by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 24, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىسنىڭ ئۆز خاتالىقى ئالدىدىكى پوزىتسىيەسىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق ئىككى مىسال كەلتۈرىدۇ:
بىر شىركەتتە بىر خادىم ئۇزۇن يىل تىرىشىپ، تىرىشچانلىقى بىلەن يۈكسىلىپ شىركەت دىرېكتورلۇقىغا يۈكسىلىپتۇ. شىركەت بىناسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە شىركەت لىدىرىنىڭ يېنىدىكى ھەشەمەتلىك ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە شىركەت لىدىرى 16 ياشلىق بالىدىن بىرنى ئەكىلىپ، شىركەتنىڭ دېرىكتورلۇقىنى بۇ بالا قىلىدۇ، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىرېكتور: «مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى قان - تەر تۆكۈپ، بۇ ئورۇنغا چىققان تۇرسام، بۇ سويما مېنىڭ ئورنۇمنى ئالامدۇ؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈپتۇ.
مەن بۇ يەردە بۇ دىرېكتور مىسالى ئارقىلىق سىلەرگە ئىبلىسنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشەندۈرمەكچى. ئاللاھ جىنلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنى تاللاپ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش دەرىجىگە كۆتۈرگەنىدى. ئاندىن لايدىن ياراتقان ئادەمنى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە چىقارماقچى بولغىنىدا، ئۇ ئېتىراز بىلدۈردى.
يەنە بىر شىركەتتە بىر خادىم بار ئىدى. شىركەت دىرېكتورى ئۇنى يىراق بىر رايونغا يۆتكەش قارارىنى بارلىق خادىملارغا ئېخەت ئارقىلىق ئۇقتۇردى. پەقەت ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. بىرى ئۇنىڭ يىراق رايونغا ۋەزىپە بىلەن كېتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا دېدى. كۆڭلى يېرىم ئەتىسى ئىشقا 10 مىنۇت كېچىكىپ كەلدى. دىرېكتور ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، سەن كېچىكىپ قالدىڭ، شۇڭا سېنى پالانى رايونغا يۆتكەش قارارىغا كەلدىم، دېدى. بۇ ئەھۋالدا بۇ خادىمنىڭ «مەن كېچىكمىگەن بولساممۇ ئۇ يەرگە يۆتكەيتتىڭىز، ئېخەتتە ئەۋەتكەن قارارىڭىزنى باشقىلار ماڭا دېگەن» دېيىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.
مەن بۇ خادىم مىسالى ئارقىلىق سىلەرگە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكچى.
ئاللاھ «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن»(«بەقەرە» سۈرىسى 30 - ئايەت) دېگەنىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن زېمىنغا چۈشۈرمەكچى بولغاندا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۇ شەكىلدە ئاقلىمىدى.
ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى. («ئەئراف» سۈرىسى 23 - ئايەت)
پەلسەپىدە مىڭ يىللاردىن بېرى «ئاللاھ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان تۇرسا، مېنىڭ گۇناھىم نېمە» مەسىلىسى تارتىشىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە تۇنجى ئادەم دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىسنىڭ نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرى بار ئىدى. ئىككىلىسى تاللىنىپ يۇقىرى ماقامغا كۆتۈرۈلگەن، ئىككىلىسى خاتالىق ئۆتكۈزگەنىدى. ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىبلىس خاتالىقنى ئۆزىدىن ئىزدىمىدى. مۇنداق ئېتىراز بىلدۈردى:
ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. («ھىجىر» سۈرىسى 39 - ئايەت)
ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا، ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ئىشەندى، خاتالىقنى ئۆزىدىن ئىزدىدى. ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى.
قىيامەتكىچە بىز ئادەم ئەۋلادلىرى خاتالىقتىن ساقلىنالمايمىز، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يا خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى تۇتىمىز ، يا خاتالىقىمىزنى باشقىلارغا ئارتىش بىلەن ئىبلىسنىڭ يولىنى تۇتىمىز. بىزگە ئاتىمىز ئادەمنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش نىسىب بولغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 14 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 23, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 31 - ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بەرگەن چۈشەنچىلەر قىسقىچە مۇنداق:
ئايەتتىكى «ئىسىملار» كەلىمىسى نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئېنىقلىمىلىرى مەنىسىدە. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئېنىقلىمىلىرىنى ئۆگەتتى. ئاللاھ بىزگە بۇ ئايەتتە تەلىم - تەربىيەنىڭ ئاتالغۇ ۋە ئېنىقلىمىلارنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. كۈنىمىزدە مەيلى ئىنژېنىرلىق، مەيلى تېبابەت بولمىسۇن، مەيلى ئىقتىساد، مەيلى فىزىكا بولمىسۇن ھەممە ئىلىملەر ئۆز ئىچىدە بىر مۇنچە تارماق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى فىزىك بىر يەرگە كېلىپ فىزىكا ھەققىدە سۆزلەشسە، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي تىلىدا سۆزلەشكەچكە باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ گەپلىرى يات تىلدا سۆزلىشىۋاتقاندەك چۈشىنىكسىز بىلىنىدۇ. بۇ سوتسىيولوگىيە، پىسىخولوگىيە، ئىقتىساد، پروگراممېرلىق، دىنىي ئىلىملەر قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا ئاخىرى بېرىپ بىر ئىلىم شۇ ئىلىمنىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىقلىمىلىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. سەن ئۇقۇم - ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلار ئېنىقلىما - ئىزاھاتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان بىر ساھە سېنىڭ ساھەيىڭگە ئايلىنىدۇ. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتكەن ئىسىملار ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چۇڭقۇرلىشىش نەتىجىسىدە بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم - پەن خەزىنىسى مەيدانغا كەلگەن. بەزىدە ئوقۇغۇچىلار ئىزدەپ كېلىپ، «ئۇستاز، مەن پىسىخولوگىيە ئۆگىنىۋاتقانىدىم، ئەمما مېنىڭ دىن ئۆگەنگىم بار ئىدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ قالىدۇ. ئاللاھ بىزگە قۇرئاننى ئۆگەتكىنىدەك، نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ ئۆگەتكەن. قۇرئاندا بىزگە قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتكىنىنى تىلغا ئالغان. ھالبۇكى، قەلەم نوقۇل ئايەت، ھەدىس يېزىش ئۈچۈنلا قوللىنىلىدىغان نەرسە ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسەت جەۋھەرلىرى قەلەم بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلدى. باشقا دىنلاردىكى دىندار بولۇش ئۈچۈن دۇنيادىن يىراقلىشىش (تەركىدۇنياچىلىق) تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ كىتابىمىز قۇرئان بىزنى تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە، ئاللاھ ياراتقان كائىنات ھەققىدە ئىزدىنىشكە بۇيرۇيدۇ. شۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئاللاھ ئادەم ئاتىمىزغا نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىتىش بىلەن سالغان.
ئاللاھ قەلبىمىزگە مۇبارەك دىنىمىزنى ۋە باشقا ئىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئىشتىياقى سالغاي، بىزگە پايدىلىق ئىلىم بەرگەي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 13 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 22, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30 - ئايەت)
ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلىشى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى تەۋرات، ئىنجىلدىكى قىسسەلەر. ھەتتا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارمۇ قۇرئان ئوقۇپ باقمىغانلىقتىن غەربنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى، رەسىملىرىدىن ئېڭىغا سىڭىپ قالغان، «ئۇياتلىق يەرلىرىنىلا ياپىدىغان تېرە كىيىملەرنى كىيىپ جەننەتتە يۈرگىنىدە يىلان سۈرىتىدىكى شەيتاننىڭ ھەۋۋا ئانىمىزنى ئازدۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئالمىنى يەپ جازالىنىپ، زېمىنغا پالانغان ئادەم ۋە ھەۋۋا» ھېكايىسىنى قۇرئاندىمۇ شۇنداق دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇرئاندا شەيتاننىڭ يىلان سۈرىتىدە كەلگەنلىكى، ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ شەيتانغا ئەگىشىپ ئادەم ئاتىمىزنى ئازدۇرغانلىقى، چەكلەنگەن مېۋىنىڭ ئالما ئىكەنلىكى توغرىلىق ھېچقانداق بايان يوق. قۇرئاندا پەقەت شەيتاننىڭ ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلغانلىقى، ئادەم ئاتىمىز ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنى تېيىلدۇرغانلىقى ئېيتىلىدۇ. كېيىنكى ئايەتتە:
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە كەلىمە تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 37 - ئايەت)
دېيىلىدۇ. شۇڭا، شەيتاننىڭ قانداق شەكىلدە كېلىپ ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلغانلىقى، چەكلەنگەن مېۋىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەندەك ئاللاھ ئېنىق بايان قىلمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە زېھىن ئىسراپ قىلىش، قۇرئان ئىككەيلەننىڭ ئازغانلىقىنى، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، تەۋرات، ئىنجىلدىكى «ھەۋۋا ئانىمىز ئازدۇرغان» دېگەن سەپىسەتىلەر بىلەن «ئاياللار ئازغۇنلۇقنىڭ مەنبەسى» دېگەننى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇش بىز ئىمان ئېيتقان، ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن نۇقتىلارنىڭ توغرىسىنى كۆرسەتكەن كىتابىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ.
ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئانىمىز ھەۋۋا زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ كۈنلىرى جەننەتتىكى خاتىرجەم، غەم - تەشۋىشسىز كۈنلىرىگە ئوخشىمايتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارغا غەم - تەشۋىشلەردىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتتى:
بىز ئۇلارغا: «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 38 - ئايەت)
ئىنسانلار كەلگۈسى ئۈچۈن قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ، غەم قىلىدۇ، ئۆتمۈش ئۈچۈن قايغۇرىدۇ، ھەسرەتلىنىدۇ. ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:
بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. («بەقەرە» سۈرىسى 155 -، 156 - ئايەتلەر)
ئۆتمۈشتە بېشىمىزغا كەلگەنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدىمۇ نۇرغۇن سىناقلارنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، دۇنيا ھاياتىنىڭ غەم - ئەندىشە، تەشۋىشتىن خالىي جەننەت ھاياتى ئەمەسلىكىنى تونۇش، جەننەتنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلىش بىزنى ئۈمىدسىزلىكتىن يىراقلاشتۇرۇپ، قەلبىمىزنى ھۇزۇرغا چۈمدۈرىدۇ.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 12 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 21, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 29 - ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەتكە نىسبەتەن ئاتېئىستلارنىڭ «ھەممە نەرسىنى بىز ئۈچۈن ياراتقانمۇ؟ پاشا، باكتېرىيە، ۋىرۇس دېگەنلەرنىمۇ بىز ئۈچۈن ياراتتىمۇ؟» دېگەندەك مەسخىرە ئارىلاش سوئاللىرىغا ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
ماتېرىيالىستلار دۇنياغا پەقەت ماددىي نۇقتىدىنلا باقىدۇ. مەنپەئەت تىلغا ئېلىنغىنىدا ئۇلارغا نىسبەتەن پەقەت ماددىي مەنپەئەتتىن باشقىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئۆزىدە جىسىمدىن باشقا يەنە روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىش ئىنسانلاردىكى بىر پاجىئە. دۇنيادىكى شەيئىلەردە ماددىي مەنپەئەتلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك مەنىۋى مەنپەئەتلەرمۇ مەۋجۇت. دۇنيادىكى بەزى نەرسىلەر بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ قورقۇنچلۇق. مەسىلەن: تىمساھلار، كۆزەينەكلىك يىلانلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق. مۇنداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى كۆرگىنىدە مۇئمىن «ئاللاھ بۇ دۇنيادا بۇنچىلىك قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى ياراتقان بولسا، مەن ئۇ زاتقا بويۇنتاۋلىق قىلسام، ئاخىرەتتە يەنە قانداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەر، قورقۇنچلۇق جازالار مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بەزى ھايۋانلار، بەزى قۇرت - قوڭغۇزلارنىڭ تۇرقى، پۇرىقى كىشىنى سەسكىندۈرىدۇ. بۇ نەرسىلەر كىشىگە دوزاختىكى يىرگىنىشلىك مەنزىرىلەرنى ئەسلىتىدۇ. دېمەك، دۇنيادىكى بەزى شەيئى ۋە مەنزىرىلەر جەننەتنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى بولغىنىدەك، بەزى شەيئى ۋە مەنزىرىلەر دوزاخنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى. شۇڭا، ماددىي جەھەتتىن ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك بىلىنىدىغان بەزى نەرسىلەر مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە ئۆلۈم، ئاخىرەت، جەھەننەم قاتارلىقلارنى ئەسلىتىدۇ. قىسقىسى، دۇنيادىكى بەزى نەرسىلەردىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىمىز، مەسىلەن: ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىپ، يۈك توشۇپ پايدىلانغاندەك، بەزىلىرىنىڭ گۆشى، تېرىسى، سۆڭەكلىرى… دىن پايدىلانغاندەك. بەزىلىرىدىن ۋاسىتىلىك مەنپەئەتلىنىمىز، يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك ئۇلارغا ئىبرەت كۆزى بىلەن باققىنىمىزدا بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ.
بەزى باكتىرىيەلەر ھەزىم سىستېمىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، بەزى ھايۋانلارنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان زەھەرلىرىدىن نۇرغۇن كېسەللەرگە شىپا تېپىلغىنىدەك، بىز زىيانلىق، ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ رولىمۇ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى مەنپەتلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىنىشى ئېنىق. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
1445 -يىل رامىزاننىڭ 11 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 20, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۆلۈك ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 28 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنى شۇنداق شەرھىيلىدى: ئۆلۈكلۈك يوقلۇق دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسانلار يارىتىلىشتىن ئىلگىرى روھلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (روھلار ئالىمىدە) بولىدۇ. بىر ئىنساننىڭ جىسمى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ۋاسىتىسىدە يارىتىلىپ جان بېرىلىدىغان مۇددەت كەلگەندىن كېيىن، روھى كەلتۈرۈلۈپ ئۇ جىسىمغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك ھالەتتىن تۇنجى قېتىملىق تىرىلىش مەيدانغا كېلىدۇ. ئاندىن ئەجىلى توشقاندا روھى كەلگەن يېرى — ئاللاھنىڭ دەرگاھى — غا قايتىپ تەكرار ئۆلىدۇ. ئاندىن قىيامەت قايىم بولغاندا جىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، روھى يەنە ئۇ جىسىمىغا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق تىرىلىش مەيدانغا كېلىدۇ.
روھلىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى بولىدۇ. ھەم فىترىتىمىزدە ئۇ گۈزەللىكلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىستىكى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىزدەيمىز، روھىمىز ئىزدىگەن مەنىۋىي كامالەتنى ماددىي دۇنيادىن تېپىشقا ئورۇنۇشلىرىمىز بىزنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئويغاق ئىنسان ئاستا - ئاستا
بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ. («رەئىد» سۈرىسى 28 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېگەن ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك قەلبىنىڭ پەقەت ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
ئاللاھ ئۆمرىمىزنى بىھۇدىلىكلەر بىلەن خورىتىشتىن ساقلىسۇن، گۈزەل جەننەتلىرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئەخلاق ۋە ئەمەللىرىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشكە،
ئى ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. («فەجر» سۈرىسى 27-، 28 - ئايەتلەر)
دەپ خىتاب قىلىنغان بەندىلەردىن بولۇشقا نىسىب قىلسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 10 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار