ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن، ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 152 – ئايەت)

«زىكىر»نىڭ ئىككى مەنىسى بار، بىرى تىلغا ئېلىش، ئىككىنچىسى ياد ئېتىش. 

ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە مەن ئۇنى مەزكۇر جامائەتتىننمۇ ياخشىراق جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. 

ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇنتۇلغان، ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر نەرسىنىڭ ئەسكە كېلىشىنى كۆرسەتكەچكە، بۇ تەبىر ھېچنەرسە ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان، ئۇنتۇمايدىغان ئاللاھقا قارىتىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ئۇنتۇش دېگەننىڭمۇ ئىككى خىل مەنىسى بار. بىرى ئاچقۇچنى نەگە قويغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئوخشاش ئەستىن چىقىپ كېتىش، يەنە بىرى «بولدىلا، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتە» دېيىلگەندىكى كارى بولماسلىق مەنىسىدىكى ئۇنتۇش. قۇرئاندىكى «ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى» («تەۋبە» سۈرىسى 67 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتتىكى ئۇنتۇش دەل مۇشۇ ئىككىنچى خىل ئۇنتۇشتۇر.

ئاللاھنى تىلغا ئېلىش ۋە ئەسلەش (زىكىر قىلىش) نىڭ ئەڭ ئەۋزەل شەكلى قۇرئاننىڭ ئۆزىدۇر. ئالدىنقى ئايەتتە:

ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە  كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 151 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېيىش بىلەن ئاللاھنى قانداق زىكىر قىلىشقا ئىما قىلىنغان. شۇڭا، «مېنى زىكىر قىلىڭلار» دېگەن ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنى قۇرئان بىلەن زىكىر قىلىشنى دېمەكچى. «مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دېيىلگەن قىسمىدىمۇ ئوخشاشلا بىزنى قۇرئان بىلەن زىكىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى. قۇرئان ئوقۇغىنىڭلاردا ئاللاھ ھەققىدىلا ئەمەس، ئۆزۈڭلار ھەققىدىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىلەر. مىڭ يىللار بۇرۇنقى قىسسىلەرنى ئوقۇۋاتمايسىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇۋاتىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ، سىلەرنى زىكىر قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ بىلەن  ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە قۇرئان بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتتۇر. يەنە بىر مەنىدىن بۇ دۇئانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. بىز دۇئا بىلەن ئاللاھنى ئەسلىسەك، ئاللاھمۇ بىزنى ئەسلەيدۇ. ئەمما، بۇ ئايەتتە دېيىلگىنى بىزنىڭ قۇرئان بىلەن باغلىنىشىمىز. قۇرئان بىزنىڭ ئاللاھنى تىلغا ئېلىشىمىزنىڭ، ئاللاھنىڭ بىزنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ۋاسىتىسى. دىققەت قىلساڭلار بۇنىڭ نەق ئۆزىنىڭ «فاتىھە» سۈرىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلەيسىلەر:


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. («فاتىھە» سۈرىسى ئالدىنقى تۆت ئايەت)

دەپ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى تىلغا ئالىمىز. ئاندىن ئاللاھ بىزگە نېمە دېيىشىمىزنى دەپ بېرىدۇ:

ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) («فاتىھە» سۈرىسى كېيىنكى ئۈچ ئايەت)

مانا بۇ بەندە بىلەن رەببى ئارىسىدىكى سۆھبەت. «مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دىن بىر كۆرۈنۈش.

ئاللاھ ئۆزىنى زىكىرى قىلىشنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ يەردە بىر تەرتىپ مەۋجۇت. ئاۋۋال زىكىر، ئاندىن شۈكۈر. بۇ تەرتىپنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسال كەلتۈرەي:


بىر بالا ئاتا – ئانىسىدىن يىراق بىر يەردە ياشايدىكەن. ئۆزى ئوقۇش، خىزمەت بىلەن ئالدىراش. ئاتا – ئانىسىغا تېلېفون قىلىش، ئۇچۇر قىلىش خىيالىغىمۇ كەلمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر دوستى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا دوستى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغىچە نەقەدەر جاپا تارتقانلىقىنى، ئۇلاردىن قانچىلىك مىننەتدارلىقىنى، شۇڭا ھەركۈنى ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ يارىماس بىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. 

بۇ مىسالدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بىرىدىن مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. ئوخشاشلا بىرى ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش خىيالىغىمۇ كەلمەيدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلىش «سۇبھاناللاھ، سۇبھاناللاھ…» دەپ بولدى قىلىنىدىغان مېخانىك بىر جەريان ئەمەس. ئاللاھنى چىن مەنىدىن زىكىر قىلىش (ئەسلەش)، ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئ‍اللاھنىڭ بىزگە نېمىلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى تونۇش مىننەتدارلىققا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. 

ئايەتتە ئۈچ نۇقتا بار، زىكىر قىلىش، شۈكۈر قىلىش، تۇزكورلۇق قىلماسلىق. ئەمما، «مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دەپ پەقەت بىرىگىلا ئىنكاس قايتۇرۇلغان. «شۈكۈر قىلىڭلار»، «تۇزكورلۇق قىلماڭلار»غا ئىنكاس تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. پەقەت زىكىرگىلا ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى قالغان ئىككى نۇقتىنىڭ بىرىنچى نۇقتىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالىتى ئىكەنلىكىدە. يەنى، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاللاھنى ئەسلەش چوڭقۇرلاشقىنىدا كىشىنى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا، تۇزكۇرلۇق قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۈكۈر بىر نېمەتكە جاۋابەن تەلەپ قىلىنىدۇ.  بۇ ئايەتتىكى زىكىر يەنى زىكىرنىڭ جەۋھىرى بولغان قۇرئان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. شۇڭا، بۇ نېمەتكە جاۋابەن شۈكۈر لازىمدۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا شۈكۈردىن كېيىن تۇزكۇرلۇق قىلماسلىقنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئارتۇقچىدەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، «شۈكۈر قىلىڭلار» دېگەنلىك «ناشۈكۈرلۈك، تۇزكورلۇق قىلماڭلار» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەمما، شۈكۈر نېمەت كەلگەن دەسلەپكە چاغدا كىشى تەبىئىي قايتۇرىدىغان ئىنكاس. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، شۈكۈر ھېسسىياتى ئاجىزلايدۇ، كىشى تۇزكورلۇققا يېقىنلايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «تۇزكورلۇق قىلماڭلار» مىننەتدارلىقتا ئىزچىللىقنى ساقلاشقا قىلىنغان دالالەت. ئەرەبچىدە ئىزچىللىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز «سەۋر». شۇڭا، سەۋرچان كىشى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى، شۈكرانىسىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا كېينكى ئايەتتە سەۋر تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاللاھ ئۆزىنى زىكىر قىلىشقا، ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشقا، چىرايلىق ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 2- كۈنى