ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار! («بەقەرە» سۈرىسى 40 – ئايەت)

«ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇپ، بۇ ئايەتتە نېمەت كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدە ئەمەس، بىرلىك شەكلىدە كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىبن ئەشۇر، ئىمام رازى، كەششاف، ئىبن كەسىر تەپسىرلىرىدىن ئىزدەنگەنىدىم، تەكرار ئىزدىنىش داۋامىدا ھامىدۇددىن فاراھى رەھىمۇللاھنىڭ يازغانلىرىدىن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان نېمەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئىكەنلىكى ئايان بولدى» دەيدۇ ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان. «فاتىھە» سۈرىسىدىمۇ ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەيدىغان ئايەت «سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ (نېمەت ئاتا قىلغانلارنىڭ) يولىغا باشلىغىن» بولۇپ، نېمەت ھىدايەت بىلەن باغلانغان ئىدى. نېمەت كەلىمىسى باشقا تىللارغا بەرىكەت دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان، «يەڭگىلچىلىك، ھۇزۇر، ئاسايىشلىق» مەنىسىدىكى بۇ سۆزگە قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر خەۋپ، غەم – قايغۇ، بېسىم… بۇ ئايەتتىن بىر ئايەت ئاۋۋالقى ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەر ھەققىدىكى ئايەتتىمۇ:

…بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ… («بەقەرە» سۈرىسى 38 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېيىلىپ، ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ خەۋپتىن ئەمىن بولىدىغانلىقى، غەمكىن بولمايدىغانلىقى، يەنى نېمەت ئىچىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئاللاھنىڭ تارىختا ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۈستۈن قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغىنىدەك گېنى، ئاتىسىنىڭ كىملىكى، پەرقلىق ئىنسان تۈرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇلارغا ئاتا قىلغان ھىدايەت تۈپەيلىدىن ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ بۇ تەرىپى ئوخشاش، يەنى ئاللاھ بۇ ئۈممەتنىمۇ ھىدايىتى بىلەن شەرەپلەندۈردى، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھىدايەتكە ئەگەشكىنىڭدە ئەتراپىڭدىكى ھەممە نەرسە سېنىڭ ئۈچۈن بەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ھىدايەتسىز قالغىنىڭدا ھەممە نەرسە لەنەتكە ئۆزگىرىدۇ. ھىدايەت ئۈستىدە بولۇپ، يەيدىغانغا كىچىككىنە نەرسەڭ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولىدۇ، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە، ساغلاملىقتا سېنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق، بەرىكەت بولىدۇ. ھىدايەتتىن يىراق بولۇپ، توققۇزۇڭ تەل بولسىمۇ، ھېچنەرسەڭ سېنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق، بەرىكەت بولمايدۇ. يەنى، بىر نەرسە — ھىدايەت — سېنىڭ ھاياتىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ ئاداققى كۆرسەتمىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرىلىكتۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە خەيرىلىكتۇر. بۇنداق بولۇش پەقەت مۆمىن كىشىگىلا نىسىب بولىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى)

1445 – يىل رامىزاننىڭ 19 – كۈنى