ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 154 – ئايەت)
ئاللاھ 155 – ئايەتتە بەندىلىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدىكى بۇ ئايەتنى بايان قىلىشىدىكى سەۋەبىنى ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق ئىزاھلايدۇ:
ھاياتىڭىزدا خەۋپ – خەتەر، ئاچلىق – قەھەتچىلىككە يولۇقىشىڭىز، مال – دۇنيارىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىز ياكى ھاياتىڭىزغا قازا يېتىپ قېلىشى، بۇلار سەۋەبلىك ئاخىرىدا جېنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆلۈم، ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدەك بىلىندۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ مەسىلىنى سەۋر ۋە ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەسلىك بىلەن باشلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن قانداق بىر «سودا» ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ: سىلەر جېنىڭلار بەدىلىگە بولسىمۇ دىنىڭلاردا تۇرۇشۇڭلار كېرەك، بۇنىڭغا ئىدىيەڭلەردە تەييارلىق بولۇشى كېرەك، دەۋاتىدۇ. بىرى بۇ يولدا ئۆلسە، بۇ تىراگېدىيە ئەمەس، شېھىتلىك ئۆلۈمنىڭ ئەڭ ئەۋزەل شەكلى. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى ھايات تۇرسا، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شېھىتلەرنىلا ھايات دەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئىبن ئەشۇر رەھىمۇللاھ ئوتتۇرىغا قويغان. بىزلەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىققا ئىمان ئېيتقۇچىلارمىز، شۇنداققۇ؟ ئۆلۈپ، تۇپراققا كۆمۈلگىنىمىزدە روھىمىز دۇنيا ھاياتىدىن بەرزەخ ھاياتىغا كۆچىدۇ، خالاس. شېھىتلەرنىڭ ھايات دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىبن ئەشۇر رەھىمۇللاھ قاتارلىق ئۆلىمالار بۇ شېھىتلەرنىڭ ھاياتىنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا سېلىشتۇرغۇسىز يۈكسەك بىر دەرىجىدىكى ھايات بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. قۇرئاندا شېھىتلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە:
ئۇلار ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: «سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوق ھەمدە قايغۇرمايسىلەر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. («ئال ئىمران» سۈرىسى 170 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېگەندەك كۆرۈنۈشلەر بار. ئۇلار ئۆزئارا دۇنيادا قېلىپ قالغان دوست – بۇرادەرلىرى ھەققىدە پاراڭ سېلىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
بۇ ئايەتلەر نازىل بولغىنىدا بەدر ئۇرۇشى تېخى يۈز بەرمىگەنىدى. ئاللاھ بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كېلىۋاتقان ئۇرۇشقا تەييار قىلدى. قۇرئان ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمنى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشنىڭ يولى دەپ بۇ يولدا مۇسابىقىلىشىدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ ئايەت مەدىنىدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنى كېلىۋاتقان ئۇرۇشقا ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەييار قىلدى.
رەببىمىز بىزنى رىزاسى ئۈچۈن ياشايدىغان ۋە رىزاسى ئۈچۈن ئۆلىدىغان غەيۇر بەندىلىرىدىن قىلغاي.
1446 – يىل رامىزاننىڭ 4 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار