ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 29 – ئايەت)

يۇقىرىدىكى ئايەتكە نىسبەتەن ئاتېئىستلارنىڭ «ھەممە نەرسىنى بىز ئۈچۈن ياراتقانمۇ؟ پاشا، باكتېرىيە، ۋىرۇس دېگەنلەرنىمۇ بىز ئۈچۈن ياراتتىمۇ؟» دېگەندەك مەسخىرە ئارىلاش سوئاللىرىغا ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

ماتېرىيالىستلار دۇنياغا پەقەت ماددىي نۇقتىدىنلا باقىدۇ. مەنپەئەت تىلغا ئېلىنغىنىدا ئۇلارغا نىسبەتەن پەقەت ماددىي مەنپەئەتتىن باشقىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۆزىدە جىسىمدىن باشقا يەنە روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىش ئىنسانلاردىكى بىر پاجىئە. دۇنيادىكى شەيئىلەردە ماددىي مەنپەئەتلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك مەنىۋى مەنپەئەتلەرمۇ مەۋجۇت. دۇنيادىكى بەزى نەرسىلەر بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ قورقۇنچلۇق. مەسىلەن: تىمساھلار، كۆزەينەكلىك يىلانلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق. مۇنداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى كۆرگىنىدە مۇئ‍مىن «ئاللاھ بۇ دۇنيادا بۇنچىلىك قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى ياراتقان بولسا، مەن ئۇ زاتقا بويۇنتاۋلىق قىلسام، ئاخىرەتتە يەنە قانداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەر، قورقۇنچلۇق جازالار مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بەزى ھايۋانلار، بەزى قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ تۇرقى، پۇرىقى كىشىنى سەسكىندۈرىدۇ. بۇ نەرسىلەر كىشىگە دوزاختىكى يىرگىنىشلىك مەنزىرىلەرنى ئەسلىتىدۇ. دېمەك، دۇنيادىكى بەزى شەيئى ۋە مەنزىرىلەر جەننەتنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى بولغىنىدەك، بەزى شەيئى ۋە مەنزىرىلەر دوزاخنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى. شۇڭا، ماددىي جەھەتتىن ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك بىلىنىدىغان بەزى نەرسىلەر مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە ئۆلۈم، ئاخىرەت، جەھەننەم قاتارلىقلارنى ئەسلىتىدۇ. قىسقىسى، دۇنيادىكى بەزى نەرسىلەردىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىمىز، مەسىلەن: ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىپ، يۈك توشۇپ پايدىلانغاندەك، بەزىلىرىنىڭ گۆشى، تېرىسى، سۆڭەكلىرى… دىن پايدىلانغاندەك. بەزىلىرىدىن ۋاسىتىلىك مەنپەئەتلىنىمىز، يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك ئۇلارغا ئىبرەت كۆزى بىلەن باققىنىمىزدا بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ.

بەزى باكتىرىيەلەر ھەزىم سىستېمىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، بەزى ھايۋانلارنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان زەھەرلىرىدىن نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا تېپىلغىنىدەك، بىز زىيانلىق، ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ رولىمۇ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى مەنپەتلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىنىشى ئېنىق. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

1445 -يىل رامىزاننىڭ 11 – كۈنى