ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر

ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر

ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر.
— تولستوي

كەسىپ ياكى تىل سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن Youtube ياكى UDemy دىن دەرسلىك، چاتما فىلىم ياكى كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇلار ئىگەللىگەن سائەتلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپىنچىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئايرىغان سائەتلىرىمىز تولىمۇ ئاز دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى، ئىمان-ئېتىقاد سەۋىيەمىزمۇ باشقا سەۋىيەلىرىمىزگە ئوخشاش توختىماي يېڭىلاشقا، ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سەۋىيە ئۆستۈرۈلسە، ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆسىدۇ؛ يۈزلەر نۇرلىنىدۇ، ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرى، سىناقلارنىڭ ئۇرۇپ-سوقۇشلىرىدا زېدىلەنگەن قەلبلەر شىپاسىنى تاپىدۇ؛ دۇنيا ھاياتى ئىچىدىلا قاپسىلىپ قالغان قىممەت قاراشلىرىمىز ئاخىرەت چەكسىزلىكىگە ئۇلاشقىنىدا قاراڭغۇلۇقلار ئارقىسىدىكى نۇرانە ئۇپۇقنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز؛ چۈشكۈنلۈكلىرىمىز نۇرلار دەستىسى ئۇرۇلغىنىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ.بىر يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى شۇ ۋىدىيوغا بېرىڭ، ئاللاھقا ئىمانىڭىز كۈچەيسۇن، غەملىرىڭىز غايىپ بولسۇن...

«بويسۇندۇرۇپ بېرىش»نىڭ مەنىسى

«بويسۇندۇرۇپ بېرىش»نىڭ مەنىسى

«بويسۇندۇرۇپ بەردى» دېگەن سۆزدىن ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر «باش ئەگدۈرۈش» دېگەندەك خاتا مەنىنى چىقىرىۋالىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى باشقا ئايەتلەردىنمۇ نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ مەنىلەرنى پەيدا قىلىۋالىدۇ. ھەتتا تېخى بەزىلەر «بۇ ئايەتلەرنىڭ روھى بويىچە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى ئەسلى مەقسەت ئاسمان-زېمىننى باش ئەگدۈرۈشتۇر» دېگەندەك چۈشەنچىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ھالبۇكى، «بويسۇندۇرۇپ بېرىش»نىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئالاھىدە بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.(مەۋدۇدىنىڭ قۇرئان تەپسىرىدىن ئارىيە)

رېزونانس

رېزونانس

ئاۋاز ئەمەس تاراتقىنىم،
نۇر ئەمەس توساقلاردا بىئىلاج قالغان.
قۇلىقىڭنى يۇپۇر، كۆزۈڭنى يۇم گۈزىلىم،
يۈرىكىڭنى تەييارلا،
ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلا.
ئىچىڭ ئاچچىقمۇ؟
يىغلا،
ئۈن سېلىپ يىغلا.
يېشىڭ قۇرۇغاندا سۈكۈتۈمنى ئاڭلا
يۈرىكىڭنى تەۋرەتكەن دولقۇنلار ئارا.
باشلا،
بىسمىللاھ…

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپى

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپى

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپىنى كەبىنىڭ شەرىپىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز. بىراۋلارنىڭ دىنىمىز ھەققىدە چۈشەنمەستىن بىلجىرلاشلىرى باشلارنى قايدۇرمىسۇن!ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «نېمىدېگەن پاك، نېمىدېگەن خۇشپۇراق سەن! نېمىدېگەن ئۇلۇغ مۇقەددەس سەن! مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مۇئ‍مىن ئاللاھقا نىسبەتەن سەندىنمۇ مۇقەددەستۇر، بايلىقىدا، ھاياتىدا ئۇنىڭغا پەقەت ياخشىلىقلا بار.»

سۇنەن ئىبن ماجەھ 3932(ئەلبانى سەھىھ دېگەن)