ئاللاھ بىزگە ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئەقىل قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، قەلبىمىزگە يوللايمىز. قەلبىمىز پاكىز بولسا، توغرا تەرەپكە باشلايدۇ. كىرلەنگەن بولسا، خاتا تەرەپكە باشلايدۇ. يەنى، ئەقلىمىز قەلبىمىز باشلىغان تەرەپكە ئاغىدۇ. ئاللاھ:

بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ. («رەئىد» سۈرىسى 28 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېگەن، يەنى قەلبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن خاتىرجەملىك تاپىدۇ، پاكلىنىدۇ. سەن قۇرئانغا قانچىلىك بېرىلسەڭ، قۇرئاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى قانچە كۆپ ئاڭلىساڭ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قانچىلىك تەسلىم بولساڭ، قەلبىڭ شۇنچە پاك بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ئاجايىپ تەرىپى ئۇ ئىككى نەرسىنى تەڭ پاكلايدۇ. يەنى، ئەقلىڭنى، قەلبىڭنى بىرلا ۋاقىتتا پاكلايدۇ. سېنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلۇڭنى ئۆزگەرتىدۇ، قەلبىڭنى ئۆزگەرتىدۇ. 

ئەرەبچىدىكى «عقل (ئەقىل)» كەلىمىسى «تۈگۈن چىگمەك، باغلىماق» مەنىسىدە. بۇ تۆگىلەرنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تانا بىلەن پۇتىنى چېتىپ قويۇشقا قارىتىلىدۇ. يەنى، ئەقىل دېمەك ھېسسىياتنى كونترول قىلماق دېمەكتۇر، ھېسسىياتىڭنى كونترول قىلمىساڭ، ساغلام تەپەككۇر قىلالمايسەن. ئويلاپ بېقىڭلار، ئاچچىقلانغاندا ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ قاتتىق قايغۇرغاندا ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ زىيادە خۇش بولۇپ كەتكەندە، زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ ياخشى ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى توختىتىۋېلىش لازىم بولىدۇ. قەلبىڭلار بىر نەرسىگە ئېغىپ كەتسە، ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ ياق. شۇڭا، ئەقىلنىڭ مەنىسى ئويلىنىشتىن بۇرۇن ھېسسىياتنى بېسىۋېلىش دېمەكتۇر. شۇڭا، ئالدىنقى بۆلۈملەردىكى «ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم» دېگەننى ھېسسىياتىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىلەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كىشى ھېسسىياتنى بېسىۋالغان چاغدا ئەتراپىدىكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. دىققىتىمىزنىڭ تولا چېچىلغانلىقى, كاللىمىزنىڭ داۋاملىق ئالدىراشلىقى، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرەلمەيمىز. 

ئەمدى ئاجايىپ بىر ئايەتكە كېلىمىز:

ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!‏ («بەقەرە» سۈرىسى 165 – ئايەت)

قۇرئاننىڭ باشقا يەرلىرىدە «ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ» دەپ ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇ ئايەتتە بولسا «ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ كېلىدۇ. بۇ بەك چوڭ پەرق.  ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئىبادەت قىلىشىنى ئەمەس، ياخشى كۆرۈشىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئىنسانلار گۈزەل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بىز گۈزەل تاغلارنى، گۈزەل دېڭىز – ئوكيانلارنى، گۈزەل شەپەقنى، گۈزەل ئورمانلارنى، گۈزەل شاماللارنى، گۈزەل كىيىملەرنى، گۈزەل ماشىنىلارنى، گۈزەل ئۆيلەرنى، گۈزەل جۆرىلەرنى… ياخشى كۆرىمىز. بىز ئەتراپىمىزنىڭ گۈزەللىك بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىمىز.  كۆپىنچە ھاللاردا گۈزەللىك مۇھەببەت بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭگە گۈزەل بىلىنگەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن. سەن كۆرگەن ئىچكى ياكى تاشقى گۈزەللىك سەۋەبىدىن بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن. ھايۋانلاردا توپلىشىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ توپلىشىش ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا ھايات قېلىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ ھايات قېلىش ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ ئ‍ىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا قوغدىنىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ قوغدىنىش ئىستىكى بولىدۇ. بىزنىڭ بەك كۆپ ئىستەكلىرىمىز ھايۋانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش. بىزنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىمىز ھايۋانلاردىن كۆپ يۇقىرى، لېكىن، ھايۋانلاردىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تەپەككۇر قابىلىيىتى مەۋجۇت. ئەمما، ئىنسانلاردىكى گۈزەللىككە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھايۋانلاردا يوق. ھايۋانلارنىڭ يەيدىغان نەرسىنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن چاتىقى يوق. ھايۋانلارنىڭ شالاپلىتىپ يېگەن بىلەن چاتىقى يوق. ھايۋانلارنىڭ تۇرىدىغان يېرىنىڭ چىرايلىق بولۇش – بولماسلىقى بىلەن چاتىقى يوق. يەنى، گۈزەللىككە ئ‍ىنتىلىش، مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ئىنسانلارغا خاس نەرسە. بۇ ئىنتىلىشنىڭ مەنبەسى ئاللاھ. چۈنكى، ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئاللاھ جىمى سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئاداققى نىشانىدۇر.

بىز دۇنياغا كېلىپ ئاتا – ئانىمىز بېقىپ چوڭ قىلغاندىن كېيىن، ئويۇنچۇقلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛شاكىلاتنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ باشقا دوستلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئويۇنلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئۇنىۋېرستىتلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ يىگىتلەر قىزلارنى، قىزلار يىگىتلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ياشىغان شەھەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئۇتۇق قازانغان خىزمەتلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئاتا – ئانىمىزنى پەخىرلەندۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز… بۇ ياخشى كۆرۈشلەرنىڭ ئارقىسىدا «ئەسلى كود» مەۋجۇت. خۇددى تاغلارنىڭ ئارقىسىدا «ئەسلى كود» مەۋجۇت بولغىنىدەك. بىز ياخشى كۆرگەن گۈزەللىكلەرنىڭ كەينىدە نېمە بار؟ ئاللاھ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە بەك ئېسىل بىلىنىدۇ، ئارقىدىن «يەنە نېمە باردۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ، تاكى سەن ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىنىڭدا ئاندىن قانائەت تاپىسەن. شۇ چاغدا «دىللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئ‍ارام تاپىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تېگىگە يېتىسەن. قەلبىڭگە ئاللاھ جايلاشقىنىدا راھەتلىنىسەن، ئاللاھ قەلبىڭگە جايلاشقىچە چولتا گۈزەللىكلەرنىڭ پېشىدىن قوغلاپ ئۆتىسەن. 

ئىبن ئەشۇر «ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ئايەتنى «ئۇلارنى مۇئ‍مىنلار ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، باشقا ئىنسانلار باشقا نەرسىلەرنى مۇئ‍مىنلار ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. بالىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئويۇن سەۋداسى مۇئ‍مىنلارنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بىر سۆيگۈنىڭ باشقا سۆيگۈلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟ دەلىلى ئۇ سۆيگۈنىڭ نېمىلەرنى قىلدۇرالىشىدا. قىزلارغا ئاشىق بولۇپ  بىنادىن سەكرىمەكچى بولغان ئىشلارنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭلار؟ سۆيگۈ – مۇھەببەت بەزىدە كىشىلەرنى ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىدۇرىدۇ. مۇئ‍مىن بولسا ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن باشقا بارلىق سۆيگۈلەرنى قۇربان قىلالايدۇ.  ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن دوستى سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ، «كەلمىسەڭ، سېنى ئىككىنچىلەپ ئىزدىمەيمەن» دېسە، ئۇ بۇ دوستلۇقتىن ۋاز كېچىدۇ. قەدىناس دوستتىن ۋاز كېچىش كىشىنى ئازابلايدۇ، ئەمما، بۇ ئازاب «دوستۇمدىن ئايرىلدىم لېكىن يۈكسەكتىكى دوستقا ئېرىشتىم» دېگەننى ھېس قىلغىنىڭدا غايىب بولىدۇ. ئايەتتىكى «مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگىنى دەل مۇشۇ. ھاياتتا ئاللاھقا بويسۇنۇش بەدىلىگە بەزى كىشى ۋە نەرسىلەر ئۈچۈن پايپېتەك بولىمىز. چۈنكى، بۇنىڭ ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىغا، بىزنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. «ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن سۈپەتكە لايىقلىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاناڭنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇيقۇڭنى قۇربان قىلىپ، ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئورۇنلىشىڭ، بالىلىرىڭ، جۆرەڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ھېچقانداق مۇھەببەت بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ.  مۇھەببىتىڭ  كۈچلۈك بولسا، كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ قۇربانلىق بېرەلەيسەن. ھەر بىر قۇربانلىق سۆيگەن كىشىڭنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن سېنىمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاللاھنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەك، ئاللاھقا بويسۇنۇشىمىز پەقەت ئاللاھنى خۇرسەن قىلىپلا قالماستىن، بىزنىڭ قەلبىمىزنىمۇ خۇرسەنلىككە تولدۇرىدۇ. . 

ئاللاھ قەلبىمىزنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولدۇرسۇن. مۇھەببەتكە كېرەكلىك بەدەللەرنى خۇشاللىق ئۆتەيدىغانلاردىن قىلسۇن.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 18 -كۈنى