بىز ئۇلارغا: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 38 – ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنىڭ «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» قىسمى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:
تىلشۇناس دوكتور فازىل سالىھ ئەسسامىرائىي قۇرئاننىڭ بايان ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم. بىر پروگراممىدا رىياسەتچى ئۇنىڭدىن: «ئۇستاز قۇرئاندا سىزنى يىللارچە ئويلاندۇرغان بىر ئايەت ئۇچرىغانمۇ؟» دەپ سورىغاندا، «شۇنداق بىر ئايەت ھەققىدە ئىككى يىل ئويلاندىم» دەيدۇ، قايسى ئايەتلىكى سورالغاندا، «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىز غەمكىن بولمايدۇ» دېيىلگەن ئايەتنى كۆرسەتكەن. «بۇ ئايەتتە سىزنى بۇنچە ئويلاندۇرغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىغاندا، «بۇ ئايەتتىكى كەلىمىلەرنىڭ ئورنى ئۆزگەرسە، ئىپادىدىكى مۇكەممەللىك غايىب بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئايەتتە «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە غەم – قايغۇ يوقتۇر» دېيىلمىدى. شۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەيلى، بىرى تۈرمىگە كىرسە، ئائىلىسىدىكىلەر يىغلاپ – قاقشىسا پايدىسى بارمۇ؟ ياق. بىرى دوزاخقا تاشلانسا، باشقىلار ئاھ ئۇرۇپ يىغلىسا، قايغۇرسا، پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭغا بىر ياردىمى بولامدۇ؟ ياق. باشقىلار بولىدىغان بىر ئىشتىن تەشۋىشلەنسە، ئەندىشە قىلسا، ساڭا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۆتكەن ئىشقا قايغۇرسا، ساڭا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ غەمكىن بولمايدىغانلىقى، يەنى غەم – قايغۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنى ھېس قىلمايدىغانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. ئەندىشە، قورقۇنچ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بەزىدە غەم – قايغۇ جىسمانىي زەخمدىن بەكرەك كىشىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ.
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ئەندىشە – قورقۇنچنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. پەقەت ھەقىقىي خەۋپنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق بىر مىسال ئالايلى. بىر قىزچاق ئويۇنچۇق يىلانىنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ئوينايدۇ، بوينىنى قىچىقلايدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي يىلان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئاتا – ئانىسى بىر كۈنى ئۇ يىلاننىڭ قىزىنى چېقىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا، قىزىغا ئويۇنچۇق ئېيىق ئەكىلىپ بېرىدۇ. قىزچاق ئويۇنچۇق ئېيىقنى كۆرگەن زامات قورقۇپ يىغلاشقا باشلايدۇ. دېمەك، كىشىنىڭ تەشۋىش، قورقۇنچى ھەقىقىي خەۋپتىن بولماسلىقى مۇمكىن، بەزىدە ھەقىقىي خەۋپ بار ھالەتتە كىشى ئۇنىڭدىن قورقماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئايەتتە ئاللاھ «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر» دەيدۇ. يەنى، قورقسۇن، قورقمىسۇن بۇ بەندىلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي خەۋپنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇشەققەت ئىچىدە ياراتتى. بۇ ھايات تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە تولغان. بەزىلىرىمىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا، بەزىلىرىمىز تەن ساقلىقىمىزدا مەسىلە بار، بەزىلىرىمىزدە ھېسسىيات مەسىلىمىز بار، بەزىلىرىمىزنىڭ بىزگە يېقىن ئاتا – ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، جۆرىلىرىمىز، نەۋرىلىرىمىز، تاغىلىرىمىزنىڭ غېمى بىلەن. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا دىللارغا شىپا بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ دەرت – ئەلەملەر غايىب بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما، بىز ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى، قانداق ماسلىشىشنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بىلەلەيمىز. ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇئمىنلارنىڭ قەلبلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇلارغا قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىيالايدىغان روھىي كۈچ بېرىدۇ، بۇ كۈچ باشقىلارغا نىسىب بولمىغانلىقتىن ئوخشاش قىيىنچىلىق ئۇلارنى غەرق مەست يۈرۈشكە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىمان باشقا بىر نەرسە. مەن لوئىزانادا ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ ھېكايە كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دېڭىز بويىدا بولۇپ، ئاپتوموبىل تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. دىندار ئائىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بانكا ئۆسۈمى دېگەنلەرگە يېقىن يولىمايتتى، تىجارەتنى نەق پۇل بىلەنلا قىلاتتى. كاترىنا ئاپىتىدە دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ماشىنىسى ئېقىپ كېتىپ، بىرلا ماشىنىسى قالغانىدى. ئاپەتتىن بىر يىل كېيىن ئۇلارنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇلار شۇ ماشىنىسى بىلەن پىسا توشۇيدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانىكەن. ئايدا بىرەر يېرىم مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغان بۇ ئائىلە ئەمدى پىساخانا ئېچىپ، ئائىلە ئەزالىرى شۇ يەردە ئىشلەۋېتىپتۇ. باشقىلارنىڭ بېشىغا بۇنداق ئاپەت كېلىپ، ئايدا مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغان ھالەتتىن ھېچنېمىسى يوق ھالەتكە چۈشسە، قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىلەر. بۇ ئىش كىشىنى تۈگەشتۈرۈپ ئۆلىۋېلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چىرايىدا ھېلىھەم تەبەسسۇم پارلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن: «سەن نېمىشقا ھېلىھەم خۇشال؟» دەپ سورىغىنىمدا ئۇلار دېدىكى: «تىجارىتىمىز ياخشى ئىدى. ئەمما، ئۇ مال كېچىكتى، بۇ خېرىداردىن تېلېفون كەلدى، باج ئىشىنى بىجىرمىسەك بولمايدۇ… » دەپ يۈرۈپ، مەسچىتكە بارغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمايتتىم. ھازىر ئىشلەيمىز، نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيمىز، تۆت تېمى، تورۇسى بار بىر ئۆيىمىز بار، داستىخاندا تامىقىمىز بار، ھايات بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىنچ – خاتىرجەم، ئەلھەمدۇلىللاھ» دېگەنىدى. مانا، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىمان باشقىلارنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان غەم – قايغۇدىن سېنى مۇشۇنداق قوغداپ قالىدۇ.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 17 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار