادىسىلەرگە، ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە، كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئاستا – ئاستا نازىل بولدى.
دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇنلىغان «ئىنقىلاب»لار بولۇپ ئۆتتى. بۇ «ئىنقىلاب»لارنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى شۈبھىسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق «ئىنقىلاب»ىدۇر. 23 يىللىق بۇ «ئىنقىلاب» بىر خەلقنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت قاراشلىرىدىن تارتىپ، تاماقنى قايسى قولدا يېيىش، ھاجەتخانىغا قايسى پۇت بىلەن كىرىپ، قايسى پۇت بىلەن چىقىشتەك تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قىتئەلەر ئاتلاپ دۇنيانى ئۆزگەرتتى. دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن پارىژ ئىنقىلابىدەك ئىنقىلابلاردا نەچچە ئەۋلاد پەيلاسوپ، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ ئىنقىلابلار ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىغان بولسا، بۇ «ئىنقىلاب»نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ساۋادىمۇ بولمىغان بىر زات ئۆزى يالغۇز روياپقا چىقاردى.
مەرھەمەتلىك رەببىمىزنىڭ مىساللارغا ئېھتىياجى يوق ئىدى، بىز بەندىلىرىنىڭ قولاي چۈشىنەلىشىمىز ئۈچۈن، تەجرىبىلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ تۇرۇپ مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەندەك، بىز چۈشىنەلەيدىغان مىساللار بىلەن مەسىلىلەرنى يورۇتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆگەنگۈچى ئىككى خىل پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن. بىرىنچى خىلى ئىلىم نازىل قىلغۇچىنى تونۇماستىن «مۇشۇمۇ مىسال بولدىمۇ؟» دەپ تەكەببۇرانە نەزەردە باقىدىغان ئوقۇغۇچى پوزىتسىيەسى، ئىككىنچى خىلى «بۇ مېنىڭ رەببىمدىن كەلگەن ھەق» دەپ، ئايەتلەرنىڭ تېگىدىكى ھېكمەتنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان كەمتەر بەندىنىڭ پوزىتسىيەسى. ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ قانداقلىقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا قەلبى قۇرئان نۇرى بىلەن يورۇغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئىمانى كۈچىيىدىغان تەقۋادارلىق نېسىب بولسۇن.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 9 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار