ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 62 – ئايەت)
بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى «ئىمان ئېيتقانلار» ئايرىم بىر پىرقىنى كۆرسەتمەي، كەڭرى ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ، «يەھۇدىيلار» مەنىسىنى بېرىدىغان «هَادُواْ» كەلىمىسى «قايتقۇچىلار» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ، «ناسارالار» مەنىسىدىكى «النَّصَٰرَىٰ» كەلىمىسى «ياردەم بەرگۈچىلەر» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ، «ٱلصَّٰبِـِٔينَ» كەلىمىسى «دىنىنى ئۆزگەرتكۈچى» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرەيشلىكلەر قۇرەيش دىنىنى تاشلاپ باشقا دىنغا ئىشەندى دەپ، شۇنداق ئاتاشقانىدى. يەنى، ئايەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا دېيىلگىنى «ئاللاھقا قايتقۇچىلار، ھەققە ياردەم بەرگۈچىلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنە – كۈلتۈرلىرىدىن ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلىنىپ، چىن ئېتىقادنى تاپقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۈچ شەرت بىلەن يەنى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئايەتتە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ زىچ باغلىنىپ بايان قىلىنىشى، ھەقىقىي ئىماننىڭ زۆرۈر تەرتىپىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. سەن ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشەنسەڭ، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىسەن. ئاللاھقا ئىشەنمىسەڭ، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغىمۇ ئىشەنمەيسەن. دۇنيادا ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئادىللىقى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنى ئاللاھ ياراتقان مەلۇم بىر مېخانىزم ھەل قىلغاندىلا ئاندىن ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش بولىدۇ. ئۇ مېخانىزم دەل ئاخىرەتتۇر. بۇ مېخانىزم بولمىسا، ئادالەتسىزلىكلەر ئادالەتسىز پېتى قېلىپ، تۈرلۈك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەر جازاسىنى تارتماي جازادىن قېچىپ يۈرمەمدۇ؟ شۇڭا ئاللاھ چىن ئىمان ئاخىرەتكە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرەتكە ئىماننىڭ بەنى ئىسرائىلغا تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىتابىدىن ئاخىرەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن (ئىلگىرىكى ئايەتلەردە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاخىرەتكە ئىشىنىشنىڭ زۆرۈر نەرسە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى تەركىبىدە ئاخىرەت ئېتىقادى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ گۇناھ – مەئىسىيەتتىن قاچمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنىڭ پەقەت بۇ دۇنيا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى). ئىمان ۋە ئاخىرەت بىر – بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىككى نەرسە. سەن ئاللاھقا ئىشەنسەڭ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرەتكە ئىشىنىسەن. بۇ سېنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئايەتتە بۇلاردىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان نەرسە ياخشى ئىش قىلىش. بۇ يەردە بەجايىكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، دېيىلىۋاتقاندەك. يەنى، بۇ ئۈچ نەرسە لوگىكىلىق سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
ئەمدى بېقىش نۇقتىسىدىكى پەرق مەسىلىسىگە كېلەيلى. مەن ئوقۇتقۇچى، سىلەر ئوقۇغۇچى. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ئوقۇغۇچى تىرىشمايدۇ. ئۇنىڭدىن «تاپشۇرۇق ئىشلىدىڭمۇ؟» دېسەم «ياق» دەيدۇ، «سەن تىرىشمىدىڭ» دېسەم، «ياق، مەن تىرىشىۋاتىمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ ناھايىتى تىرىشچان. مەن ئۇنىڭ بەش يىلدىن بىرى دەرسىمدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا، ئۇنى تىرىشمىدى، دەيمەن. سىلەرچە كىمنىڭ قارىشى بەكرەك يوللۇق؟ مېنىڭ. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بىرى ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، ئاللاھ «ئۇلار ئىشەنمەيدۇ» دېسە، كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ! بىراۋنىڭ ئىمان ئېيتتىم دېيىشى، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتمىدىڭ، دېيىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن. چۈنكى، ئۇنىڭ گېپى ئېغىزىدىن چىققان گەپ. لېكىن، ئاللاھ قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى غەرەزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئايەتتە، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار» بىراۋنىڭ شەخسىي قارىشىدىكى ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتەمدۇ ياكى ئاللاھ نەزەرىدىكى ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتەمدۇ؟ «ئىلاھ ئۈچتۇر» دەيدىغانلار ئۆزلىرىچە «ئىمان ئېيتقان» ھېسابلانغان بىلەن، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە كاپىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئايەتتىكى ناسارالار «ئىلاھ ئۈچتۇر» دېمەيدىغان ناسارالاردۇر. يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىكى «بىز باي، ئاللاھ پېقىردۇر» دەيدىغانلارنىڭ ئۇلارنىڭ «ئاللاھقا ئىشەندۇق» دېيىشى ئاللاھ نەزەرىدە ئىمان ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلار دېگىنى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئاللاھنىڭ دېگىنىدەك ئىمان ئيېتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىماننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن. ياخشى ئەمەللەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئىمان ۋە ئەمىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولغاندىلا ئاندىن ئايەتتە بايان قىلىنغان نەتىجىگە ئېرىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. ئاللاھ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەقنى ئىزدىگۈچىلەرنى، ئۆزىگە سەمىمىي يېقىنلاشقۇچىلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
ئاللاھ بىزنى مۇكاپاتىغا نائىل بولغانلار جۈملىسىدىن قىلغاي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 26 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار