ئائىلە ئىشلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قوللىرى قاپىرىپ كەتكەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە خىزمەتچى سورىغاندا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى دەپ بېرەيمۇ، دەپ ھەر نامازدىن كېيىن سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر زىكىرلىرىنى 33 قېتىمدىن ئېيتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس كۆپىنچىمىزگە تونۇشلۇق. بۇ زىكىرلەرنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشتىكى ھېكمىتى ھەققىدە نۇئمان ئەلىخان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ دەرسلىرىدىن ھېس قىلغانلىرىمنى يەتكۈزگۈم كەلدى.
1. سۇبھاناللاھ. سۇبھاناللاھ دېمەك ئاللاھنى جىمى قۇسۇر، كەمچىللىكتىن پاك دېمەكتۇر. ھايات يۈكى ئاستىدا ئېزىلىپ ئېغىزىمىزدىن «نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىم؟»، «مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟»، «ئەجەب تويدۇم!» دېگەن سۆزلەرنىڭ چىقىشى ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا، تەقۋا ئەھلىگە پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلىدىغانلىقىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئويلار خىيالىمىزدىن كەچكەندە «سۇبھاناللاھ» دېيىشىمىز بىزنى پاسسىپ چۈشەنچىلەردىن قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ، سۇبھاناللاھ، ئاللاھ بىزگە زۇلۇم قىلمايدۇ، سۇبھاناللاھ، ئاللاھ ئەجرىمىزنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سۇبھاناللاھ!
2. ئەلھەمدۇلىللاھ. پاسسىپ چۈشەنچىلەرنى تاشلىغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ساناقسىز نېمەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، شۈكرى، ھەمدۇسانا ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. سەھەردە سالامەت ئويغاندۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ، يۈرىكىمىز نورمال سوقۇۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆپكىمىز نورمال نەپەس ئېلىۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، بۆرىكىمىز نورمال قان تازىلاۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، كۆزىمىز نورمال كۆرىۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، قۇلىقىمىز نورمال ئاڭلاۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ… ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرىن سۆيۈنۈپ تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇ زاتنى مەدھىيلەشنىڭ ھەممىسى «ئەلھەمدۇللاھ»قا مۇجەسسەملەنگەن. ئەلھەمدۇلىللاھ!
3. ئاللاھۇ ئەكبەر. پاسسىپ چۈشەنچىلەرنى مېڭىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىدۇق، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەپ شۈكۈر، ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن نۆۋەت ھاياتتىكى تاللاشلارغا كېلىدۇ. كۈندىلىك ھاياتىمىز تاللاشلارغا تولغان.بۇ تاللاشلار ئالدىدا قارار چىقىرىشتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ كاتتىراق)* زىكرى يېتەكچىمىز بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ناماز ۋاقتىدا بىر خېرىدار كىرىپ قالدى، ئاللاھۇ ئەكبەر، ناماز بىلەن تىجارەت ئارىسىدىكى تاللاشتا ئۆزرە ئېيتىپ نامازغا ماڭغۇلۇق. تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ باستى، شۇ ئان ئەزان ئېيتىلدى. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئۇيقۇ بىلەن ئاللاھ رىزاسى ئارىسىدا تاللاش ئەلۋەتتە ئۇيقۇنى تەرك ئېتىش بولغۇلۇق. ھارام ئارىلاشقان سودىغا تەكلىپ قىلىندۇق، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ رىزاسى بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى تاللاشتا ئەلۋەتتە ئۇ سودىدىن ۋاز كەچكۈلۈك. يېقىنلىرىمىز غەيۋەتكە چۈشتى، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئۇلارنى ۋە نەپسىمىزنى خۇش قىلىش بىلەن ئاللاھنى خۇش قىلىش ئارىسىدىكى تاللاشتا ئەلۋەتتە ئۇ پاراڭنى كەسكۈلۈك.
ئىزچىل ئادەت قىلىپ كەلگەن ئەمەل – ئىبادەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىنى يېڭىلاش ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭمۇ يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش نىسىب قىلسۇن.
*كۆپىنچە «ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بۇ ئىبارە ئەمەلىيەتتە سېلىشتۇرما دەرىجە شەكلىدە، دەيدۇ، ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان. يەنى، «ئاللاھ ئۇلۇغراق، ئاللاھ كاتتىراق» دەپ تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ توغرا.
يېقىنقى ئىنكاسلار