by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 19, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 26 - ئايەت)
ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەر كونكېرت مىساللار بىلەن ئوچۇق چۈشەندۈرۈلگەندىلا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىدۇ، ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بىر ئوقۇتقۇچىدا زۆرۈر بولغىنى قانچىلىك كۆپ نەرسە بىلىشى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىدىغانلىرىنى مىساللار بىلەن قانچىلىك چۈشەندۈرەلىشى، دەيدۇ.
ئاللاھنىڭ كىتابى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا قانداق تەدبىقلىنىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن 23 يىل داۋامىدا يۈز بەرگەن ۋەقە - ھادىسىلەرگە، ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە، كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئاستا - ئاستا نازىل بولدى.
دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇنلىغان «ئىنقىلاب»لار بولۇپ ئۆتتى. بۇ «ئىنقىلاب»لارنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى شۈبھىسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق «ئىنقىلاب»ىدۇر. 23 يىللىق بۇ «ئىنقىلاب» بىر خەلقنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت قاراشلىرىدىن تارتىپ، تاماقنى قايسى قولدا يېيىش، ھاجەتخانىغا قايسى پۇت بىلەن كىرىپ، قايسى پۇت بىلەن چىقىشتەك تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قىتئەلەر ئاتلاپ دۇنيانى ئۆزگەرتتى. دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن پارىژ ئىنقىلابىدەك ئىنقىلابلاردا نەچچە ئەۋلاد پەيلاسوپ، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ ئىنقىلابلار ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىغان بولسا، بۇ «ئىنقىلاب»نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ساۋادىمۇ بولمىغان بىر زات ئۆزى يالغۇز روياپقا چىقاردى.
مەرھەمەتلىك رەببىمىزنىڭ مىساللارغا ئېھتىياجى يوق ئىدى، بىز بەندىلىرىنىڭ قولاي چۈشىنەلىشىمىز ئۈچۈن، تەجرىبىلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ تۇرۇپ مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەندەك، بىز چۈشىنەلەيدىغان مىساللار بىلەن مەسىلىلەرنى يورۇتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆگەنگۈچى ئىككى خىل پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن. بىرىنچى خىلى ئىلىم نازىل قىلغۇچىنى تونۇماستىن «مۇشۇمۇ مىسال بولدىمۇ؟» دەپ تەكەببۇرانە نەزەردە باقىدىغان ئوقۇغۇچى پوزىتسىيەسى، ئىككىنچى خىلى «بۇ مېنىڭ رەببىمدىن كەلگەن ھەق» دەپ، ئايەتلەرنىڭ تېگىدىكى ھېكمەتنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان كەمتەر بەندىنىڭ پوزىتسىيەسى. ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ قانداقلىقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا قەلبى قۇرئان نۇرى بىلەن يورۇغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئىمانى كۈچىيىدىغان تەقۋادارلىق نېسىب بولسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 9 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 18, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: «بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق» دەيدۇ. - ئۇلارغا ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ - ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 25 - ئايەت)
كىشىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە خۇش خەۋەرلەر بار. ئەگەر دىنغا سۇس كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قېلىپ، بىر نەچچە مىنۇتلۇق سۆز پۇرسىتى كېلىپ قالسا، ئۇ نەچچە مىنۇتنى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياخشى. ئاساسەن ھېچقانداق ئىسلامىي مائارىپ يۈزى كۆرمىگەن، ئىسلام ھەققىدە تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان جۈمەگە ئاندا - ساندا بېرىپ قالىدىغان كىشىلەرنى ئۇنداق پۇرسەتلەردە قامچىلىغىنىڭدا ئۇلار جۈمەگىمۇ بارماس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارىدىغان نامازدىن ھېيىت نامىزىلا قالىدۇ. ئاندىن ھېيىت نامىزىدا: «سىلەر باشقا نامازلاردا نەدە قالغان؟ ھېيىت نامىزى پەرھىز نامازمۇ ئەمەس، سىلەر خىجىل بولمامسلەر؟» دەيدىغان بىرىگە توغرا كەلسە، بۇ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغىمۇ كەلمەس بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل كىشىلەر بۇ نامازلارغا گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ پەيتتە ئۇلارغا ئۈمىد بېرىش، يۇمشاق گەپ قىلىش كېرەك: سىلەر ئاللاھنى ئۇزۇندىن بېرى تەرك ئەتتىڭلار، لېكىن، ئاللاھ سىلەرنى تەرك ئەتكىنى يوق. ئاللاھنىڭ رەھمەت ئىشىكى ھېلىھەم ئوچۇق. قايتىش پۇرسىتىڭلار ھېلىھەم بار. جەننەت ئىمان ئېيتقان ھەممەيلەن ئۈچۈندۇر… دېگەندەك.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىندىن يىراقلىشىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى بەرىبىر دوزاخقا كىرىمەن، دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ: «بۇرادەر، مەن ياخشى مۇسۇلمان ئەمەس، مەن بىر يامان ئادەم، ئەمما، بىر سوئالىم بار» دەپ گەپ باشلايدۇ. مەن شۇنداق دەيمەن: «سېنىڭ ياخشى ياكى يامان كىشى ئىكەنلىكىڭنى قانداقمۇ بىلەي؟ نېمىشقا ئۆزۈڭنى بۇنداق دەپ قارايسەن؟ ئۆزۈڭگە ياخشى كۆز بىلەن باق، چۈنكى، ئاللاھ ساڭا ياخشى كۆز بىلەن باقىدۇ. ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە، چۈنكى، ئاللاھ سېنى تاشلىۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ سېنى تاشلىۋەتمىگىنىنى قانداق بىلەلەيسەن، ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ سەن ھېلىھەم نەپەس ئېلىۋاتىسەن، ئەگەر سەندە ھېچقانداق ئۈمىد بولمىسا ئىدى، شۇئان ياشىمىغان بولاتتىڭ».
يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «ياخشى ئەمەللەر»نىڭ كۆپلۈك شەكلىنى «ئازراق ياخشى ئەمەل» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈتكىنى تۈگىمەس ياخشىلىق ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىشىلەر كېلىپ: «ماڭا قىلسام جەننەتكە كىرىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بەرگىن» دېگىنىدە پەيغەمبىرىمىز قەلبنى پاكلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك سەككىز يۈز ئىشنى تىزىپ بەرمىگەن، بىرگە «ئاچچىقلانما» دېگەن، بىرىگە «ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل» دېگەن، يەنە بىرىگە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگىن، ئاندىن بۇ ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇر» دېگەن. ئۇ زات ھەممە كىشىگە ئوخشاش جاۋابنى بەرمىگەن، كىشىلەرنىڭ روھ - ھالى، خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۇلار قىلسا، ياخشىلىققا يۈزلىنىدىن ئەمەللەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ كىشىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتمىغان.
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىبادىتى راۋۇرۇس، بامداتقا ھەر كۈنى كېلىدىغان، نەپلى روزا تۇتىدىغان، ئۆزىنى توختىماستىن يېڭىلايدىغان كىشىلەر بار، ئۇلارغا كۆپلەپ ياخشى ئەمەللەر تەۋسىيە قىلىنسا بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىسلامدىكى ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىمۇ تەستە قىلىدىغان. ئۇلارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنى ئۇزۇن تىزىملىك ئەمەس...
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن:
«ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار.» («بۇخارى» 69 - ھەدىس)
1445 - يىل رامىزاننىڭ 8 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 17, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 22 - ئايەت)
ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن رەڭلىرى كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان، پۇراقلىرى ئىشتىھانى قوزغايدىغان، تەمى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان مېۋە - چېۋىلەر ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
بىر دوستۇم ئاشقازان مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئالتە ئاي كېسەل تارتىپ دوختۇرخانىدا ياتتى. بۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا تومۇرىدىن بېرىلگەن ئوزۇقلۇق ئۇكۇللار بىلەن جان ساقلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايلاردا ئاستا - ئاستا سۇيۇقلۇق ئىستېمال قىلالايدىغان ھالغا كەلدى. مەن ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا يېنىدا ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە باشقا تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۇدا ئېرىتىپ ئىچىدىغان پاراشوكلىرى باركەن. تېتىپ باققۇڭ بارمۇ، دېدى. قىزىقىپ ماقۇل بولدۇم. پاراشوكلارنىڭ تەمى بىر - بىرىدىن بەتتەر ئىدى. ئەمما، ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى شۇ نەرسىلەر بىلەن قامداشقا مەجبۇر ئىدى. ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىمىزنى قامداش ئۈچۈن يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنى رەڭگارەڭ، خۇشپۇراق، تەملىك قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق ئىدى، ئەمما، ئۇ زات كامالىي مېھرىبانلىقىدىن بىزنىڭ رىزقىمىزنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل قىلىپ ياراتتى. مېۋىلەرنى كۆركەم دەرەخلەردە ياراتتى. دەرەخلەرنىڭ ئۆزىلا قارىغۇچىغا زوق بېرىدۇ. مېۋىلەر بىزگە ئوزۇقلۇق بېرىپلا قالماستىن گۈزەللىك، تەم ۋە ھۇزۇر بېرىدۇ. شۇڭا، ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ دەيدۇكى، «شۇڭا ئاللاھقا ھېچكىمنى ئوخشاش كۆرمەڭلار». ھەدىسى شەرىفتە پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ...» دېگەن بىر بەدەۋىيگە «مېنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرۈۋاتامسەن؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگىنى ئېيتىلغان.
نېمەتلىرىنى كۆزلەرگە، دىماقلارغا، تىللارغا، قۇلاقلارغا ۋە باشقا جېمى سەزگۈلەرگە ھۇزۇر بېرىدىغان قىلىپ ياراتقان رەببىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇش، ئۇ زاتنى زىكىر قىلىش، ئۇ زاتقا شۈكۈر قىلىش، مۇكەممەل ئىبادەت قىلىش نېسىۋىمىز بولغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 7 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 16, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
رەب ۋە بەندە
ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. («بەقەرە» سۈرىسى 21 - ئايەت)
بىر كۈنى ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان دەرسى بەرگەن مۇئەللىمى نۇئمان ئەلىخاندىن: «پۈتۈن قۇرئاننىڭ بىر جۈملىلىك خۇلاسىسى نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ: «ئاللاھنىڭ ئىگىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «شۇنداق، سەن چۈشىنىپسەن!» دەيدۇ ئۇستازى.
قۇرئان سەن بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى كىتاب. ھەر بىر خىل مۇناسىۋەتتە ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت بولىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ پەرقلىق ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى چۈشەنمىسەڭ، چاتاق چىقىدۇ. قۇرئانغا ئاساسەن ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاساسلىق مۇناسىۋەت — رەب ۋە بەندە مۇناسىۋىتى. بۇ مۇناسىۋەتتە رەبنىڭ بەندىگە ھېچقانداق قەرزى يوق. ئۆزۈڭنى بەندە (قۇل) دەپ ئاتىغىنىڭدا بۇ سېنىڭ ھېچنېمە ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ. خىزمەتچىنىڭ مائاش ھەققى بولىدۇ، تىجارەت شېرىكىنىڭ پاي ھەققى بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسىم ھەققى بولىدۇ. ئەمما، قۇلنىڭ ھېچقانداق ھەققى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن بەرگەن ھەر بىر نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىيە بولىدۇ. بىز «خوجايىن»، «قۇل» دەپ ئاتىغىنىمىزدا قۇللار ئۇچرىغان زۇلۇم ھەققىدىكى ئېڭىمىزغا جايلاشقان چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن، بۇ ئىپادە سەت ئاڭلىنىدۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ «خوجايىن»لىقى بىز بىلىدىغان ھېچبىر «خوجايىن»غا ئوخشىمايدۇ. قايسى خوجايىن قۇلىغا «خالىساڭ ماڭا ئىشەن، خالىساڭ ئىنكار قىل» دەيدۇ؟ قايسى خوجايىن ئۆزىگە بويسۇنمىغان، باشباشتاقلىق قىلغان، دۈشمەنلىك قىلغان، مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ ئۇ قۇلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؟ ھەرقانداق خوجايىن ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىنى دەرھال جازالايدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلغان، قۇرئاننى ھاقارەتلىگەن بەندىلىرى يەنىلا يەپ ئىچىپ، ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سوقۇشنى داۋام قىلىدۇ، ئاشقازانلىرى تاماق ھەزىم قىلىدۇ، ئۆپكىلىرى ھاۋانى سۈمۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ راھمان سۈپىتى سەۋەبىدىن بولىدۇ. «فاتىھە» سۈرىسىدە ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، راھمان ۋە رەھىم سۈپىتىنى تىلغا ئالغان ئاللاھ، بۇ ئايەتتىمۇ ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۇ ئىپادىگە بىزنى ۋە بىزدىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان، بىزگە ھاياتلىق بەخش ئەتكەن رەھمەت ئىگىسى سۈپىتىنى يانداشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن بىزگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى، مەرھەمىتىنى ھېس قىلىش، ھەر ۋاقىت ئورنىمىزنى، ھەددىمىزنى بىلىپ ياشاش بىزنى تەقۋادارلىققا، يۈكسىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 6 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 15, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 14 - ئايەت)
مۇناپىقلارنىڭ مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بۇ ئايەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «مەسخىرە» كەلىمىسى ئېلىنمىغان تۆۋەندىكى:
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 15 - ئايەت)
دېيىلگەن ئايەت ھەققىدە، ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ» دېگەن ئايەتنى كۆرۈپ، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان بۇ كاتتا زات قانداق مەسخىرە قىلىدىغاندۇ، دېگەن سوئال ئەقلىمىزگە كېچىپ بولغىچە، رەببىمىز جاۋابنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىلا بېرىدۇ. «ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ». «قىلما، قىلما» دېگەن توسۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان باشباشتاقلارنى ئاللاھ مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى شۇنداق بىر ئىتنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بىر - ئىككى مېتىر قىسقا تانا بىلەن باغلانغان بىر ئىت 20 - 30 مېتىرلىق بىر تانا بىلەن باغلانسا، ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈپ بېقىپ ئۆزىنىڭ باغلاقتا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. ئاندىن يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ، يۈگۈرگەنسېرى تېزلىكى ئارتىدۇ، ئاندىن ئۇ تازا تېزلەشكەندە تانا ئۇنىڭ بوينىدىن شۇنداق بىر تارتىدۇكى، ئۇ ئىت بوغۇلۇپ تىك موللاق ئاتىدۇ. ئۇستازنىڭ بۇ مىسالىنى ئاڭلىماستا مېنىڭ ئەقلىمگە بالىلىرىمنىڭ كىچىك ۋاقتىدا، «ھاي، ھاي» دېگەنگە ئۇنىماي بىر يەرلەردىن يىقىلغىنىغا كۈلكەم قىستىغان پەيتلەر كەلگەنىدى. دېمەك، رەببىمىز مەرھەمىتىدىن قېچىپ، جازاغا ئۆزىنى ئاتقان ئازغۇنلارغا «مەسخىرە»سى مۇشۇ شەكىلدە بولسا كېرەك.
ئاللاھنىڭ ئازغۇنلارنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەتمۇ ئىبرەت ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك:
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى. («ئەنئام» سۈرىسى 44 - ئايەت)
بەندىلەرنىڭ مەسخىرىسىدىن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن رەسۇلۇڭمۇ قۇتۇلالمىغان, بىزنى سېنىڭ مەسخىرەڭگە قېلىشتىن ساقلىغىن, رەببىم.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 5 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار