ئىنسانلارنى ياخشى بولۇشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇيسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ («بەقەرە» سۈرىسى 44 – ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
يۇقىرىدىكى ئايەت ماڭا ئوخشاش دىنىي تەلىم – تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا «ئەينەككە قاراپ گەپ قىل» تەرىقىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بىر نەرسە ئۆگەتكىنىڭدە ئۆزۈڭ ئۆگەتكەن نەرسىگە سەمىمىي بولۇشۇڭ كېرەك. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئالىملىرى توغرىلىق ۋە ياخشىلىق ئۆلچىمىنى ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭغا رىئايە قىلالمايدىغان دەرىجىدە شۇ قەدەر يۇقىرى بېكىتىۋەتكەن. بەزىدە سورۇنلىرىمىزدا سالىھ ئالىملار ھەققىدە قىسسىلەر سۆزلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرىق كېچە ئۈزۈلدۈرمەي تەھەججۇدقا تۇرىدىغانلىقى، خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن بامدات ئوقۇيدىغانلىقى، ئۈچ كۈندە بىر قۇرئاننى تامام قىلىدىغانلىقى، پۈتۈن بارلىقىنى سەدىقە قىلغانلىقى… دېگەندەك سۈپەتلىرى ئاۋامغا يەتكۈزۈلگىنىدە پەرھىز ئەمەللەردە تەستە ئورۇنلايدىغان كىشىلەر بۇ دىن دەرىجىدىن تاشقىرى سالىھ كىشىلەرگە مۇۋاپىق چېغى دەپ ئويلاپ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ دىندىن يىراقلىشىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇ قىسسىنى سۆزلەۋاتقانلار ئۆزۈڭلار قىرىق كېچە ئۈزمەي تەھەججۇد ئوقۇمسىلەر؟ ئىسلامنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىدىغان ساھابىلەرگە بۇيرۇلغان نەرسە «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار» ئىدى. ئۇنىۋېرستىت ئوقۇشىنى باشلىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى دەرسكە كىرگەن پىروفېسسور: «مېنىڭ دەرسىمدىن %95 ئوقۇغۇچى ئۆتەلمەيدۇ» دەپ باشلىسا، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇ دەرسنى تاشلاپ، باشقا دەرس تاللايدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن قۇرئاننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىگە يۈكلىۋالغان يۈكنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان:
… ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ…. («ئەئراف» سۈرىسى 157 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەمەللەرگە قويغان شەرتى ئاز ساندىكى «قىل ۋە قىلما»لارنىڭ توپلىمى – خالاس. ئەڭ چوڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەر ناماز، زاكات… قاتارلىقلار. ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ گۇناھلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق… قاتارلىقلار، بۇلار قۇرئاندىكى بىزگە بۇيرۇلغان ئىشلار. بۇلاردىن سىرت سۈننەتلەر مەۋجۇت. سۈننەت ئەمەللەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قازىنىش ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىدۇر. مەسىلەن، پەرھىز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلار، زىكىرلەر، ئىستىغپارلار، دۈشەنبە، پەيشەنبىدە روزا تۇتۇش، تەھەججۇد دېگەندەك ئەمەللەر. بۇلار قىلىنسا ئەۋزەل، قىلىنمىسا، گۇناھكار بولمايدىغان ئەمەللەر. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە پەرھىز ئەمەللەر تاشايىنىدىكى ئەمەللەر شۇ قەدەر كۈچلۈك تەكىتلەنگەنكى، نورمال بىر مۇسۇلمان پەرھىز ۋە سۈننەت ئەمەللەر ئارىسىدىكى پەرقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئاۋۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، مەن تۇغۇلغان دۆلەتتە پېشىننىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەتلەر پەرھىزى بىلەن قوشۇلۇپ، پېشىن نامىزى مۇشۇ، دەپ ئۆگىتىلىدۇ. ھېچكىمگە تۆت رەكەت پەرھىزنىلا ئوقۇساڭ بولىدۇ، دېيىلمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە سۈننەتلەرگە كۆنمىسە، پەرھىزنىمۇ تاشلىۋېتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى. دىنغا مايىل بولغان بىرى قانچە رەكەت ناماز ئوقۇيدىغىنىنى سورىغىنىدا بۇلار سۆزلەنسە، «ۋاي – ۋۇي، بۇلارنى مەن ئوقۇپ بولالمايمەن» دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلارغا ئەڭ بولمىغاندا پەرھىزىنى ئوقۇش ئېيتىلغان بولسا، بەلكىم نامازنى تەرك قىلىشتەك چوڭ گۇناھتىن سااقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز مۇسۇلمانلارنى ساقلاپ قالىمىز، دەپ ئەڭ تۆۋەن شەرتنى يۇقىرى بەلگىلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاز ساندىكىلەر بۇنى كۆتۈرەلەيدۇ، كۆپ ساندىكىلەر پۈتۈنىنى تەرك ئېتىدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ھارام قىلىنغان ئىشلاردىمۇ مەۋجۇت. ئوچۇق ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ھارامدۇر. بەزىدە فەقىھلەر بۇ نەرسە ھارام ئەمەس، ئەمما، ھارامغا ئاپىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ھارام، دەيدۇ. بىر قېتىم بىر ياشلار يىغىلىشىغا بارغانىدىم. ماڭا نۆۋەت كېلىشتىن بۇرۇن بىر شەيخ 45 مىنۇت نېمە ئۈچۈن يۇتۇبنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزلەۋاتقاندا لېكسىيە نەقمەيدان يۇتۇبتا تارقىتىلىۋاتاتتى. ئۇ تايانغان نۇقتا «يۇتۇبتا سېنى ھارامغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى تەرك ئېتىش كېرەك» ئىدى. بۇ «پەتىۋا»مۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئىدى. بۇ خاھىش كۆپەيسە، «ھارام»لار ئاۋۇپ، نورمال بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھارام دېيىلىدىغاندەك بىلىنىپ، دىندىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. مەن فەقىھ ياكى مۇپتى ئەمەس، بۇ سۈپەتلەرگە يېقىنمۇ كېلەلمەيمەن. بىر نەرسىنىڭ ھالال – ھاراملىقىنى يەتكۈزمەكچى بولسام، بىر فەقىھتىن سوراپ سىلەرگە يەتكۈزىمەن. بەزىدە ھەممىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھارامغا چىقىرىدىغان ئۆلىمالارنىڭ ئۆزى ھارام دەيدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. مەسىلەن: «سۈرەتكە چۈشۈش قەتئىي ھارام» دەيدىغان بىر ئۆلىمانىڭ پاسپورتقا سۈرەتكە چۈشكىنىنى كۆرۈپ، «ھارام ئىدىغۇ» دېگىنىڭىزدە «بۇ زۆرۈرىيەت» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «سىز پاسپورت بىجىرىپ ھەجگە ئەمەس، ئۆمرىگە بارماقچى، ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھارام ئىش قىلىش توغرىمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەردە سەمىمىي بولغان تۈزۈك. مانا بۇ ئايەتتىكى «ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟» دېگەن نۇقتا. بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرى ئىلىملىك ئىدى. شۇڭا، ئۇلارغا «بىلمەمسىلەر» دېيىلمىدى، «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېيىلدى. قۇرئاندا «بىلىش» بىلەن «ئەقىل ئىشلىتىش»نىڭ پەرقى بار. بەزىلەر بىر نەرسىنى بىلىشى مۇمكىن، ئەمما، ئۇنىڭ ھەققىدە ئويلانماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر قۇرئاننى كۆپ بىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ھەققىدە تەپەككۇر قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەدىسنى يادلىغان بولۇشى، ئەمما، ھەدىس ئۈستىدە ئويلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. قۇرئاندا ئىزچىل تەنقىد قىلىنغان نەرسە «نېمىشقا بىلمەيسىلەر؟» ئەمەس، بەلكى، «نېمىشقا ئەقىل ئىشلەتمەيسىلەر؟». ئالىملار، رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى ئۇلارنىڭ توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغانلىقىنى، تەپەككۇر جەريانىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىلىمسىز قالغان كىشىلەردە مەسىلە بولسا، ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تەلىم – تەربىيە شەرت بولىدۇ. لېكىن، ئىلىملىك كىشىلەردە مەسىلە بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ مېڭىسى ئىلىمگە توشۇق كىشىلەردە مەسىلە كۆرۈلسە، بوشلۇقنى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدەش كېرەك. شۇڭا، ئاللاھ كېيىنكى ئايەتتە «سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار» دەيدۇ.
ئاللاھ ئالىملىرىمىزنى، دەۋەتچىلىرىمىزنى توغرىغا يېتەكلىگەي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 21 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار