ھەقىقىي مۇسىبەت
2020-يىل 30-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىزمىردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش پەيتىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 5.5 باللىق يەر تەۋرىگەندە 12-قەۋەتتە لەپەڭشىپ ئولتۇرۇپ، شاھادەت كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ھېس قىلمايدىغان دەھشەت پەيتلىرىدە كىشى ئاللاھقىلا يېلىنىدۇ.«مەككە مۇكەررەمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن فەتىھ قىلىنغاندا ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىددە تەرەپكە قېچىپ بىر كېمە ئارقىلىق ھەبەشىستانغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما، دېڭىزدا قاتتىق بوران چىقىپ كېمە خەتەر ئىچىدە قالغاندا، دەسلىپىدە ئىلاھ، مەبۇدلارنى چاقىرىشقا باشلايدۇ. ئەمما، بوران تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلاپ، كېمە غەرق بولاي دەپ قالغاندا، كېمىدىكى بارلىق مۇساپىرلار: «بۇ ئاللاھدىن باشقىنى چاقىرىدىغان چاغ ئەمەس، ئاللاھ خالىسىلا ئاندىن بىز قۇتۇلۇپ قالالايمىز» دېيىشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، قەلبىدە «ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى قۇتقۇزۇۋالالمايدىغان بولسا ئۇنداقتا باشقىلار باشقا يەردە قانداقمۇ قۇتقۇزۇۋالالىسۇن؟ مۇھەممەد دەل مانا مۇشۇ سۆزنى يىگىرمە يىلدىن بېرى بىزگە سۆزلەپ، چۈشەندۈرۈپ كەلمىگەنمىدى؟ ئەمما، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىكارغا جېدەل قىلىپ يۈرۈپتىمىز ئەمەسمۇ؟» دېگەن ۋىجدانىي سادا ياڭراشقا باشلايدۇ. بۇ دەل ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىنقىلابىي بۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا «ناۋادا مەن بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالسام، ئۇدۇل مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قول بېرىمەن» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مۇسۇلمان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قالغان پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلام يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.» (مەۋدۇدى تەپسىرىدىن ئارىيە)مۇسىبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقمىز. لېكىن، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغان مۇسىبەت مۇسىبەت ئەمەس نېمەت، ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرغان «نېمەت»مۇ ئەڭ چوڭ مۇسىبەت، دېگەن ھېكمەت قەلبلەرگە سىڭمەيدىكەن، مۇسىبەتلىرىمىز ئېغىرلاپ كېتىۋېرىدۇ...
رومانتىكا
ئۇزۇن بويۇن رۇمكا، شام، قىزىل گۈل، شەرەنداز گۈزەلمۇ رومانتىكا دېگەن؟
ياكى،
نامازدا ساڭا ئەگەشكەن ھايا گۈلىمۇ چېھرى نۇرغا چۈمۈلگەن؟
جاۋاھىرات
ئىنسان ئىچىدىكى جاۋاھىراتنى چاقنىتىش بىلەن چولپان بولالايدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى، كۆپ ئادەملەر ئۆز ئىچىدە باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق جاۋاھىرات بارلىقىدىن خەۋەرسىز، تېشىنى باشقىلارغا ئوخشىتىش بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
«دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلايمەن»
ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر يەكشەنبىسى ئۈچەيلەن يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستىمىزنى يوقلاپ قويايلى، دەپ كۆمۈركان دوختورخانا بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، دوختورخانا دەرۋازىسىغا كېلىشىمىزگە يېنىمىزدا بىر تاكسى توختاپ، چاچلىرىنى سېرىق بويىۋالغان مودا بىرى تاكسىدىن دەلدەڭشىپ چۈشۈپ: «ئاغىنىلەر، ھەممىمىز مۇسۇلمان، ياردەم قىلىڭلار...» دېگىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچتى. ئارقا ئورۇندا ئېغىز-بۇرنى، كىيىملىرى قان بىرى قىيسىيىپ قالغانىدى. ئىككى دوستۇم ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختورخانىغا كىرىپ كەتتى. سېرىق چاچ: «ئىچكىنىمىز ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ يەشىك پىۋە، ئاغىنەم قان قۇستى، ئۆلۈپ كېتىدۇ. تونۇشۇپ قالايلى، مېنىڭ ئىسمىم مايكول...» دېگىنىچە بىلجىرلاپ يېنىمدا قالدى. دوستلىرىم چىققاندىن كېيىن «مايكول» ئۇلارغا ماڭا دېگەن گەپلىرىنى يەنە بىر تەكرارلىغان بولدى. خۇرسىنىشىپ دوستىمىزنىڭ يېنىغا ماڭدۇق. نەچچە سائەت ئۆتۈپ دوختورخانىغا ئەكىرىپ قويغان ئۇ بالىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا بىر ياتاق بىناسىدا تۇرىدىغان دوستىمىزنىڭ ياتاقدىشى چىقىپ قالدى. ئۇ دوستىمىز «بۇ بالا دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلىماقچىدى» دېگىنىچە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.ئۇ چاغلاردا ياتاقتا كۈندە بىرىمىز نۆۋەتچى بولۇپ ياتاق تازىلاپ، چايدانغا قايناقسۇ ئەكىرىشەتتۇق. ئالدىنقى كۈنى ياتاقتا ئۇ بالا نۆۋەتچىكەنتۇق. دوستىمىزغا: «قايناقسۇنى سەن ئەكىرىپ بەرسەڭچۇ» دەپتۇ. «نۆۋەتچى بولغاندىكىن ئۆزۈڭ ئەكىر!» دەپتۇ ئۇمۇ. ياتاقتا ئىزچىل ئۇ بالىنى نامازغا دەۋەت قىلاتتىكەن. «بۈگۈن قايناقسۇ ئەكىرىپ بەرسەڭ، دۈشەنبىدىن تارتىپ ناماز باشلايمەن» دەپتۇ. بۇ گەپنىڭ خوشلۇقىدا ۋەدە ئېلىپ، قول باغلىشىپ قايناقسۇ ئەكىرىپ بېرىپتىكەنتۇق دوستىمىز.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆلۈم خەۋىرىدىن ئاچچىق بولغان ئىچىمىز تېخىمۇ زەرداپ بولغانىدى.
ئۆلۈم ياشقا باقمايدۇ. ھېچقايسىمىزنىڭ قولىدا مانچىلىك مۇددەتلىك ياشاش كاپالىتى يوق. ياخشىلىققا نىيەت قىلغان قېرىنداشلار دۈشەنبىنى، يېڭى ئاينى، يېڭى يىلنى، رامىزاننى، ھەتتا ئەتىنى ساقلىماي شۇ نىيەتكە كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلىۋېلىڭلار. ناماز باشلىماقچى بولغانلار بامداتنى ساقلىماڭلار. شۇ ئاندا قايسى ناماز ۋاقتى بولغان بولسا، شۇ تۇنجى ۋاخ نامىزىڭلار بولسۇن. ھەممىمىزگە خەيرلىك ئاقىۋەتلەر نېسىب بولسۇن.

يېقىنقى ئىنكاسلار