ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 59 – ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئايەتتىكى «دەرۋازىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار» ئەمرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇددۇس فەتھىدە ئۇلاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بوينىنى ئېگىپ، بېشىنى ئۇلاغنىڭ بوينىغا تەگكۈزۈپ، ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلدۈرۈپ كىرگىنىگە ئوخشاش كىرىشنى كۆرسىتىدۇ. سەجدىدە دېيىش بۇيرۇلغان «يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن» كەلىمىسىنىڭ تەپسىرى «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتىدىكى «بىزگە بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن» دېگەن قىسىمدىدۇر. راھەت نەپەس ئېلىشىمىز ئۈچۈن، يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن، دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا بۇ دىننىڭ كىشىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنىڭ ئىشارىتى. ئاللاھ قۇرئاندا شۇنداق دېگەن:
ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى. («نىسا» سۈرىسى 28 – ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن شۇنىسى ئايانكى، كىمىكى ئاسايىشلقنىڭ، نۈسرەتنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭغا ئېچىلغىنىدا ئاللاھقا شۈكرى قىلىشنى بىلسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئىنسانلار ئادەتتە قىيىنچىلىق چاغلىرىدا ئاللاھقا يۈزلىنىدۇ. ئائىلىسىدە كېسەللىك، ئۆلۈم – يىتىم بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسا ۋە باشقا سىناقلار كەلسە ئاللاھنى كۆپ ئەسلەيدۇ. پۇل – مېلى كۆپ، ئەمىلى ئۆسكەن، يېڭى ماشىنا، يېڭى ئۆيلىرى بولغان، توققۇزى تەل چاغدا سەجدىگە بېرىپ، «ئاللاھ يۈكۈمنى يەڭگىللەتكىن» دەپ دۇئا قىلمايدۇ، ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. باشقىلار ئاللاھنى ئەسلەشنى ئاگاھلاندۇرغىنىدا، «بولدى قىلە، ئارامىدا قويە ئادەمنى، يەنە خۇتبە سۆزلىگىلى تۇردۇڭ، بۈگۈن جۈمە ئەمەس» دەيدۇ. ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئەسلەش كىچىك ئىش ئەمەس، ئاسايىشلىقتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ پەقەت يۈكسەك ئىمانغا ساھىپ ئېھسان ئەھلى كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. غەلىبە – نۈسرەت پەيتى پەخىرلىنىپ، كۆرەڭلەپ، ۋارقىراپ – جارقىرايدىغاندىغان ئەمەس، نۇسرەت نىسىب قىلغان قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلدۈرىدىغان پەيتتۇر.
ئاللاھ بىزنى ھۇزۇر – ھالاۋەتتە شۈكۈر بىلەن، قىيىنچىلىقتا سەۋر بىلەن زىكرىنى داۋام قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 23 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار