ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىسنىڭ ئۆز خاتالىقى ئالدىدىكى پوزىتسىيەسىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق ئىككى مىسال كەلتۈرىدۇ:

بىر شىركەتتە بىر خادىم ئۇزۇن يىل تىرىشىپ، تىرىشچانلىقى بىلەن يۈكسىلىپ شىركەت دىرېكتورلۇقىغا يۈكسىلىپتۇ. شىركەت بىناسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە شىركەت لىدىرىنىڭ يېنىدىكى ھەشەمەتلىك ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە شىركەت لىدىرى 16 ياشلىق بالىدىن بىرنى ئەكىلىپ، شىركەتنىڭ دېرىكتورلۇقىنى بۇ بالا قىلىدۇ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىرېكتور: «مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى قان – تەر تۆكۈپ، بۇ ئورۇنغا چىققان تۇرسام، بۇ سويما مېنىڭ ئورنۇمنى ئالامدۇ؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈپتۇ.

مەن بۇ يەردە بۇ دىرېكتور مىسالى ئارقىلىق سىلەرگە ئىبلىسنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشەندۈرمەكچى. ئاللاھ جىنلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنى تاللاپ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش دەرىجىگە كۆتۈرگەنىدى. ئاندىن لايدىن ياراتقان ئادەمنى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە چىقارماقچى بولغىنىدا، ئۇ ئېتىراز بىلدۈردى.

يەنە بىر شىركەتتە بىر خادىم بار ئىدى. شىركەت دىرېكتورى ئۇنى يىراق بىر رايونغا يۆتكەش قارارىنى بارلىق خادىملارغا ئېخەت ئارقىلىق ئۇقتۇردى. پەقەت ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. بىرى ئۇنىڭ يىراق رايونغا ۋەزىپە بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا دېدى. كۆڭلى يېرىم ئەتىسى ئىشقا 10 مىنۇت كېچىكىپ كەلدى. دىرېكتور ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، سەن كېچىكىپ قالدىڭ، شۇڭا سېنى پالانى رايونغا يۆتكەش قارارىغا كەلدىم، دېدى. بۇ ئەھۋالدا بۇ خادىمنىڭ «مەن كېچىكمىگەن بولساممۇ ئۇ يەرگە يۆتكەيتتىڭىز، ئېخەتتە ئەۋەتكەن قارارىڭىزنى باشقىلار ماڭا دېگەن» دېيىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.

مەن بۇ خادىم مىسالى ئارقىلىق سىلەرگە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكچى.

ئاللاھ «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن»(«بەقەرە» سۈرىسى 30 – ئايەت) دېگەنىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن زېمىنغا چۈشۈرمەكچى بولغاندا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۇ شەكىلدە ئاقلىمىدى.

ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.‏ («ئەئ‍راف» سۈرىسى 23 – ئايەت)

پەلسەپىدە مىڭ يىللاردىن بېرى «ئاللاھ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان تۇرسا، مېنىڭ گۇناھىم نېمە» مەسىلىسى تارتىشىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە تۇنجى ئادەم دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىسنىڭ نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرى بار ئىدى. ئىككىلىسى تاللىنىپ يۇقىرى ماقامغا كۆتۈرۈلگەن، ئىككىلىسى خاتالىق ئۆتكۈزگەنىدى. ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىبلىس خاتالىقنى ئۆزىدىن ئىزدىمىدى. مۇنداق ئېتىراز بىلدۈردى:

ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن.‏ («ھىجىر» سۈرىسى 39 – ئايەت)

ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا، ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ئىشەندى، خاتالىقنى ئۆزىدىن ئىزدىدى. ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى.

قىيامەتكىچە بىز ئادەم ئەۋلادلىرى خاتالىقتىن ساقلىنالمايمىز، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يا خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى تۇتىمىز ، يا خاتالىقىمىزنى باشقىلارغا ئارتىش بىلەن ئىبلىسنىڭ يولىنى تۇتىمىز. بىزگە ئاتىمىز ئادەمنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش نىسىب بولغاي.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 14 – كۈنى