ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 31 – ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بەرگەن چۈشەنچىلەر قىسقىچە مۇنداق:
ئايەتتىكى «ئىسىملار» كەلىمىسى نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئېنىقلىمىلىرى مەنىسىدە. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئېنىقلىمىلىرىنى ئۆگەتتى. ئاللاھ بىزگە بۇ ئايەتتە تەلىم – تەربىيەنىڭ ئاتالغۇ ۋە ئېنىقلىمىلارنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. كۈنىمىزدە مەيلى ئىنژېنىرلىق، مەيلى تېبابەت بولمىسۇن، مەيلى ئىقتىساد، مەيلى فىزىكا بولمىسۇن ھەممە ئىلىملەر ئۆز ئىچىدە بىر مۇنچە تارماق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى فىزىك بىر يەرگە كېلىپ فىزىكا ھەققىدە سۆزلەشسە، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي تىلىدا سۆزلەشكەچكە باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ گەپلىرى يات تىلدا سۆزلىشىۋاتقاندەك چۈشىنىكسىز بىلىنىدۇ. بۇ سوتسىيولوگىيە، پىسىخولوگىيە، ئىقتىساد، پروگراممېرلىق، دىنىي ئىلىملەر قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا ئاخىرى بېرىپ بىر ئىلىم شۇ ئىلىمنىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىقلىمىلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. سەن ئۇقۇم – ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلار ئېنىقلىما – ئىزاھاتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان بىر ساھە سېنىڭ ساھەيىڭگە ئايلىنىدۇ. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتكەن ئىسىملار ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چۇڭقۇرلىشىش نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم – پەن خەزىنىسى مەيدانغا كەلگەن. بەزىدە ئوقۇغۇچىلار ئىزدەپ كېلىپ، «ئۇستاز، مەن پىسىخولوگىيە ئۆگىنىۋاتقانىدىم، ئەمما مېنىڭ دىن ئۆگەنگىم بار ئىدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ قالىدۇ. ئاللاھ بىزگە قۇرئاننى ئۆگەتكىنىدەك، نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ ئۆگەتكەن. قۇرئاندا بىزگە قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتكىنىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، قەلەم نوقۇل ئايەت، ھەدىس يېزىش ئۈچۈنلا قوللىنىلىدىغان نەرسە ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل – پاراسەت جەۋھەرلىرى قەلەم بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلدى. باشقا دىنلاردىكى دىندار بولۇش ئۈچۈن دۇنيادىن يىراقلىشىش (تەركىدۇنياچىلىق) تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ كىتابىمىز قۇرئان بىزنى تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە، ئاللاھ ياراتقان كائىنات ھەققىدە ئىزدىنىشكە بۇيرۇيدۇ. شۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئاللاھ ئادەم ئاتىمىزغا نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىتىش بىلەن سالغان.
ئاللاھ قەلبىمىزگە مۇبارەك دىنىمىزنى ۋە باشقا ئىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئىشتىياقى سالغاي، بىزگە پايدىلىق ئىلىم بەرگەي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 13 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار