ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى. («بەقەرە» سۈرىسى 34 – ئايەت)
شەيتاننىڭ كىبرى ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلماسلىقى ئۇنىڭغا بولغان ھەسەتتىن ئىدى. زېمىنغا چۈشۈرۈلىدىغان ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇ يەردە مۇشەققەت چېكەتتى، ئىبلىس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ياشايتتى. بۇ ھالەتتە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىكى ئۇنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغان نەرسە نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يەردە ئىبلىس ھەسەت قىلغان تەرەپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەكرەك تونۇلۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تونۇلۇشقا، ئېتىراپقا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بەكرەك ھەقلىق دەپ قارايتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەل مۇشۇ تونۇلۇش ئىستىكى سەۋەبىدىن سادىر بولغان، يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى يەنە بىرىنى ئۇنىڭ قۇربانلىقىنىڭ قوبۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ قوبۇل بولمىغانلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرگەنىدى. ئىنساندىكى تونۇلۇش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئىستىكى بالىلىق چېغىدىن تارتىپ بولىدۇ. بۇنىڭ مەنپەئەت بىلەنمۇ ئانچە ئالاقىسى يوق، بالىلاردىن بىرىنىڭ بىكاردىن بىكار يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ ئويۇنچۇقىنى بۇزىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئاتا بىر ئوغلىغا «بالام، ماشىنىنى يۇيۇۋەت» دېگىنىدە، بۇ گەپنى دېسە خوشياقمايدىغان يەنە بىر ئوغۇل باتناپ قالىدۇ. باتناش سەۋەبى ئاتىسىنى ئۆزىنى بۇ ئىشقا لايىق كۆرمىدى دەپ قارىغانلىقىدىن بولىدۇ. ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنى ئۆزلىرىگە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا قارىغان كۆزدە قارىمىدى، دېگەن سەۋەبىدىن ئۇكىسى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە تاس قېلىشقان، ئادەمسىز چۆلدە قۇدۇققا تاشلاپ كېتىشكەنىدى. شەيتان ئېتىراپ قىلىنىش، تونۇلۇش، تەشەككۇر تەمەسى بىلەن بىزگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئىسلام نامى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇ ۋەسۋەسىنىڭ قۇربانى بولۇشى. مەسچىتتە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ مەسچىتتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇش، ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا ۋەز پۇرسىتىگە ئېرىشىش، كىشىلەرگە تونۇلۇش، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ بىلىشىنى ئارزۇ قىلىشنىڭ ئۆزى كىبىردۇر. پەخىرلىنىش ئارزۇسى ھەممە قاتلامدىكى كىشىلەرنى يۇقىدىغان بىر كېسەل. ئۆزىنى چوڭ بىلىدىغان، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆزىدىن مىننەتدار بولمىدى دەپ ئۇلارغا ھۆرپىيىدىغان بىر ئەر ياتاق ئۆيدىكى فىرئەۋنگە ئوخشايدۇ. شۇپۇرلار ئىچىدىكى كاتتىراق ماشىنا ھەيدىگىنىدىن پەخىرلىنىدىغان بىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى فىرئەۋنگە ئوخشايدۇ. مەنمەنچىلىكتىن چىققان رىقابەت تۇيغۇسى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىدا، ئائىلىلەردە، ھەتتا قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت. بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا – ئانام باشقا بالىسىغا مەندىن ئامراق، دەپ قارايدۇ، بىز ئاتا – ئانىلارمۇ ئۇلارنى شۇ تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. بالىلارنىڭ بىرى 100 نومۇر ئالغان بولسا، باشقا بالىلىرىمىزغا «كۆرۈشتۈڭمۇ 100 ئاپتۇ، ھەر قايسىڭمۇ ئوخشاش ناننى يەۋاتىسەن» دەپ كۆز – كۆز قىلغىنىمىزدا ئۇلارنى ئوتتا پۇچىلايمىز.
شەيتان ئالىم – ئۆلىمانىڭ قەلبىگە «قارا پالانىنىڭ سۆھبىتىگە شۇنچە ئادەم كەپتۇ، بۇنداق مۇھىم سورۇندا سۆزلەشكە تېگىشلىك كىشى سەن ئىدىڭ. ئۇ نېمە بىلىدۇ؟ ئۇ سەن ئالغان ئىجازەتنى ئالغانمۇ؟ سەن ئوقۇغان مەكتەپلەردە ئوقۇغانمۇ؟» دەپ پىچىرلاشلىرى بىلەن باشقا بىر ئۆلىماغا ھەسەت قىلغۇزىدۇ. بىز دىنىي خىزمەت قىلغان كىشى ئاپتوماتىك كىچىك پېئىل بولىدۇ، دەپ ئويلىۋالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىزمەتكە ئاتلانغانلارنىڭ ئۇچرايدىغان ۋەسۋەسىسى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. كىبىرنىڭ ئەڭ يامىنى كىشىنىڭ ئۆز دىنى بىلەن كىبىرلىنىشى. شۇڭلاشقىمۇ بىز قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاللاھقا سىغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمىز. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بىر مەزگىل دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، پالانى تەجۋىدنىمۇ بىلمەيدۇ، پۇستانى فاتىھەنىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالمايدۇ دەپ كىشىلەرنى كەمسىتكىلى تۇرىدۇ. سىلەر قايسى قۇرئاننى ئۆگەندىڭلار؟ قۇرئاننى ئوقۇشۇڭلار، قۇرئاننى يادلىشىڭلار، دىنىي كىملىكىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن چاغلىساڭلار، كەچۈرۈڭلار، بۇ قۇرئاننىڭ سىلەرگە سىڭمىگىنى. بۇ كىتاب ئۆگەنگەنسېرى كىشىنى كىچىك پېئىل قىلىدىغان كىتاب. دىنىي ساھەدە بۇ مەسىلىدە بەك ئاگاھ بولمىساق بولمايدۇ. بالىلىرىنى قارىي قىلىۋاتقان ئاتا – ئانىلار سىلەر ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش قىلىۋاتىسىلەر، ئەمما، بۇنى بالاڭلارنى تەراۋىھتا ئالدىغا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ۋىدىيوسىنى تارقىتىپ پەخىرلىنىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق. قۇرئاننى يادلاش بالاڭلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۇلار كېيىنكى ئۆمرىدە يادلىغان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشى، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى، كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.
مېنىڭ دۇنياغا داڭلىق ھەقىقىي ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇلارنىڭ ئىلمى مېنى چۆمۈلىدەك ھېس قىلدۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ماڭا ئۇستازىدەك مۇئامىلە قىلىشى مېنى بەك خىجىل قىلدى. بىر ئۆمرىنى ئىلىمگە بەرگەن بۇ ئۇستازلار ھېلىھەم ھەپتىدە 40 – 50 سائەت ۋاقتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىدە دىن ئۆگەنگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان ياشلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن. ھۆرمەت تەمەسى ئىچىدە «كىشىلەردە ئىلىمگە ھۆرمەت قالمىدى» دەپ غودۇراپ قويۇشىدۇ. ھەقىقىي ئىلىم بۇنداق بولمايدۇ. ھەقىقىي ئىلىم كىشىنى بۇنداق كۆرەڭ، مەنمەنچى قىلمايدۇ.
شەيتان ۋەسۋەسىلىرى بىلەن بىزنى پۈۋلەپ ئۇچۇرغىنىدا، «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئەسلىگەيمىز. رەببىمىز مۇبارەك ئاي بەرىكىتىدە قەلبلىرىمىزنى شەيتاننىڭ خۇلقلىرىدىن تازىلىغاي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 16 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار