بىز بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت قىلدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 66 – ئايەت)

ئايەتتىكى «موعظة» كەلىمىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:

بۇ كەلىمە «وعظ(ۋەز)» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، «باشقىلارغا نەسىھەت قىلىپ قەلبىنى تەسىرلەندۈرمەك» مەنىسىدە. باشقىلارنى نەسىھەت بىلەن تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا توغرا ۋاقىتتا گەپ قىلىشقا، يۇمشاق گەپ قىلىشقا، تۆۋەن كۆرمەستىن، چېچىلماستىن، دوستانە گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى، كىشىلەرنىڭ قەلبى دېگەنلىرىڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت قىلىشتىن بۇرۇن بەزى شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ كەلىمە دەل «ئەئ‍راف» سۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن كەلىمە بىلەن بىر يىلتىزدىن كەلگەن.

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى.‏ («ئەئ‍راف» سۈرىسى 164 – ئايەت)

بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئاللاھ قىيامەت قايىم بولغىچە تەقۋادارلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت ئېلىشتىن باشقا، باشقىلارغىمۇ ۋەز – نەسىھەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. بۇ يەردە بىز مۇسۇلمانلار ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر مەسئۇلىيەت ھەققىدە گەپ قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ:

بىز، باشقىلارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىز تەلتۆكۈس توپ – توغرا بولمىساق بولمايدۇ، ئ‍ۆزىمىز پاك – پاكىزە، ياخشى بولماي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلساق بولمايدۇ. ئۆزىمىز ناچار تۇرۇپ قانداقمۇ باشقىلارنى ياخشى بول دېيەلەيمىز، دەپ ئويلايمىز. بۇ گەپنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، پەقەتلا قوشۇمچە شەرت سۈپىتىدە توغرا. ئۆزۈڭ قىلمايدىغان ئىشنى باشقىلارغا بۇيرىساڭ بولمايدۇ، بۇ راست. لېكىن، ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا نېمىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشۈڭگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، «مەنمۇ قۇسۇرسىز ئەمەس، ئەمما، بىز مۇشۇنداق قىلىپ باقايلى» دېيىشتىن تارتىنماسلىق كېرەك. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك بىر زاتمۇ «سىلەرنى ۋە ئۆزۈمنى ئاللاھتىن قورقۇشقا چاقىرىمەن» دەيتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەن سىلەرگە سۆزلەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ئالدىمدا مىكروفون، كامېرا بولغىنى ئۈچۈن، ئاڭلىغۇچىلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ قالمايمەن. بىراۋغا نەسىھەت قىلىشىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى، پاك ۋەياكى ئۈستۈن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۆزەڭلەرغا «مەن بىر كۈنى ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدىغان بىرى بولساڭلار، سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئۆلچىمىڭلاردا يېتەرلىك ياخشى بولۇپ بولالمىغىنىڭلارنى بىلدۈرىدۇ. «مەن ئەمدى كامالەتكە يەتتىم، ئەمدى ياخشىلىنىشقا ئېھتىياجىم يوق» دەيدىغان كۈننى ساقلاۋاتقان بولساڭلار، بىر كۈنى پەرىشتىگە ئايلىنىشنى كۈتۈۋېتىپسىلەر. ئۇنداق ئىش بولمايدۇ. ئەگەر بىرى «مەن ئوبدان ئادەم، شۇڭا، باشقىلارغا ۋەز – نەسىھەت قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭدا كىبىر بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ دىننى بىزگە يەتكۈزگەن ئۇلۇغ زاتلار، ساھابە كىراملار ئۆزىنى ئۆزلىرىنى (تەقۋادارلىقتا) ئۈستۈن چاغلىمايتتى. ئ‍ەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھ، مېنى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن ياخشى قىلغىن، ئۇلار بىلمەيدىغان ئىشلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنىڭ مەن توغرىلىق سۆزلىگەنلىرى ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالمىغىن» دەيتتى. بىز مەن ياخشى ئادەم ئەمەس، دېگەن باھانىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالساق بولمايدۇ، ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، باشقىلارنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دالالەت قىلىش كېرەك. «مەن قۇسۇرسىز بولمىسام، باشقىلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمەن» دېمىگىن، ھېچكىم قۇسۇرسىز ئەمەس. دىنىمىزمۇ بىزدىن قۇسۇرسىز بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، تەقۋادارلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ قىسسىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق شۇكى، تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ۋەز – نەسىۋەتنى ھەمراھ قىلىش كېرەك.

ئاللاھ زىممىمىزدىكى ۋەز – نەسىھەت بۇرچىنى ھېكمەت بىلەن نەتىجىلىك ئادا قىلالايدىغان دىت ۋە جۈرئەت ئاتا قىلسۇن.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 30 – كۈنى