ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 62 – ئايەت)

ھەققىدە كۆپ تالاش – تارتىشلار مەۋجۇت بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:

بەنى ئىسرائىل ئىزچىل «ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان قەۋم» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ باشقا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تەرك ئەتتى. ئاللاھ بەزىلەر گىرىپتار بولغان ئۆزلىرىگە قويۇلغان نامنى يېتەرلىك دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا ئىسپاتلاشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوقتەك ھېس قىلىدىغان بۇ خىل كېسەللىككە دىققىتىمىزنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ كېسەللىك دۇنيادىكى چوڭ دىنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ شۇ دىندا ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ھەق دىنىمىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ شۇ. «مەن كىرىش بېلىتىمنى ئېلىپ بولدۇم، شاھادىتىمنى ئېيتتىم، مەن مۇسۇلمان، ئەمدى باشقا مەسىلە يوق» دەپ ئويلايدۇ. گىرامماتىكا نۇقتىسىدىن بۇ ئايەت «ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىنلار»دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسىدىن باشلىنىپ، جۈملىنىڭ خەۋىرى كەلمەستىن تەكرار «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار» دەپ يەنە جۈملىنىڭ ئىگىسىگە قايتىدۇ. ئايەتنىڭ بېشىدا يەھۇدىي، ناسارا، سابىئىي دېگەن دىنىي ناملار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئەمەلىيەتنىڭ كىشىلەرگە بېرىلگەن نامدىن مۇھىملىقىغا دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، كىم ھەقىقىي ئاللاھقا ئىشەنسە، ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنسە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، يەنى، مېنىڭ كۆرۈشنى خالايدىغىنىم قەلبلەردىكى ھەقىقىي ئېتىقاد ۋە سەمىمىي ئەمەل، كىمدە مۇشۇلار بولسا، ئۇلارنى مۇكاپاتلايمەن، دەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتكە «نەتىجە سېنىڭ نامىڭغا قاراپ ئەمەس، قەلبىڭگە ۋە ئەمەلىڭگە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا، نامىڭغا ئىشىنىپ كەتمە» دېگەن نۇقتىدىن قاراش كېرەك. ئەمما، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئايەت «مۇسۇلمان، يەھۇدىي، ناسارا، سابىئىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھقا ئىشەنسە، ئاخىرەتكە ئىشەنسە، ياخشى ئەمەل قىلسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. يەنى، سېنىڭ پەيغەمبەرگە بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا يەھۇدىي ياخشى يەھۇدىي بولسا، ناسارا ياخشى ناسارا بولسا يېتەرلىك» شەكلىدە چۈشىنىلىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ شەكىلدە چۈشىنىش بۇ ئايەتنىڭ كونتېكستى (ئالدى – كەينى باغلىنىشى) غا توغرا كەلمەيدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئەڭ باشتىلا ئىمان تىلغا ئېلىندى. ئالدىنقى پۈتۈن ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەنلىكى تەنقىد قىلىندى. كونتېكستكە بىر پۈتۈن ھالەتتە باققىنىمىزدا پۈتۈن مەزمۇننىڭ ئاخىرقى ۋەھىيگە ئىمان ئېيتىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نۇقتىنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى نەەردىن ساقىت قىلالمايمىز.

ئايەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ داۋامى ئەتە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

ئاللاھ بىزنى ئايەتلىرىنى ئەسلى ھەقىقىتى بىلەن چۈشىنىشكە نىسىب قىلسۇن، ئازغۇنلۇقتىن ساقلىسۇن.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 25 – كۈنى