قايسى كۈنى بىرىنىڭ كوچىدىكى كىشىلەردىن «سۇبھاناللاھ»نىڭ مەنىسىنى سورىغان زىيارەت ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ قالدىم. مەنىسىنى بىلىدىغانلار 10 پېرسەنت ئەتراپىدا چىقتى. «بىسمىللاھ»نىڭمۇ شۇ. زىكىرنى مەنىسىنى بىلىش – بىلمەسلىك مۇھىم بولمىغان، تەكرارلاش سانى مۇھىم بولغان «دىنىي گەپ»لەر دەپ بىلىدىغان چېغى كۆپىنچە كىشىلەر. تۈركلەرنىڭ تەسبىھ تارتقاندا ئۇنى يۈرىكىگە ئۇدۇللاپ تۇرۇپ تارتىش ئادىتى بەلكىم «زىكرىڭ ئېغىزىڭدىن ئەمەس، قەلبىڭدىن چىقسۇن» دېگەن نىيەتتە ئۆگىتىلگەن بىر ئىش بولۇشى ئېھتىمال (دىققەت: تېما زىكىرنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، تەسبىھ تارتىشنىڭ توغرا – خاتالىق مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرسىڭىز). ئەمما، ئېيتىۋاتقان زىكىر ئېغىز ۋە بارماقلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالغاندا، قانچە كۆپ تەكرارلانسىمۇ زىكىر ئېيتقۇچىنى ئىسلاھ قىلمىسا كېرەك. قايسى كۈنى مۇرات يىلدىز ئۇستازنىڭ بىر دەرسىدىكى زىكىر ھەققىدە توختىلىپ:
جۆرىڭىز بىلەن سۆزلەشكەندە، مېھىر بىلەن، كۆيۈم بىلەن گەپ قىلغان بولسىڭىز، ئاللاھنى زىكىر قىلغان بولدىڭىز، بۇ زىكىر بىلەن قەلبىڭىزنىڭ ھۇزۇرلانغانلىقىنى سېزىسىز. ئەمما، ئۇنىڭ جېدەل قىلغىنىڭىزدا قەلبىڭنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى، سىقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئۆيدە تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ، يىراقلارغا كەتكۈڭىز كېلىدۇ. چۈنكى، زىكىردىن يۈز ئۆرىدىڭىز. بىز زىكىرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ قولىمىزغا تەسبىھ ئالىمىز، تارتىمىز، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ تېخنىكىلىق تەرىپى. يولدا كېتىۋاتىسىز، بىرىنىڭ قاتناشتا قىلغان بىر ئىشىغا چېچىلدىڭىز. بۇ چېچىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرىدىڭىز. ئەمما، بىر ماشىنا ئالدىڭىزدىن ناھايىتى تېز كېسىپ ئۆتكەندە، «بىر جىددى ئىش چىققان چېغى. بەلكىم، دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندۇ، بەلكىم، ئايالىنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىنى بىرى يەتكۈزدى. رەببىم ياردەم قىلسۇن» دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، سىز زىكىر قىلدىڭىز…
دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئىش – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن زىكىرلىرىمىزنى ئايرىم – ئايرىم يەرلەرگە، ئايرىم – ئايرىم ۋاقىتلارغا تەقسىم قىلىپ قويغىنىمىزدا، زىكىرلىرىمىز چىن مەنىسى بىلەن ئىش – ھەرىكەتلىرىمىزگە سىڭمىگىنىدە زىكىرلەر مەسچىتلەردە، مەسچىتكە ماڭغان يوللاردا، دىندار كىشىلەر بىلەن يىغىلغان سورۇنلاردىلا قېلىپ قالىدىكەن. ھاياتىمىز، تۇرمۇشىمىزنىڭ باشقا ھالقىلىرىنى دىندىن ئايرىلغان (لايك) ھالەتتە داۋاملاشتۇرىدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە راستچىللىق – سەمىمىيەت، مېھىر – مۇھەببەت كېمىيىپ، ھاياتنىڭ تەمى قالمايدىكەن.
ھەر بىر زىكىر ئەھلىگە زىكىرلەرنى ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈش بىلەن قەلبلىرىمىزنى ھۇزۇرغا تولدۇرۇش نىسىب بولسۇن.
يېقىنقى ئىنكاسلار