كۆز-كۆز قىلغۇدەك ئوي-پىكرىڭىز بارمۇ؟

كۆز-كۆز قىلغۇدەك ئوي-پىكرىڭىز بارمۇ؟

تىكتوك، ئىنستاگرام دېگەندەك كۆرۈنۈشلۈك ئاممىۋىي مېدىيا ئەپلىرى ئۇپا-ئەڭلىك، نۇر-سىۋىت، سۈرەت پەرداز ئەپلىرى ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ چىراي، بەدەن كۆز-كۆز قىلىدىغان، تۈرلۈك ۋىدىيو ئۈنۈملىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەچچە سېكونتلۇق «قالتىس» ھەرىكەتلىرىنى داملىتىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى. قان-تەرسىز، ئەجىر-مېھنەتسىز تېز سۈرئەتتە نام چىقىرىش خىيالىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ ئېسىدىن نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاك-پاكىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان شاكال كۆرۈنۈشلەر بىلەن مىچچىدە تولدۇرۇپ ئۈلگۈردى. ۋاتسئەپتىن كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە Clubhouse ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى كۆردۈم. كىشىلەرنى جەلب قىلغان يېڭى ئۇقۇمنى لايىھىلىگۈچى نۇقتىسىدىن چۈشىنىپ بېقىش نىيىتىدە قاچىلاپ، ئىشلىتىپ باقتىم.
«كۇلۇبخانە» نامىدىكى بۇ ئەپكە ئەزا بولۇش ئۈچۈن، بۇرۇن تىزىملاتقانلارنىڭ تەكلىپى بولۇشنى شەرت قىلىدىكەن. بىر تېلېفون نومۇرى بىلەن بىرلا ئىشلەتكۈچى تىزىملىتىشنى، راست ئىسىم قوللىنىشنى تەلەپ قىلغاچقا، يالغان ھېسابلارنىڭ قالايىمىقانچىلىقلىرى ئازايغۇدەك. ئەپكە باش سۈرەت ئۈچۈن سۈرەت يوللىغاندىن سىرت، باشقا، سۈرەت، ۋىدىيو يوللايدىغان ئىش يوق ئىكەن. ھەركىمنىڭ سۆھبەتخانا ئېچىش ھوقۇقى بولىدىكەن. سۆھبەتخانىنى خالىسا ئاشكارە، خالىسا ئۆزئارا ئاچقىلى بولىدىكەن. ئاشكارە ئېچىلغان سۆھبەتخانىلارغا ھەركىم كىرىپ سۆھبەتنى تىڭشىسا بولىدىكەن. پىكىر بايان قىلماقچى بولسا، قول كۆتۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ، سۆھبەتخانا ساھىبى رۇخسەت قىلسا پىكىر قىلالايدىكەن. سۆھبەتخانا ئېچىپ، «كۇلۇبخانە»نىڭ دائىمىي مېھمىنى بولغانلارغا «كۇلۇب» ئېچىش ئىمتىيازى بېرىلىدىكەن. ئۇ كۇلۇبتا سۆھبەت باشلانغان ھامان ئەگەشكەنلەر ئەسكەرتمە ئۇچۇرغا ئاساسەن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ قاتنىشالايدىكەن. نورمال سۆھبەتلەرنى مەلۇم ۋاقىت بەلگىلەپ شۇ ۋاقىتتا باشلىغىلىمۇ بولىدىكەن.
قىسقىسى، بۇ ئەپ كامېرا ئىشلەتمىگەچكە چىراي، بەدەن كۆز-كۆز قىلىنمايدىكەن. ئۆز پىكىر-چۈشەنچىسىنى باشقىلارغا مەنپەئەتلىك دەپ قارايدىغانلار سۆھبەتخانا، كۇلۇب قۇرۇپ پىكىر تارقاتسا، شۇ تۈردىكى سۆھبەتكە قىزىقىدىغانلار خۇددى لېكسىيە، دەرسلەرگە ۋاقىت ئايرىپ قاتناشقاندەك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا نەقمەيدان قاتنىشىپ ئاڭلىسا بولىدىكەن. يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى، كونۇپكا بېسىپ تۇرۇپ سۆز قىلىنمايدىكەن. مىكروفوننى تاقاش ئۈچۈن كونۇپكا بېسىلىدىكەن. شۇڭا تېلېفون ياكى باشقا ئەپلەردە نەقمەيدان پاراڭلاشقاندەك ئەپنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ياكى ئوڭدا يېتىپ پاراڭلاشسا بولىۋېرىدىكەن.
ئالا-بۇلىماچ ئەپلەرنىڭ غەلۋە-غوغالىرىدىن زېرىككەنلەر ئىلمىي پىكىرلەر، كىتاب تونۇشتۇرۇشلىرى، ئىگىلىك تىكلەش تەۋسىيەلىرى… دېگەندەكلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن سىناپ باقساڭلار بولىدىكەن.
(ئەسكەرتىش: ھازىر پەقەت ios ئۈسكۈنىلىرىدىلا ئىشلەيدىكەن. iphone ياكى ipad بولۇشى شەرت)

ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەھمەد بۇلۇت ئۇستازنىڭ مەسلىھەتلىرى

بۇ زاماندا مۇھەببەتلەشمەي توي قىلىش مۇمكىنمۇ؟
ئەرنىڭ ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيتى بار، ئەمما، ئايال خالىسا ئىشلىسە بولمامدۇ؟
جۆرىسى ناماز ئوقۇمىسا ياكى ھىجابلانمىسا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
بىر ئەركەك ئايالى بىلەن ئانىسى ئارىسىدا قالغاندا قايسى تەرەپتە تۇرغۇلۇق؟


25 مىنۇتىڭىزنى چىقىرىپ، ئەھمەد بۇلۇت ئۇستازنىڭ ئائىلە مەسىلىلىرىگە بەرگەن مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ قويۇڭ. بەلكىم بەزى باش قېتىنچىلىقلىرىڭىز ھەل بولۇپ قالار.

تىزىملىك

تىزىملىك

1

تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ... دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە قويۇشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆيدە ئىشلىگەندىمۇ كومپيۇتېرىم يېنىغا بىر تىزىملىك يېزىقلىق ياكى Google Keep، Mac Notes لاردىن بىرىگە جىجاق تىزىم (checklist) قۇرۇغلۇق بولىدۇ. كۆزۈمگە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان بۇ تىزىملىكلەر نىشاندىن چەتنىگەن ئىشلارنى ئاز قىلىشىمغا، بىر ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ ئ‍ۆزۈمگە كېلىپ، «نېمە قىلماقچىدىم» دەپ سورىغىنىمدا قىلماقچى بولغان ئىشىمغا ۋاقتىدا قايتىۋېلىشىمغا ياردەمچى بولىدۇ. 
كىچىك ئىشلاردىكى بۇنچە كۆپ نىشاندىن چەتنەشلەر بەزىدە «ھايات نىشانىمدىن قانچە چەتنەپ يۈرگەندىمەن-ھە؟» دېگەن سوئالنى تاشلايدۇ.

2

چاڭ قونغان، بارماق ئىزىغا تولغان ئېكران مەن ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەردىن بىرى. كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئېكرانىمنى ئېكران سۈرتكۈچ بىلەن پاك-پاكىزە سۈرتۈپ، بىر تال داغ قويماي ئىشلىتىشكە كۆنۈكلىكىمدىن كومپيۇتېرىمنىڭ ئېكرانى داۋاملىق يېڭىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بىرى ئېكرانغا بارماق تەگكۈزۈپ بىر بىر نەرسە كۆرسەتسە ئەرۋايىم ئۇچىدۇ. كومپيۇتېرىمنىڭ يېنىدا قۇرئان قويۇغلۇق. ئەتىگەن ئوقۇش ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم، ئوقۇشتىن بۇرۇن ئېكران سۈرتكۈچتە سۈرتتۈم، بىر تالاي چاڭ قونۇپتۇ. قۇرئان مۇقاۋىسى پارقىراق، قارا بولمىغاچقا چاڭ باسقىنى ئۇنى ئوقۇش ئالدىدا قارا سۈرتكۈچتە سۈرتكىنىمدىلا مەلۇم بولىدىكەن. دۇنيالىق نىشاندىن چەتنەشلەر مائاش، ئىش ھەققى، تەمىنات... لاردا مېنى قامچىلاپ، «ھوشۇڭنى تاپ» دەپ تۇرىدىكەن. مەڭگۈلۈك نىشاندىن چەتنىگىنىم قۇرئاننى قولۇمغا ئالمىغۇچە، ئۇنى سۆيۈپ سۈرتمىگۈچە، ئۇنىڭغا قەلبىمنى بەرمىگۈچە بىلىنمەيدىكەن.

3

قىلىدىغان بىر تالاي ئىشلار ئۈچۈن يەنە تىزىملىك تۇرغۇزدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلىك تىزىمگە ئىزچىل قوشۇپ ماڭىدىغانغا، «ئۆلۈمگە تەييارلىق» دەپ بىر قۇرمۇ قوشتۇم.