ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!‏ («بەقەرە» سۈرىسى 165 – ئايەت)


ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان مۇنداق دەيدۇ: مەن قۇرئان تالىبى (ئوقۇغۇچىسى) بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇن مەزگىل پسىخولوگىيە، بىر ئاز جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە سىياسەت ئىلىملىرى بىلەنمۇ مەشغۇل بولدۇم، پىسخولوگىيە ئۆگەنگىنىمدە مېنى ئەڭ جەلپ قىلغان تېما ئىنسان خاراكتېر پىسخولوگىيەسى ئىدى. (بۇ ئىنسان خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىنى پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىزاھلايدىغان، ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى مۇھىت شەكىللەندۈرەمدۇ ياكى قاندىن (گېندىن) كېلەمدۇ؟ دېگەندەك تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە.) قۇرئاننىڭ خاراكتېرنىڭ نېمىلىكى، ئىنساننىڭ نېمىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى، بىزنى يىگانە مەخلۇق قىلغان نەرسىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى كۆزقارىشىنى «ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار» دېگەن ئايەتتىن كېيىن كەلگەن يۇقىرىدىكى ئايەتكە باغلاپ يورۇتۇپ ئۆتىمەن. 

بىرىنچى بولۇپ يورۇتىدىغان نۇقتا بۇ يەردىكى ئۈچ قەۋەت (ساندۋىچ شەكىللىك) قۇرۇلما. بىرىنچى قەۋەتتە:

سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 163 – ئايەت)

دېگەن ئايەت قەلبىڭلارغا خىتاب قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:

ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. («بەقەرە» سۈرىسى 164 – ئايەتنىڭ ئاخىرى)

دەپ تەپەككۇر قىلىدىغانلارغا، ئەقىل ئىشلىتىدىغانلارغا خىتاب قىلىنىدۇ. تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل ئىشلىتىش روھىي، مەنىۋى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىداكىي نەرسە. روھىي، مەنىۋى نەرسىلەر قەلبكە تەسىر قىلسا، ئەقلىي نەرسىلەر تەپەككۇرغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يۇقىرىدىكى 165 – ئايەتتە ياخشى كۆرۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. ياخشى كۆرۈش قەلب بىلەن بولىدىغان ئىش. يەنى، بۇ يەردىكى تەرتىپ ئاۋۋال قەلبتىن باشلىنىپ، تەپەككۇرغا كېلىپ، ئاخىرىدا يەنە قەلبكە قايتىدۇ. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا نوقۇل قەلبكە قارىتىلغان ھېسسىي خىتابلارنىلا قىلمايدۇ، ياكى تەپەككۇرغا قارىتىلغان نوقۇل ئەقلىي خىتابلارنىلا قىلمايدۇ. بەزى كىشىلەر كېلىپ: «مېنى قۇرئانغا ئەقلىي جەھەتتىن قايىل قىلغىن، مەن ئەقلىي بىر ئادەم» دەيدۇ. لېكىن، قۇرئان ھېچبىر ئىنساننىڭ ساپ ئەقلىي ياكى ساپ ھېسسىي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەقلىي مەخلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ئەقىل، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىزنىڭ بىر پارچىمىز. ئەمما، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق. مەن تاماكا چېكىدىغان راك كېسەللىكى مۇتەخەسىسلىرىنى تونۇيمەن. بۇ قەتئىي ئەقلىي ئىش ئەمەس، لېكىن ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ. مەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق كىشىلەرنى تونۇيمەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئاشىدۇ. بۇمۇ قەتئىي ئۇلارنىڭ ئەقلىگە باغلىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەر ئەخمىقانە ئ‍ىشلارنى قىلىپ قويۇشىدۇ. ئىنسانلار نە پۈتۈنلەي ئەقلىي ئەمەس، نە پۈتۈنلەي ھېسسىي ئەمەس، بۇ ئىككى نەرسە بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا سىرلىق بىر شەكىلدە ئارىلىشىپ كەتكەن. ئاللاھ بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىزدىكى تەسىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا، بىزگە بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئەڭ توغرا ئۆلچىمىدە خىتاب قىلىدۇ. شۇڭا، قۇرئان نوقۇل روھىي مەزمۇنلاردىنلا ياكى نوقۇل ئەقلىي مەزمۇنلاردىنلا تەركىب تاپمىغان. ئۇ ھەم ئەقلىي ھەم روھىي مەزمۇنلارنىڭ مۇجەسسىمى. 

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالدى بىلەن قەلبىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە خىتاب قىلىپ يېتەكلىيەلىسەڭ، ئەقلىمۇ توغرا يۆنىلىشكە ماڭىدۇ. سىلەرگە راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسىنىڭ تاماكا چېكىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم، تېببىي ئۇنىۋىرستىت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تاماكا چېكىدۇ. ئۇلاردىن تاماكىنىڭ زىيىنىنى سورىساڭ، بەلكىم جىمى زىيانلىرىنى ھەممىدىن ئوبدان تىزىپ بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن، تاماكا چېكىشنى توختاتمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈم ئىشىكىگە كېلىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟ «تاماكا چەكسەڭ راك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن» دېيىلسە پىسەنت قىلمىغانلار راك دىياگنوزى قويۇلسا دەررۇ تاشلىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟ قورقۇنچ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى: قۇرئاندا ئېيتىلغىنىدەك قەلب جېمى تۇيغۇلارنىڭ ماكانى. قورقۇنچ قەلبتە بولىدۇ؛ غەزەپ قەلبتە بولىدۇ؛ قايغۇ – ھەسرەت قەلبتە بولىدۇ؛ شاتلىق قەلبتە بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك قەلبتە بولىدۇ. قەلب رولغا ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ رولنى ئوڭغا بۇرىسا، ئەقلىڭ ئوڭغا بۇرۇلىدۇ، سولغا بۇرىسا، سولغا بۇرۇلىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ راھىبلىرى تالانت ئىگىلىرى ئىدى. ئۇلار «أحبر» دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز ئەرەبچە «حبر (سىياھ)»دىن كەلگەن. يەنى، ئۇلار توختىماي يېزىپ، ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن قوللىرى دائىم سىياھ يۇقى بولغاچقا شۇڭا «أحبر (سىياھ ئەھلى)» دەپ ئاتالغان. شۇنچە كۆپ نەرسە بىلىپ تۇرۇغلۇق ئۇلار ئېزىپ كەتكەن. چۈنكى، قەلبى قېيىپ كەتكەنلىكتىن ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان. ناھايىتى ئەقىللىق بىر بالا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مايىل بولسا، ئەقلىنى كىشىلەرنىڭ بانكا ھېساباتىنى ئوغرىلاشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئەقلىمىز قەلبىمىز باشلىغان تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا ئەڭ باشتا قەلبكە، ئاندىن كېيىن ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ. قەلب دەسلەپتە توغرىلانمىسا ئەقىل قانچە قىلسىمۇ توغرىنى كۆرەلمەيدۇ. باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. سەن بەزىدە سۆزۈڭگە قۇلاق سالغان بىرىگە پۈتۈن ئەقىل – لوگىكىنى تۆكۈپ بېرىشىڭ مۇمكىن، ئەمما، مەسىلە ئۇلارنىڭ ئەقلىدە ئەمەس، قەلبىدە بولغاچقا سۆزلىگەنلىرىڭ ھېچ تەسىر قىلمايدۇ. ئەقىل ۋە قەلب ئايرىم – ئايرىم ئىككى نەرسە. ئاللاھ بىزنى لېگو (قۇراق ئويۇنچۇقلار) پارچىلىرىدەك بىر نەچچە بۆلەكتىن ياراتقان. ئاللاھ بىزنىڭ قەلبىمىزنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنىڭدا «نۇر» بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردىكى «نۇر»، «روھ»نىڭ سىمۋولى. روھ پەرىشتىلەر ئاللاھتىن ئەكىلىپ، بىز ئانا ھەمرىيىدىكى چېغىمىزدا قەلبىمىزگە جايلاشتۇرغان نەرسە. ئۇ ئاللاھقا يېقىن نەرسە، گۈزەل مەۋجۇدات. ئۇ ئاللاھتىن كەلگەنلىكتىن مۇكەممەل ئىمانغا ساھىب. سەن ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆرەلەيسەن. ئۇ ئاللاھنىڭ ھەدىيەسى. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن.

ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. («ئەئ‍راف» سۈرىسى 172 – ئايەت)

بۇ ئايەتتىن ئاللاھنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ روھى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەنلىكى چىقىدۇ.  بىز دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكەن. بۇ تەرىپى ئاجايىپ! شۇڭا، ھەدىستە دېيىلگىنى بويىچە ھەر بوۋاق پاك، قەلبىدە غۇبارسىز روھ بىلەن تۇغۇلىدۇ. قەلبتە يەنە بىر نەرسىمۇ بار. ئۇ نەپس دېيىلىدۇ. (تىلىمىزدىكى «نەپەس» بىلەن يىلتىزداش). نەپەستە نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىش دەپ ئىككى جەريان بولغىنىدەك، نەپسمۇ ئاشۇنداق يۆتكىلىپ تۇرىدىغان نەرسە، بىر دەپ ئۇ ياقتا، بىر دەم بۇياقتا، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. نەپس توختىماي بىر نەرسە تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ. چىرايلىق نەرسە بولسا، قارىسام دەيدۇ، مەززىلىك بىر نەرسە پۇرىسا، تېتىسام دەيدۇ، گۈزەل بىر نەرسىنى كۆرسە، ئېرىشسەم دەيدۇ.  ئۇنىڭغا تەلەپ قىلغىنىنىڭ ھەممىنى بېرىۋەرسەڭ روھىڭنى تۈگەشتۈرىۋالىسەن. بۇنداق ئەھۋالدا روھ نەپسكە: «نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دەپ ئۇنى ئەيبلىگىلى تۇرىدۇ، نەپس: «خاپا بولما» دەپ ئۆزىنى تارتىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. نەپس ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇ تۇيغۇ قۇرئاندا «نَّفْسِ ٱللَّوَّامَةِ (ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەپس)» دەپ ئاتالغان. يەنى، ئىچىڭدىكى روھ «نۇرۇمنى توسۇۋاتىسەن» دەپ نەپسىڭگە ئىسيان قىلىدۇ. سەن قەلبنى قاراڭغۇلاشتۇرىۋاتىسەن دەيدۇ. روھ ۋە نەپسنى ئوراپ تۇرغان قەلبنى قۇرئان سۈزۈك ئەينەككە ئوخشىتىدۇ. ئەگەر تۇيغۇلىرىڭغا ئەگىشىۋەرسەڭ، ئىچىڭدىكى نۇردىن باش تارتىۋەرسەڭ، ئەينەك كىرلىشىشكە باشلايدۇ. تاكى، كىرلەشكەننىڭ دەستىدىن نۇر چىقالماس ھالەتكە كېلىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، نۇر چىقالماس بولۇپ قالغان قەلبكە نۇر ھەم كىرەلمەيدۇ. قەلبىڭنى تۈگىمەس ھەۋەس، تۈگىمەس ئارزۇ – ئىستەك، تۈگىمەس شەھۋەتلەرگە قاپلىۋەتسەڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە غەرق بولۇپ تۈگىشىسەن. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان نۇرى قەلبىڭنى چەككەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن كىرەلمەيدۇ. چۈنكى، قەلبىڭ كىرلەر بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن. قەلبنىڭ ئىچىدىكى نۇر بىلەن قۇرئان نۇرىنىڭ ئۇچرىشىپ نۇر ئۈستىگە نۇر بولالىشى ئۈچۈن ئۇ كىرلەرنىڭ تازىلىنىشى شەرت، قەلب دېگەن ئەينەكنىڭ پاكىز بولۇشى شەرت. سىنىڭ ئىچىڭدىكى نۇر ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىپ باققان، قۇرئان ئاللاھنىڭ بىز بىلەن سۆزلىشىدىغان نۇرى. شۇڭا سەن بۇ نۇرنى تىڭشىغىنىڭدا ئىچىڭدىكى نۇر «توختا، بۇ ئىچىمدە چوڭقۇر جايلاشقان بىر نەرسىنى ئېسىمگە سېلىۋاتىدۇ» دەپ لەرزىگە كېلىدۇ. بۇ دەل بەزى كىشىلەرنىڭ قۇرئان بىلەن تۇنجى ئۇچراشقىنىدا «ئىچىمدە ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىنى تېپىۋالدىم» دېيىشىنىڭ سەۋەبى. 

ئاللاھ نۇرى نازىل بولغان، نەپسنى تەربىيەلەيدىغان، قەلبنى پاكلايدىغان بۇ مۇبارەك ئايدا قەلبىمىزنى سۈزۈكلەشتۈرۈپ، روھىمىزنىڭ نۇرى بىلەن قۇرئاننىڭ نۇرىنى ئۇچراشقىلى، نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلغىلى نېسىپ قىلغاي.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 16 – كۈنى