ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار. («بەقەرە» سۈرىسى 51 – ئايەت)

ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ موزايغا چوقۇنغان ۋەقەلىكىنى كۈنىمىزدىكى شېرىك ئىبادەتلەرگە تەققاسلاپ شۇنداق دەيدۇ:

مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتسە، ئۆگۈت – نەسىھەتلەرنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئاجايىپ – غارايىپ ئەمەل – ئىبادەتلەر ئىگەللەيدۇ. كىشىلەر نەدىن پەيدا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ ئەمەللەرنى سۈرۈشتە قىلماستىن ئەگىشىشكە باشلايدۇ. ئاجايىپ ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ھالقا بولۇپ سەكرەشسە ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ. بەزىدە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىر جىنكەشنىڭ يامانلىقىنى، جىن ۋاسىتىسى بىلەن ئەر – ئاياللارنى ئايرىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ ئىشلار بەنى ئىسرائىلنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ دەل ئۆزى. بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلىرىمىز شۇ قەدەر نادانكى، ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن مۇشۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرماقچى بولساڭ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللەرگە ھېسسىيات جەھەتتىن شۇنچىلىك چوڭقۇر باغلىنىپ، ئۇلارنى قوغداش تەرەپتارى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسەن. ئۇلارغا بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە قەبرىلەرگە ئوچۇق – ئاشكارا سەجدە قىلىدىغان، قەبرىگە ئاپىرىپ، ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان، قەبرە ئەھلىدىن مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغان ئىشلار بار. «بۇ ئىشلارنى نەدىن تاپتىڭلار؟» دەپ سوراپلا قويساڭ، ئۆلگىنىڭ شۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ چارىسى نېمە؟ بۇلارنىڭ چارىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا قايتىش. چۈنكى، كىشىلەردە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا سۆيگۈ ئويغانغىنىدا ئۇلار بۇ خىل ئىشلاردىن يىراقلىشىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان قەۋمىگە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن كەلگەنىدى. بۇ كۈنلەردە بىز قۇرئاندىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە ئىچىمىزدە مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. مەن ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار «فاتىھە» سۈرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئوقۇپ باقمىغان. «ئىخلاس» سۈرىسىنىڭ مەنىسىگە ھەقىقىي چۆكۈپ باقمىغان. «بەقەرە» سۈرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ باقمىغان. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاننىڭ قەلبلەرنى پاكلايدىغانلىقىنى، ئويلىرىڭنى، تۇيغۇ – ھېسلىرىڭنى پاكلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە «بۇ شېرىك، بۇ ھارام، بۇ بىدئەت» دېسەك، ئۇلار تېخىمۇ تەرسالىشىپ، ئۆزىنىڭ ناتوغرا ئەمەللىرىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ. شۇڭا، بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس، بۇ ھېچنېمىنى ھەل قىلمايدۇ. پەقەت «مەن ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم» دەپ ئويلايسەن – خالاس. توغرىسى، شۇنداق كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ، «كېلىڭلار فاتىھەنى ئۆگىنەيلى، بەقەرە سۈرىسىنى كۆرۈپ باقايلى، ئال ئىمرانغا قاراپ باقامدۇق؟» دېيىش. چۈنكى، شېرىك ئەمەللەرگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە قۇرئانغا مۇھەببەت بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيگۈسى بولىدۇ. شۇ سۆيگۈنى ئۇرغىتالىساڭ، ئۇلارنىڭ توغرا چۈشەنچىلىرىنى كېڭەيتەلىسەڭ، بارا – بارا قەلبىدە خاتا چۈشەنچىلەرگە ئورۇن قالمايدۇ. مەككە ئەھلىدە پۈتۈن يامان خۇلقلار مەۋجۇت ئىدى. شۇلارنى تۈزىگەن نەرسە پەقەت ۋە پەقەت قۇرئان. نېمىشقا قۇرئان يەتمەيدىغاندەك ئويلىۋالىسىلەر؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى يوقىتىشتا تۇتقان يولى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈش ئىدى. بىز قۇرئاننىڭ ئۆگەنگۈچىلىرى، ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى بولساقلا، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى قۇرئان ئۆزى تازىلايدۇ. دىللاردىكى كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاننىڭ شىپا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولىدىن ئايرىمىسۇن، قەلبلىرىمىزنى قۇرئان نۇرىدا پاك ۋە ساغلام تۇرغىلى نىسىب قىلسۇن.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 22 – كۈنى