سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۆلۈك ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 28 – ئايەت)

ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان بۇ ئايەتنى شۇنداق شەرھىيلىدى: ئۆلۈكلۈك يوقلۇق دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسانلار يارىتىلىشتىن ئىلگىرى روھلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (روھلار ئالىمىدە) بولىدۇ. بىر ئىنساننىڭ جىسمى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ۋاسىتىسىدە يارىتىلىپ جان بېرىلىدىغان مۇددەت كەلگەندىن كېيىن، روھى كەلتۈرۈلۈپ ئۇ جىسىمغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك ھالەتتىن تۇنجى قېتىملىق تىرىلىش مەيدانغا كېلىدۇ. ئاندىن ئەجىلى توشقاندا روھى كەلگەن يېرى — ئاللاھنىڭ دەرگاھى — غا قايتىپ تەكرار ئۆلىدۇ. ئاندىن قىيامەت قايىم بولغاندا جىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، روھى يەنە ئۇ جىسىمىغا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق تىرىلىش مەيدانغا كېلىدۇ.

روھلىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى بولىدۇ. ھەم فىترىتىمىزدە ئۇ گۈزەللىكلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىستىكى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىزدەيمىز، روھىمىز ئىزدىگەن مەنىۋىي كامالەتنى ماددىي دۇنيادىن تېپىشقا ئورۇنۇشلىرىمىز بىزنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئويغاق ئىنسان ئاستا – ئاستا

بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ. («رەئىد» سۈرىسى 28 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېگەن ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك قەلبىنىڭ پەقەت ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

ئاللاھ ئۆمرىمىزنى بىھۇدىلىكلەر بىلەن خورىتىشتىن ساقلىسۇن، گۈزەل جەننەتلىرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئەخلاق ۋە ئەمەللىرىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشكە،

ئى ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. («فەجر» سۈرىسى 27-، 28 – ئايەتلەر)

دەپ خىتاب قىلىنغان بەندىلەردىن بولۇشقا نىسىب قىلسۇن.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 10 – كۈنى