ئىستىغپارنىڭ پايدىسى ۋە قۇدرىتى

ئىستىغپارنىڭ پايدىسى ۋە قۇدرىتى

مىڭ ئايدىن خەيرلىك قەدىر كېچىسى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن دۇئا — «ئى ئاللاھ، سەن بەكمۇ ئەپۇچان، كەرەملىكسەن. ئەپۇنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن». ئالدىنقى كېچە بۇ دۇئانى تەكرار ئوقۇغاچ «شۇنچە ئاددى دۇئانىڭ بۇ قىممەتلىك كېچە ئۈچۈن مەخسۇس قىلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟» دېگەن سوئال كۆڭلۈمدە كېزىپ يۈرەتتى. سەھەردە ئىستىغپار ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش نىيىتىدە ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخاننىڭ شۇ ھەقتىكى دەرسىنى ئۇچرىتىپ، بۇ دەرستىن كۆڭلۈمدىكى سوئالغا راۋۇرۇس قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتىم. يۈرىكىمنى ياشارتقان بۇ گۈزەل چۈشەنچىلەرنى سىلەرگىمۇ سۇناي:

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30-ئايەت)

ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن كېيىن پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. جىنلاردىن بولغان ئىبلىس پەرىشتىلەر بىلەن ئوخشاش مەقامدا بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭمۇ سەجدە قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن، سەجدە قىلمىدى.

ئاللاھ (ئىبلىسقا): «سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى. («ساد» سۈرىسى 76 - ئايەت)

ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» شۇنىڭدەك ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى. ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى. («ئەئ‍راف» سۈرىسى 20~23 ئايەتلەر)

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىز يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈش ئۈچۈن يارىتىلغانىدى. «بىزنى يەر يۈزىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياراتقانىدىڭ، سەن خالىمىساڭ، بىز يېمىگەن بولاتتۇق» دەپ ئىبلىسنىڭ پوزىتسىيەسىدە، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي باھانە تېپىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىشتى. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشتى. تەۋبە-ئىستىغپار، مەسىلىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن ئىزدەش — ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى. مەسىلىنى باشقىلاردىن ئىزدەپ شىكايەت قىلىش، باھانە ئىزدەش، كىبىر-تەمەننا — شەيتاننىڭ پوزىتسىيەسى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئون يىللاپ تۈرمىدە ياتقىنىدا ئاللاھقا شىكايەت قىلدىمۇ؟ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇددىستلار ئارىسىدا تۇغۇلغىنىدىن، ناچار مۇھىتتىن شىكايەت قىلدىمۇ؟ ياق، ئۇلار شىكايەت قىلمىدى. ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتتى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتى ۋە ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دېمەك، ئىستىغپار مەسىلىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈنىگە 100 قېتىم ئىستىغپار ئېيتىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. ھالبۇكى، پەيغەمبەرلەر گۇناھسىز ئىنسانلاردىن ئىدى. ئۇنداقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىدۇ؟

ئەسلىدە تەۋبە-ئىستىغپار ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلغاندا، ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ تولۇق، مۇكەممەل بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزرىسى ئۈچۈنمۇ ئېيتىلىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقانىدى:

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن. («بەقەرە» سۈرىسى 127-128 ئايەتلەر)

نامازدەك گۈزەل ئىبادەتنى قىلىپ، ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەستەغفىرۇللاھ» دەپ ئىستىغپار ئ‍ېيتىشىمىزمۇ، شۇ ئىبادەتنى ئاللاھقا لايىق، مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلالمىغىنىمىزنى ئىقرار قىلىش ئۈچۈندۇر.

دېمەك، ئىستىغپار ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىنسانلار يارىتىلغاندا تۇنجى تەلىم بېرىلگەن دۇئا — ئىستىغپار (يۇقىرىدىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ دۇئاسى). ئىنسانلار ئاخىرەتتە جەننەتكە ماڭغىنىدا ئوقۇش ئۈچۈن تەلىم بېرىلگەن دۇئامۇ ئىستىغپاردۇر.


ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ. («تەھرىم» سۈرىسى 8-ئايەت)

بىراۋ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلىرىدىن پەخىرلەنگىنىدە، شەيتاننىڭ قەدىمىگە ئەگىشىشكە باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقىدىن، سېخىيلىقىدىن، نامازنى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقىدىن، ھەج قىلغانلىقىدىن زوقلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەۋبە-ئىستىغپار ئىشىكلىرى تاقىلىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى مۇكەممەل چاغلاپ قالىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خاتالىق-كەمچىللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ ئېيتىلغان ئىستىغپار مەقبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي تەۋبە-ئىستىغپار يۈرەكتىن چىقىشى كېرەك. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇنىڭ تېز-تېز «ئەستەغپىرۇللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ، ئەستەغپىرۇللاھ» دېيىشلىرىنى ئاڭلاپ، «سەن بۇ ئىستىغپارىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتقىن» دېگەنىكەن.

ئىستىغپارنىڭ نېمىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ. («نۇھ» سۈرىسى 10~13 ئايەتلەر)

ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتقۇچىغا ئاسماندىن رەھمەت ياغىدۇ، ماللىرى، بالىلىرىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ.

ئىستىغپار كىشىگە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشنى، كەمتەر بولۇشنى، ھەردائىم خاتالىشىش ئېھتىماللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزگىنىدە ئىككىنچى بىر ئىنسانغا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى تەس، باشقىلار نوقسان-خاتاسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدە قوبۇل قىلىشى تەس، ئەمما، خاتالىق كۆرسىتىلگىنىدە باھانە كۆرسىتىش، ئۆزىنى ئاقلاپ، خاتالىقنى بوينىغا ئالماسلىق دەل ئىبلىسنىڭ پوزىتسىيەسىدۇر. بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئورۇنۇش، ئاللاھقا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلىشنىمۇ تەسلەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىستىغپارغا تاشلانغان تۇنجى قەدەمدۇر. باشقىلار ئالدىدا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش كىشىنى ئوسال ئەھۋالدا قالدۇرۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئاللاھقا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش، كەمچىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنساننى ئاللاھ نەزىرىدە ئەزىز قىلىدۇ.

ئاللاھ ئۇلۇغ كۈنلەردە بىزنى مەغپىرەت قىلغاي، ئىستىغپارلىرىمىز سەۋەبىدىن رەھمىتىگە، بەرىكىتىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلغاي.

(نۇئ‍مان ئەلىخاننىڭ «ئىستىغپارنىڭ پايدىسى ۋە قۇدرىتى» دەرسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تولۇقلىنىپ تەييارلاندى)

رامىزاندا ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ

مۇھەممەد ھوبلوس

بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆمرىگە باردۇق. كەبىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتۇق. ئەزان چىقتى. كىشىلەر يانچۇقلىرىدىن تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ كەينىدىكى رەڭگارەڭ يېنىپ تۇرغان سائەت مۇنارىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. چۆچۈپ كەتتىم، بۇ ئىنسانلار كەبىگە قاراپ، قەلبىگە كەبىنى نەقىشلەشنىڭ ئورنىغا كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەشەمەتلىك بىنانى تېلېفونىغا خاتىرىلەۋاتاتتى...ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە كىشىلەر پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ تاملىرىنى ئاقارتماقچى بولغىنىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاملارنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پىتنە بولۇشىغا يول قويمايمەن، دەپ كەسكىن رەت قىلغانىدى...رامىزاندا شەيتانلار باغلىنىدۇ، قالغان ئون بىر ئايدا شىللىسىگە مىنىپ، قامچىسى بىلەن ھەيدەپ ئۆزىنىڭ يولىغا قانداق ماڭدۇرۇشنى ئۆگەتكەن شەيتان، بۇ ئايدا ئۇ كۆنگەنلەرنىڭ قامچىسىز قانداق ماڭغىنىنى تاماشا قىلىشىدۇ...ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ئۇدا ئىككى ئاي ئوچاققا ئوت يېقىلىپ باقماي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. بىزلەرگە قاراڭلار، رامىزانغا خاس تاماقلىرىمىز، رامىزانغا خاس تاتلىقلىرىمىز بىلەن رامىزان ئېيىنى زىياپەت ئېيىغا، ئىسراپ ئېيىغا ئايلاندۇرۇشتۇق...ئاياللارغا رەھىم قىلىڭلار. ئاددى تاماق قىلغىلى قويۇڭلار. يېرىم سائەت، ئېشىپ كەتسە بىر سائەتتە تەييار قىلغۇدەك تاماقلارنى قىلسۇن... شەيتان بىزنىڭ كەبىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىمىزنى توسىيالمايدۇ. ئەمما، كۆزلىرىمىزنى، قەلبىمىزنى سائەت مۇنارىغا چۆرىيەلەيدۇ. شەيتان روزا تۇتۇشتىن توسالمايدۇ، ئەمما جىمى پۇرسەتلىرىنى ئىشلىتىپ روزىمىزنى كۆيدۈرەلەيدۇ...

تۆۋەندىكى ۋىدىيودىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى:

«تاشلىماسلىقمۇ تەس»

«تاشلىماسلىقمۇ تەس»

بەكىر دەۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا داۋاملىشىۋاتقان رامىزانلىق سۆھبەت «ئاداققى دىن ئىسلام»نىڭ تۈنۆگۈنكى سانىدا مۇسۇلمان بولغان بىر گېرماندىن «ھاراق-شاراب شۇنچە كۆپ ئىچىلىدىغان يەردە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھاراق تاشلاش تەسكە توختىمىدىمۇ؟ بىزنىڭكىلەر شۇنچە دەۋەت-نەسىھەتلەر بولۇپ تۇرسىمۇ تاماكا تاشلاشتىن ئاجىز كېلىشىدۇ» دەپ سورالغىنىدا، «تاشلىماسلىقمۇ تەس» دەپ جاۋاب بەرگىنى ئېيتىلدى. بىر ئىشنى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاسىيلارچە داۋام قىلىش تەس. ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆزۈڭنى ئەيىبلەشلىرىڭ بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن تەس.
ئادەت يۇقتۇرۇش ئاسان، تاشلىماق تەس. كۆپىنچە ئادەتلەر ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. شۇ ئان يۇقتۇرغان يامان ئادەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىدىن بولغان مۇبارەك رامىزاندىمىز. بۇ ئۇلۇغ ئايدا شۇ ئىللەتلەردىن يىراقلىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ، گۇناھلاردىن ئۇزاقلىشىش، رامىزاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل نەپسنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەش، نەپس ھەددىدىن ئېشىۋاتقىنىنى سەزگەن پەيتلەردە نەپلى روزىلارنى داۋام قىلىش بىلەن يامان ئادەتلەرنى تاشلاشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
سەن ئاللاھتىن توغرىلىقنى تىلىگىنىڭدە ئاللاھ توغرىلىقنىڭ يولىنى راۋان قىلىدۇ، ئالدىڭغا سېنى توغرىغا يېتەكلەيدىغان دوستلارنى، كىتابلارنى، سەۋەبلەرنى چىقىرىدۇ. ئازغۇنلۇقنىڭ يولىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئۆزۈڭنىڭ «ئېسىل»لىكىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن دۇرۇس بىرىگە ئايلىنىسەن.
رامىزانغا مۇشەررەپ بولۇپ، گۇناھلىرىدىن ئېرىغدالمىغانغا لەنەت بولسۇن، دېگەنىكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. قىممەتلىك پەيتلەرنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان سۈزۈكلۈك ھەممىمىزگە نېسىب بولغاي.

رامىزانلىق بەش تەۋسىيە

رامىزانلىق بەش تەۋسىيە

  1. پىلان تۈز. «پىلاندا مەغلۇب بولغىنىڭ، مەغلۇبىيەتنى پىلانلىغىنىڭدۇر» دېگەن گەپ بار. رامىزاندا قىلىدىغان ئىشلارنى پىلانلاپ، پىلانىڭىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىل. مەسىلەن: «قۇرئاننى مانچە قېتىم ئوقۇيمەن» دېگەن پىلاننى تۈزگىن، ھەم ھەر كۈنى شۇ پىلاندىكى بەتلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىشكە ھەرىكەت قىلغىن.
  2. ۋاقتىڭنى باشقۇر. رامىزاندا قۇرۇق سۆز، بىھۇدە ئويۇن-تاماشادىن يىراق بولغىن، ئاممىۋى مېدىيا ۋاسىتىلىرى بىلەن زىيادە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىن. ۋاقتىڭنى ناماز، قۇرئان، زىكىرلەر ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن. بىكار بولساڭ «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندەك ئۆزى يەڭگىل ئەمما تارازىغا ئېغىر ئولتۇرىدىغان زىكىرلەر بىلەن مەشغۇل بولغىن.
  3. ئىزچىللىققا ئادەتلەنگىن. «ئەمەللەرنىڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشقىنىدۇر». رامىزاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۇننەتلىرىنى ئادىتىڭگە ئايلاندۇرغىن، ئۇنى رامىزاندىن كېيىنكى ئايلاردىمۇ داۋام قىلغىن.
  4. سورۇننى توغرا تاللىغىن. گۈل-گىياھلار ئۆسۈشى ئۈچۈن قۇياش نۇرى ۋە سۇغا مۇھتاج بولغىنىدەك، ئىماننىڭ پەرۋىشىمۇ ياخشىلارنىڭ سورۇنىغا مۇھتاج. شۇڭا، كۆپرەك ۋاقتىڭنى مەسجىدتە، ياخشى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن.
  5. ئۆزۈڭنى يۈكسەلت. ھەرگىز ئۆزۈڭنى سەل چاغلىما. ئۆزۈڭنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان پەللىلەرگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقىن. ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە، يېقىنلىقىغا ئېرىشكىن.

    (تۆۋەندىكى ۋىدىيودىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى)
ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام

ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام

بەزى كۈنلىرى ساناقسىز ئورۇنۇشلىرىمغا قارىماي بەزى مەسىلىلەر ھەل بولماي كېتىدۇ. «كىچىك ئىشلارغا خۇدايىمنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەيدىغان، بەندىنىڭ چوڭ-كىچىك ئورۇنۇشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن زېھنىيەتنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھتىن ئاسانلىق سورايمەن. كۆپ ئۆتمەي مەسىلە ھەل بولىدۇ. بەزى كۈنلىرى ھەممە ئىشلار ئاجايىپ ئوڭۇشلۇق ماڭىدۇ. ئوڭۇشسىزلىقتا ئاللاھقا تېۋىنغان كۈنلەر قىممەتلىكمۇ، قولايلىقتا «قالتىسكەنمەن» دەپ يۈرگەن كۈنلىرىممۇ؟ دەپ سوراپ قالىمەن ئۆزۈمدىن.

ئايرىلىشلارنىڭ، مەغلۇبىيەتلەرنىڭ زەربىلىرىدە سەگەكلىشىدىغانلىقىمنى، پىشىپ-يېتىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. گۈل-گۈلىستانلىق ئىچىدە زەئىپلەشمەستىن، بوران-چاپقۇن ئىچىدە تاۋلىنىشمۇ نېمەت ئىكەن، دەپ قالىمەن. ئېغىر يىللارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى روھىمىزغا دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىلىرىدەك نەقىشلىگەن چەمبىرەكلەر بەردەملىكىمىزنى ئارتتۇرسىكەن دەيمەن...

ئېغىرچىلىقلاردا ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام بولسۇن!