by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاۋغۇست 19, 2020 | شېئىرلار
يۈرىكىمنىڭ پارىسى،
سېغىنىشىنى ئۇزاتتى
مىڭ ئۈچيۈز كۈن ئۇزاقتىن.
مەن مېھىر ئۇزاتتىم،
لەكمىڭ توساقتىن.
كۆزلىرىمنىڭ قارىسى،
قوللىرىنى ئۇزاتتى.
يىراق-يىراقتىن.
مەن كۆكلەرگە قول ئۇزاتتىم،
بىلىنگەچكە
«چارىسىزلىك — ئىشارەت» دەپ،
تا ئەلمىساقتىن.
ئۈمىدلىرىم ئۇچۇرۇم بولدى،
جېنىمنىڭ جانانىسى،
ئون تۆتكە تولدى
بۈگۈن توساتتىن.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاۋغۇست 10, 2020 | ساقلىق
ۋىرۇس ۋەھىمىسىدە ئۆيدە ئىشلەش باشلانغاندىن بېرى ئەتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاش، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك تاماق ئېتىش، ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ قاچا-قۇچىسىنى يىغىشتۇرۇش دېگەندەك قورساققا مۇناسىۋەتلىك كۈنتەرتىپلەر تۇرمۇشۇمنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىپ كەلدى. رامزان مەزگىلىدە ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن يىلدىرىم «ھەممەيلەن ئۈچۈن سىيرەت» دەرسىدە ئۇيقۇ ۋە تاماق ئادىتى ھەققىدە مەخسۇس دەرسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ قالدى. رامزاندىن كېيىن شۇ دەرسلەرنى كۆرۈپ چىقتىم ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىككى ۋاخ تاماق يەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى كۆرۈپ ئۈچ ۋاخ تاماقنى كۈن چىققاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ناشتا، ئەسىردىن كېيىن يېيىلىدىغان كەچلىك تاماقتىن ئىبارەت ئىككى ۋاخقا چۈشۈرۈپ باقتىم. تەرخەمەك، پەمىدۇردا تەييارلانغان سالات، تۇخۇم، ئېرىمچىك (پەينىر)، زەيتۇن، يەر ياڭىقى، پىندىق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈملەر (نان بولسا ئالقانچىلىك، بولمىسا مەيلى) بىلەن ناشتا قىلىپ، چۈشتە مېۋە-چېۋە يەپ، ئەسىردىن كېيىن كەچلىك تاماقنى مول يەپ، شام، خۇپتەن ئەتراپىدا ئاساسەن سۇ ئىچىپ (كەچتە چاي، قەھۋە ئىچىلسە، ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ) جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقىلى ئىككى ئايچە بوپتۇ. سالامەتلىكىم ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى. بەدەن ئېغىرلىقىم نورمال پېتى تۇردى. كەچلىك تامىقىم بىلەن كەچلىك ئۇيقۇمنىڭ ئارىلىقى 3-4 سائەتتىن ئۇزۇن بولغاچقا ئۇيقۇم بۇرۇنقىدىن سۈپەتلىك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەڭ مۇھىمى چۈشلۈك تاماق ئېتىدىغان، بىر ۋاخ تاماقنىڭ قاچا-قۇچىسىنى يىغىشتۇرىدىغان ۋاقتىم تېجەلگەن بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ھاياتقا پەقەت گۈزەللىك، بەرىكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان قېرىنداش، ھەمشىرىلەر(دوختور تەۋسىيەسى بويىچە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىدىغانلار ئەلۋەتتە مۇستەسىنا)نىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاۋغۇست 5, 2020 | تەۋسىيەلەر
بالىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرماي دېسىڭىز، بالىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئىيۇل 31, 2020 | قەلبتىن-قەلبكە
قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئمىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا، ھېيىت مېنىڭ دېمە» دېگەن مىسرالار بولىدىغان، رامىزان روزىسىنى گۈزەل ئادا قىلىپ، ئاخىرقى ئون كۈننىڭ قەدرىگە يېتىپ، سەدىقە فىترىنى بېرىپ روزا ھېيىت نامىزىدا مۇكاپات ئۈمىد قىلىپ ئولتۇرۇش، ئاللاھ نېسىب قىلسا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ، بولمىسا، زۇلھەججىنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ئۇلۇغ ئون كۈننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ، قۇربانلىقنى تەقلەپ، قۇربانلىققا قادىر بولالمىسا، قۇربان ھېيىت نامىزىدا قەلبنى قۇربانلىققا ھازىر بولغان ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدەك ھازىرلاپ، قۇرئاندا تەلىم بېرىلگىنىدەك: «نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم، ماماتىم پەقەت سەن ئۈچۈن» دەپ ئاللاھقا تېۋىنىپ گۈزەل مۇكاپاتنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئاللاھ نېمەت قىلىپ بەرگەن ھېيىتتا قەلبنى شاتلىققا تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ئەمەسمۇ!؟
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئىيۇل 30, 2020 | تەۋسىيەلەر
كىتاب ئوقۇش مۇھىم، توغرا كىتابنى ئوقۇش تېخىمۇ مۇھىم. ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلانغان چاغلىرىمدا ئاللاھنىڭ ماڭا نېمەت قىلىپ بەرگەن ئىمان-ئېتىقادلىق دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيە قىلغان كىتابلىرى بىلەن ھايات، ئۆلۈم، ئىمان، ئېتىقاد، غايە، نىشان ھەققىدە قەلبىمگە ئورناشقان چۈشەنچىلەر كرىزىس پەيتلىرىدە توغرا قارار چىقىرىشم، تاغدەك بېسىملار ئاستىدا ئېزىلمەسلىكىم، ھەر سۈبھىدە يېڭى ئىشەنچ بىلەن ھاياتنى داۋام قىلىشمغا تۈرتكە بولدى، دەپ قارايمەن. بەزىدە بىر كىتاب بىلەن بىر ئىنساننىڭ ھاياتى ئۆزگىرىدۇ. ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ رىزاسىغا باشلايدىغان كىتاب بولغان ھەر بەخت ئىگىسىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن. ئاللاھ بىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى نۇرلۇق يولىغا يېتەكلەيدىغان ئۈگۈتلەر، كىتابلار بىلەن ئۇچراشتۇرسۇن، ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدىغانلاردىن قىلسۇن.
دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ كىتاب تەۋسىيەسىنىڭ تۇنجىسى — «يېگانە ياراتقۇچى»
يېقىنقى ئىنكاسلار