ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە ( بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، يەر يۈزىنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان ئىنسان.) يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30 – ئايەت)

ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان پەرىشتىلەرنىڭ سوئالىغا يانداشتۇرۇپ، «سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتىلەر كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن بۇ سوئالنى سورىغاندىن كېيىن، «رەببىمىز بىز بۇ سوئالنى سورىدۇق، ئەمما قارارىڭنىڭ ئاقىلانە، قۇسۇرسىز ئىكەنلىكىدىن شۈبھىمىز يوق، بىز چۈشىنەلمىگەچكە سوراۋاتىمىز، ئەمما، سېنى جىمى كەمچىللىك، قۇسۇرلاردىن پاك دەپ تونۇيمىز، بىز ھەددىمىزدىن ئاشماقچى ئەمەس، پەقەت مەسىلىنى چۈشىنىۋالماقچىمىز» دېگەن مەنىدە، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئۇلۇغلىدى. بۇ ئايەتتە بىزلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بىر دەرس بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىملىرىنى چۈشىنەلمىگىنىمىزدە «مېنىڭ چۈشىنىشىمدە، تەپەككۇرۇمدا مەسىلە بار، ئەمما، ئاللاھنىڭ ئەمرى، ھېكمىتى، تەلىملىرىدە ھېچ قۇسۇر يوق» دېگەننى دەرھال ئۆزىمىزگە ئەسكەرتىدىغان بىر پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈش. بىر نەرسىنى چۈشىنەلمەسلىك، بىر نەرسىگە ئەقلى يەتمەسلىك ئىنسانچىلىقتا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. قۇرئان ئۆگىنىش داۋامىدا ھەر بىر ئايەتتە كاللىمىزدا بەلگىلىك سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش داۋامىدا پوزىتسىيەمىزنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. توغرا پوزىتسىيە دەل «سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز»دىن ئىبارەت. مېنىڭ ئېخەت ئادرېسىمىغا ئاجايىپ – غارايىپ سوئاللار كېلىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار قۇرئان ھەققىدە سوئال سورىسا، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. ئ‍ەمما، بەزىدە سوئال سوراشتىكى ئۇسلۇب كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. مەسىلەن، «كەھف» سۈرىسىدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر قىسسىسىدىكى كىچىك بالىنى خىزىرنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىك ھەققىدە بىرىنىڭ سوئالى: «قانداق بىر تەڭرى بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويىدۇ. بۇ قانداق تەڭرى؟؟؟ قاتىلمۇ بۇ؟!!!» دېگەن شەكىلدە. بۇ سوئال «مەن كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسىنى چۈشىنەلمىدىم، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟» دېگەن شەكىلدە سورالسا، بۇ تامامەن يوللۇق بىر سوئال. ئەمما، سوئالنىڭ ئۇسلۇبى، قاتار قويۇلغان ئۈندەش، سوئال بەلگىلىرى بۇ سوئالدا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تەسبىھنىڭ كەمچىللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شەكىلدە سوئال سوراش «سەن مېنى تېيىلدۇردۇڭ، مەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇدەكمەن؟» دېگەن ئىبلىسنىڭ ئۇسلۇبىدۇر. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرگە بەرگەن جاۋابى شۇ ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان ھەممە نەرسىنى بىلىمەن».

ئەقلىمىزگە سوئاللار تاقاشقاندا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ھەممىنى بىلىدىغان زاتنىڭ كۆڭلىمىزدىكى چىگىشنى يېشىپ بېرىشىنى تىلەپ، ئالىم ئۇستازلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئادىتىمىز بولغاي.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 15 – كۈنى