سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىنى ناچار نەرسىگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى. («بەقەرە» سۈرىسى 61 – ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بەنى ئىسرائىلنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى تەلەپلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
يېگۈدەك نەرسەڭ يوق، ئىلاجىسىز ھالەتتە قالساڭ، قانداق قىلىسەن؟ دۇئا قىلىسەن. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى دۇئا قىلمىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «رەببىڭگە دۇئا قىل» دېدى. «رەببىڭگە دۇئا قىل» دېگەن ئوخشاش گەپنى ئۇلار قارشى قىرغاقتىكى چاغدا ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ، فىرئەۋننىڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مىسىر كاتتىلىرىمۇ دېگەنىدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېلىھەم سېنىڭ رەببىڭگە ئىمان ئېيتىش نىيىتىمىز يوق، سەن دۇئا قىلىپ سورىغىن. بىز ئۇنىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى چۈشۈرگىمىز يوق» دېمەكچى ئىدى. ئاللاھ دېڭىزنى يېرىپ قۇتقۇزغان بۇ قەۋممۇ قارشى تەرەپتىكىلەرگە ئوخشاش گەپنى قىلىشتى. قۇرئاندا رەب كەلىمىسى «ئالەملەرنىڭ رەببى»، «ئىنسانلارنىڭ رەببى» دېگەندەك شەكىللەردە كېلىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ (ئۆزگەرتىلگەن) كىتابىدا «بەنى ئىسرائىلنىڭ رەببى» دەپلا كېلىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ مەركىزىدە ئاللاھقا ئىبادەت مەسىلىسى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ مەركىزىدە تۇپراق مەسىلىسى تۇرىدۇ: «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار»، «ئىسرائىلغا ۋەدە قىلىنغان تۇپراق» دېگەندەك. بۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئۆزگەرمەس كەلگەن مەسىلە.
ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «نېمە دەپ رەببىڭگە دۇئا قىلمايسەن، بىز تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى يەۋېرەمدۇق؟ بىزنىڭ سالاتلارنى، ھەرخىل تاماقلارنى يېگۈمىز بار» دېگەن تەلەپپوزدا تەلەپلىرىنى ئېيتىشتى ھەم مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كۆكتات دۇكىنىغا ئەۋەتكەندەك تىزىملىكتىن بىرنى بەردى: يېشىل ئوتياشلار، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىياز. ئۇلار دۇئا قىلىپ رىزق تەلەپ قىلىشمىدى، ئۆزلىرىگە سەۋر ئاتا قىلىشىنى تىلەشمىدى، بۇ نېمىدېگەن ھۆرمەتسىزلىك! ئۇلار سورىغان بۇ نەرسىلەر ئۆز ۋاقتىدا مىسىرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تاماققا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلىرى ئىدى. بۇلار ئۇلارنىڭ مىسىردا قۇل چاغلىرىدا كۆرگەن نەرسىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى سېغىنىشى تۈرمىدىن ئازاد بولغان بىرىنىڭ ئازادلىققا چىققاندىن كېيىن تۈرمىنىڭ تامىقىنى سېغىنغىنىغا ئوخشاش ئىش ئىدى. ئەگەر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تۈرمىنىڭ تامىقىنى سېغىنساڭ، ئۇ يالغۇز تاماقنى سېغىنغىنىڭ ئەمەس، بەلكى تۈرمە ھاياتىنى سېغىنغىنىڭ بولىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ ھۆر ھاياتىغا شۈكرى قىلماستىن قۇللۇقتىكى تاماقلىرىنىڭ غەلۋىسىنى قىلىشى ئۇلارنىڭ مىسىردىكى خار، پەس كۈنلىرىنى سېغىنىش بولاتتى. شۇڭا، مۇسا ئەلەيھىسسالام: «ياخشى نەرسىنى ناچار نەرسىگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟» دېگەن سۆزىدە بىر قاتار نەرسىلەر بىلەن يەنە بىر قاتار نەرسىلەرنى سېلىشتۈرمىدى، بىر نەرسە بىلەن يەنە بىر نەرسىنى يەنى ئاللاھقا قۇللۇق بىلەن بىلەن بەندىگە قۇللۇقنى سېلىشتۇردى. ئىنسانلار بىر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن ھۆر بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ھۆرلۈك ئۇقۇمى پەقەت ئاللاھنىڭ سايىسى ئاستىدا بولغان قۇللۇقتۇر. قاچانىكى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ قۇلى بولسا، ئۇلار مودىنىڭ، ئېقىمنىڭ، پۇلنىڭ، باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ، باشقا ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ، ئۆلچەملەرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلىدۇ. پەقەت ئاللاھنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلايدۇ، بەندىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت غېمى بولمايدۇ. ئاللاھقا قۇلچىلىقنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋەجىدىن جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن يۈكىدىن ئازاد بولىدۇ. غەربلەشكەن جەمئىيەتلەر ئۆزلىرىنى تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە دەپ جار سېلىشىدۇ. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئامېرىكىدا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىپ باقمىغان. بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىلاردا مەلۇم ئۇسلۇبىدا كىيىنىدىغان، مەلۇم ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلارنى ئاڭلايدىغان، مەلۇم ئۇسلۇبتا سۆزلەيدىغان بىر توپ بولىدۇ. ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئۆتمەكچى بولساڭ، ئاشۇلاردەك بولۇشۇڭ شەرت. ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىلا ئەمەس، تەلەپپوزى، ئاڭلايدىغان مۇزىكىسى، يۈرۈش – تۇرۇشى ھەممىسى ئۇلارنىڭ «فورما»سىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن سەنمۇ شۇ «فورما»نى كىيىشىڭ كېرەك. بۇ خىل ئىجتىمائىي قۇللۇق ئېڭى سىڭىپ كەتكەن مۇھىتتا، چوقۇم بىرلىرىدەك بولۇشۇڭ كېرەك، ئۆزۈڭ بولالمايسەن. قىزلار بىرىنىڭ سومكىسىدەك سومكىغا ئېرىشىشنى ئۆلگۈدەك ئارزۇلىشىدۇ، ئوغۇللار مەلۇم ماركىلىق ئاياغنى كىيىشكە زار بولۇشىدۇ. ئۇچاڭدا مەلۇم بىر ماركىلىق كىيىم بولمىسا، سېنىڭ ھېچ قىممىتىڭ بولمايدۇ. كىشىلەر سېنىڭ ئۈستىۋېشىڭغا، كىيگەن ماركاڭغا قاراپ سېنى ئادەم سانايدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ماركىلار، مودىلار ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ خىل ئىجتىمائىي قۇللۇق ئېڭى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىڭنى تونۇغىنىڭدا بۇ خىل يۈكلەرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلىسەن. مانا بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېمەكچى بولغىنى ئىدى.
ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندە ئۇنىڭغا «چۈشۈڭلار» دېيىلگىنىدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ سامساق، يېسىموق… كويىغا چۈشكەندە ئۇلارغا «چۈشۈڭلار» دېيىلدى. قورساق كويى ئەزەلدىن ئىنسانلارنى ئەزىزلىكتىن خارلىققا چۈشۈرۈپ كەلدى…
ئاللاھ بىزنى ھۆرلۈكنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، تۇزكورلۇقتىن ساقلىسۇن.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 24 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار