شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 158 – ئايەت)

بۇ ئايەتتىكى سەفا ۋە مەرۋە بىلەن ئالدىنقى ئايەتلەردىكى سەۋر، ھۇسۇل، سىناق… لارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئاللاھ قۇرئاندا بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ھەمىشە ئۇنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتىدۇ.   سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يۈرۈش ھاجەر ئانىمىزنىڭ بوۋىقى يىغلىغاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان چېغىنى ئەسلىتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئ‍ىسمائىلغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سۇ قالدۇرۇپ كېتىپ قالغانىدى. ئىچىدىغان سۈيى تۈگىگەندە ھاجەر ئانىمىز ۋە ئوغلى ئۇسساپ كەتتى. ئۇ بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئۈمىدىدە ئۆزى تۇرغان تاغدىن يەنە بىر تاغقا يۈرگۈردى. ھېچكىمنى ئۇچراتمىغاندىن كېيىن يەنە يۈگۈرۈپ قايتتى. بوۋىقى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن تېپىچەكلەپ يىغلايتتى. بوۋىقىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈشنىڭ بىر ئانا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. ئاشۇ چارىسىزلىك ئىچىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن ئانا ئىككى تاغ ئارىسىدا چېپىپ يۈردى. شۇ ئاندا ئاللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ بۇ ئانا – بالىغا زەم – زەم سۈيىنى چىقىرىپ بەردى.

بۇ قىسسىدە ئالدىنقى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان سىناقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ: قورقۇنچ، ئاچلىق، مال ۋە جانغا، پەرزەنتكە يېتىدىغان مۇسىبەت… بوۋىقى بىلەن چارىسىز ھالەتتە چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان ئانىنىڭ قورقۇنچ – ئەندىشىسىدىن ئارتۇقراق قورقۇنچ – ئەندىشە بولمىسا كېرەك. بۇ قىسسىدىكى يالغۇز ئانا ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر، ئايال ئۈچۈن ھاياتتا ئېغىر سىناقلارغا ئۇچراشنىڭ ئۈلگىسى. شۇڭا بىز ھەجدە سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈپ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىمىز. 

سىناقلارنىڭ ئەڭ چوڭى — ئانا – بالىلارنىڭ سىنىقى. شۇڭا، ئانا – بالىلارغا ياردەم قىلىش، ھەممىدىن ئاۋۋال ئانا – بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى. جەمئىيىتىمىزدە كېلىنلىرى تەرىپىدىن خورلىنىدىغان قېينئانىلار، قېينئانىلىرى تەرىپىدىن خورلىنىدىغان كېلىنلەر مەۋجۇت. ئۇلار ئانا سۈپىتىدە ھۆرمەتلەنمەيدۇ. بىر ئانا ھېچنىمىسى ئۈچۈن ھۆرمەتلەنمىسە ئانىلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. بىر – بىرىمىزگە رەھىم – شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت.

ئاخىرقى بىر نۇقتا سەفا بىلەن مەرۋە مۇقەددەس جايمۇ؟ شۇنداق. بۇ مۇقەددەس جايدا بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟ دالا تامىقى يەمدۇق؟ ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلامدۇق؟ شام ياقامدۇق؟ ياق، بۇ يەردە يۈگۈرىمىز. بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. بۇ مۇقەددەس جايدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. بىر يەرنىڭ مۇقەددەس ياكى ئەمەسلىكىنى پەقەت ئاللاھ بېكىتىدۇ. مۇقەددەس بىر يەردە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ پەقەت ئاللاھ بېكىتىدۇ. بۇ دەل بۇ ئۈممەت ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان نۇقتىلاردىن بىرى. كىشىلەر بىر يەرلەرنى «ئۇلۇغ يەر، مۇقەددەس يەر» دەپ بېكىتىشىۋالىدۇ. ئۇ يەر بەلكىم بىر ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ياشىغان يېرى ياكى قەبرىسى… بىزنىڭ بىر يەرنى مۇقەددەس قىلىۋالىدىغان ھەققىمىز بارمۇ؟ يوق. بىر يەرنى ئىبادەت يېرى قىلىپ بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. مەككە مۇقەددەس، مەدىنە مۇقەددەس، ئەقسا مۇقەددەس، يېڭى جېرسىي مۇقەددەس ئەمەس. سېنىڭ بىر يەرنى مۇقەددەس دەپ بېكىتىدىغان ھەققىڭ يوق. سەن مۇقەددەس دەپ بەلگىلەنگەن «تىزىملىك» كە بىر نەرسە قوشالمايسەن. مەسىلە ئېنىق بولدىمۇ؟ بىرىنچىدىن، سەن بىر يەرنى مۇقەددەس دەپ بېكىتەلمەيسەن. ئىككىنچىدىن، مۇقەددەس يەردە نېمە قىلىشنى بەلگىلىيەلمەيسەن. بۇ ئىككى نۇقتا ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. مۇسۇلمان دۇنياسىغا بىر تالاي يالغان «مۇقەددەس» يەرلەر توشۇپ كەتكەن. كىشىلىرىمىز بۇ ئاتالمىش «مۇقەددەس» يەرلەرگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئويدۇرۇلغان «ئىبادەت»لەرنى قىلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش ئېنىقلا نادانلىقنىڭ ئىپادىسى. پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال، مىسىر قاتارلىق جايلاردا دىنىمىزغا ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان  نەرسىلەر قېتىپ قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلەر بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن بارىدۇ؟ مەن ھارام، شېرىك مەسىلىسىدە توختىلىپ يۈرگۈم يوق. پەقەت سىلەردىن تەسرەك سوئالنى سوراپ باقاي. كىشىلەر نېمىشقا بۇ يەرلەرگە بارىدۇ؟ قىيىنچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بارىدۇ. چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر چاچ چىقىرىش ئۈچۈن، قىزلا تۇغقان ئاياللار ئوغۇل تۇغۇش ئۈچۈن… بارىدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ نېمىگە بۇيرىدى؟ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشنى دەپ بەردىمۇ – يوق؟ ئاللاھ خالىسا، ھاجەر ئانىمىزغا ھېچ ئىش قىلدۇرماستىن سۇ چىقىرىپ بېرەلەيتتى. لېكىن، بالا تېپچەكلەپ يىغلىغاندىن كېيىن، ھاجەر ئانىمىز سەفا، مەرۋە ئارىسىدا نەچچە يۈگۈرۈپ يۈرگەندىن كېيىن ئاندىن سۇ چىقىرىپ بەردى. چۈنكى، ئاللاھ بەندىسىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ياردىمىنى چۈشۈرىدۇ. ئويدۇرما «ئۇلۇغ» يەرلەرگە بېرىپ قىينچىلىقىڭنى ھەل قىلىش كويىدا بولۇش ھېچقانداق ياخشىلىق كەلتۈرمەيدۇ، ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 7 – كۈنى