ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان تارىخ بىلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرگە ئائىت تارىخنى بىلىش زۆرۈر، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى چۈشىنىش، ھېچبولمىغاندا ئىككى ئۈچ يۈز يىل مابەينىدە بېشىمىزغا نېمىلەرنىڭ كەلگىنىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. ئويلاپ باقايلى، ئالجىرىيەلىك مۇسۇلمانلار، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلار، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار، مالايشىيالىق مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ياۋروپا مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغان. فىرانسىيە، ئەنگلىيە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىر مۇنچە يەرلىرىنى مۇستەملىكە قىلىپ، مائارىپ سىستېمىلىرىمىزنى ئۆزگەرتكەن. ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمىزدىن تىللىرىمىزنى چىقىرىپ تاشلىغان. بۇرۇن ھىندىستان ئۆلىمالىرى ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە ئەسەرلەرنى يازالايتتى، ئۈچ تىللىق ئىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئەرەب تىلىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن سىستېمىلىق يوقاتتى. ئىسلامىي كالىندارىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇردى…
بۈگۈنكى كۈندە دىنىمىز تارقالغان تۇپراقلارغا بېرىپ ئەرەبچە سۆزلىسە، يەرلىكلەر دىمىقىنى قېقىشىدۇ. ئىنگلىزچە سۆزلىسە، ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ. يەرلىكلەرنىڭ كىيىمىنى كىيسە، دىمىقىنى قېقىشىدۇ، غەربچە كاستيۇم – بۇرۇلكا كىيسە، ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ. بىزلەرنىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان زېھنىمىز شۇ پېتى قېلىپ قېلىغلىق. بۇ ئىسلامنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ تارىخنى قانچە روشەن بىلسەك، كىملىك ئېڭىمىز شۇنچە كۈچىيىدۇ، بۇ جەمئىيەتكىلا ئەمەس، ئائىلىلىرىمىزگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئوغلى رامىزاندا ساقال قويۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، «نېمانچە رادىكاللىشىپ كەتتىڭ، بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق ئىش يوق. داداڭغا نېمە دەيمەن، تاغاڭ نېمە دەپ قالىدۇ؟ ئۆچكىدەك ساقال قويىۋالساڭ، ساڭا كىم تېگىدۇ؟» دېگەن گەپنى ئاڭلايدۇ. شۇلارنىڭ بىر – ئىككى ئەسىر بۇرۇن ياشىغان بوۋىلىرىنىڭ سۈرىتىنى بىر يەردىن تاپقىلى بولسا، ئۇ كىشىنى چوقۇم ساقاللىق كۆرۈشكەن بولاتتى. بۈگۈن ساقال قويماقچى بولغان بالىلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقان بۇ مەنزىرىنى بوۋىلىرى كۆرسە قانچىلىك بىئارام بولار بولغىيدى، ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بىزلەر تارىخىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشتۇق. بۈگۈنكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىدىكىلەر 70 – 80 يىللار بۇرۇن بوۋىلىرىنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قان تۆككىنىنى بىلمەيدۇ. بۈگۈنكى ئەزان ياڭراپ تۇرغان مەسچىتلەر شۇ زامانلاردىكى ئاتا – بوۋىلارنىڭ كېچە – كېچىلەپ تەھەججۇدتا «ئاللاھ، بىزنىڭ بېشىمىزدىن زۇلۇمنى كۆتۈرىۋەتكىن، ساڭىلا ئىبادەت قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى بەرگىن» دۇئا قىلىشى، قان تۆكۈشى، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى بەدىلىگە كەلگەن. ئۇلار شۇنداق قىيىنچىلىقتا ساقلاپ قالغان بۇ دىن ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرىگە كەلگەندە، «ھەپتە ئاخىرى كۇرستا ئىسلام ئۆگىنىمەنما؟ ۋايجان» دەيدىغان ھالەتكە كەلدى. شۇ بوۋىلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى بۇ دىنغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ بالىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئارىسىدىكى ئاسمان – زېمىن پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە دەل ئاشۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى بىلمەسلىك! «فاتىھە» سۈرىسىدىكى «سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېگەن ئايەتتىكى ئاللاھ ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولى تارىخ ئۆگىنىش بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 18 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار