ئاياسوفيا ھاياجىنى

ئاياسوفيا ھاياجىنى

«ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن»
— دوكتور ئىھسان شەنئوجاق

جۈمە كۈنىدىكى ئاياسوفيا ئېچىلىش خاتىرىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىھسان شەنئوجاق غوجانىڭ شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى: ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن. سائەت ئونلاردا ئاياسوفياغا يېتىپ بېرىپ، جامى ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ يىراق شەھەرلىرىدىن، ھەتتا گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تۈنۆگۈن كەچ كېلىپ، مەيداندا تۈنىگەن ياشلار توپىنى كۆردۈم. جۈمەدە تۆت مۇناردىن چىقىدىن ئەزاننى يىراقتىن كېلىدىغان ئاتىسىنى كۈتكەندەك زارىقىپ كۈتىۋاتقان بۇ ياشلارنىڭ كۆزلىرىدە ئۇيقۇسىزلىقتىن ئەسەر يوق، لىققىدە ھاياجان بار ئىدى. يوللار مەسجىدكە كېلىۋاتقان كىشىلەرگە تولغانىدى. ئەگەر شۇ كۈنى ئاياسوفيا ھاياجىنىدا مەسجىدكە ماڭغىنىمدا كوچىلار بوش بولسا، ئۇدۇل قۇرۇق جامىغا كىرىپ ئولتۇرالىغان بولسام، بۇ ئىش بىر ئۆمۈر يۈرىكىمنى ئازابلاركەنتۇق. سىرتتا ئولتۇرۇپ تۈمەنلىگەن ئويغاق ئىمان ئىگىلىرىنى، ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان رەببىمگە مىڭلاپ شۈكۈرلەر بولسۇن!مەيداندا شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارمۇ بار ئىدى. 86 يىل كېيىن ئەزاننىڭ قايتا ئوقۇلۇشى ئۇلارغا ئۈمىد ئاتا قىلاتتى. ئۇلارغا شۇنداق دەيتتى: 86 يىل كېيىن مۇسۇلمانلار قانداق ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن بولسا، سىلەرمۇ سۆيگۈڭلارنى، مەيدانىڭلارنى، ساداقىتىڭلارنى يوقاتمىساڭلار، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان زامانى كېلىدۇ، قەشقەردە، خوتەندە، ئۈرۈمچىدە تۈركىستاننىڭ چېقىلغان مەسجىدلىرىنى يېڭىدىن سالىسىلەر، ئۇ مەھەللىلەردە، ئۇ تاغلاردا، ئۇ مۇنارلاردا (لەنىتى) بېيجىڭغا «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەيسىلەر!

مۇناسىۋەتلىك سىن:

كەيپىياتقا كىرىش

كەيپىياتقا كىرىش

ۋەتەندىكى چاغدا قوشۇمچە كەسپلىرىمدىن بىرى ئېلان يېزىقچىلىقى ئىدى. تېلېۋىزىيە ئېلانى لايىھەلىرىنى، بەزىدە ئىشلىنىپ بولغان ئېلانلارنىڭ سۆزلىرىنى يازاتتىم. ئېلان سۆزى يېزىشتىن بۇرۇن ئېلاننى تەكرار-تەكرار كۆرەتتىم. 10-20 قېتىم كۆرگەندىن كېيىن ئېلاننىڭ كەيپىياتىغا كىرەتتىم-دە سۆزىنى يازاتتىم. رامىزان كېچىلىرىدە تۈنەپ قالسام، كېچىدە ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدا «ساھابىلەر تارىخى»، «تابىئىنلار تارىخى» چوقۇم بولاتتى. بۇ كىتابلاردىن بىر-ئىككى ساھابە-تابىئىنلارنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ، بوغۇزۇمغا يىغا كەپلىشىپ، كۆزلىرىم نەمدەلگەندە مۇبارەك كېچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا كىرەلەيتتىم.
مەسجىد -- نامازدىكى قورقۇش ۋە ئۈمىد كەيپىياتىنى ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان يەر. مەسجىدتىن مەھرۇم قالغان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بەزىدە نامازدىن بۇرۇن نەچچە بەت قۇرئان ئوقۇش، يۈرەككە تېگىدىغان تەبلىغلەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇ كەيپىياتقا كىرىمەن. رامىزاندا ئېسىل يۈرۈشلۈك دەرسلەردىن بىرەرنى باشلاش رامىزاننىڭ مۇبارەك كەيپىياتىغا كىرىشتە مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بۇ رامىزان ئۈچۈن دوستلارغا «ھەممەيلەن ئۈچۈن سىيرەت»نى تەۋسىيە قىلىمەن. يېقىملىق سۆھبەتلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرىدىغان بەكىر دەۋەلى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رىۋايەت بىلەن بىرلىكتە رىئايەتنى تەكىتلەيدىغان سىيرەت ئىلمىدە ئىزدىنىشلىرى بىلەن مەشھۇر ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن يىلدىرىمنىڭ كۈندە بىر سائەتلىك سۆھبىتىدىن ئوزۇقلىنىش روھىمىزنى، ھاياتىمىزنى، تۇرمۇشىمىزنى بۇرۇنقىدىن گۈزەللەشتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.
ئاللاھ ئۆز رىزاسىغا تەشنا بەندىلىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەقۋادار كەيپىياتتا ياشاشنى، شۇ كەيپىياتتا ئۆلۈشنى نېسىب قىلغاي.
تۇنجى دەرس ئۇلانمىسى:

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار سۇپىسى — «بازار» ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار سۇپىسى — «بازار» ئېلان قىلىندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى سودا-تىجارەت، كىرىم-مەنپەئەت، ئېھتىياج-ياردەم ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەرىپەتپەرىۋەر كارخانىچىلىمىزدىن ئەكبەر ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە مەبلەغ چىقىرىپ قوللىشى بىلەن «بازار» ئەپ لايىھىلىنىپ ئېلان قىلىندى. بۇ ئەپنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىقتىساد سۇپىسىنىڭ ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمىز.ئەپ ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۆپەيتىش، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارغا مۇھتاجمىز.

ئەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

ئايفون، ئايپەدلەر ئۈچۈن ios نۇسخىسى

ئاندرويد تېلېفون، پەدلەر ئۈچۈن ئاندرويد نۇسخىسى

ئەپنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

«بازار» ئەپتە «دۇكان» تىزىملىكىگە قوشۇلۇش ئۇسۇلى
(بازار ئاندرويىد 1.1.1 نەشرىدە تىزىملاتقىلى بولماسلىق مەسىلىسى تۈزىتىلدى، تىزىملىتالمىغانلار يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ تىزىملاتساڭلار بولىدۇ)
1. ئەپكە تىزىملىتىپ، تىزىملىكتىن «ئەزا ئۇچۇرلىرى»نى باسسىڭىز ئەزالار ئۇچۇرى ئېكرانى ئېچىلىدۇ. سول ئۈستى تەرەپتىكى قەلەم سۈرىتىنى بېسىپ ئارخىبىڭىزنى تەھرىرلىيەلەيسىز.
2. قەلەم سۈرىتىنى باسقاندىن كېيىن كۆرۈنگەن ئېكراندىكى ئىسمى دېگەن ئورۇنغا دۇكان ياكى شىركەت ئىسمىنى كىرگۈزۈپ، «دۇكان ياكى شىركەت» خېتىنىڭ سول تەرىپىدىكى كونۇپكىنى چېكىپ ئاستىدىكى «تىزىملىتىش» كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلىۋەتسىڭىز، يوللىغان ئېلانلىرىڭىز باش بەت ئاستى قىسىمدىكى دۇكانلار قاتارىدا (رەسىمدىكىدەك) كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.

ھاي-ھاي ئېلىپبە

ھاي-ھاي ئېلىپبە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. 2020-يىل 28-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەنگەن ئېلىپبە ئەپنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىنى ئېلان قىلغانىدۇق. ئەپ بازىرىدىن «ئېلىپبە»، «elipbe» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بىلەن ئىزدىسەڭلار تېزلا تاپالايسىلەر.

ئايفون، ئايپەدلەر ئۈچۈن ios نۇسخىسى

ئاندرويىد تېلېفون، پەدلەر ئۈچۈن ئاندرويد نۇسخىسى

رامىزاندا گۈزەل ئادەت يېتىلدۈرۈش

رامىزاندا گۈزەل ئادەت يېتىلدۈرۈش

رەببىمىزنىڭ رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان مۇبارەك بىر ئاي كېلىۋاتىدۇ. رامىزان سوھۇردىكى بەرىكىتى، ئىپتاردىكى خۇشاللىقى، تەراۋىھتىكى ھۇزۇرى، قۇرئان نۇرىغا چۈمۈلگەن جۇلاسى بىلەن سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماستىن، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتىكى تۈرتكىسى بىلەنمۇ سۆيۈملۈك بىر ئاي. ھەر بىر رامىزاندا مەلۇم بىر ياخشى ئەمەلنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزسىڭىز، ھەم بىر ئاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۇنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرالايسىز. مەسىلەن: جامائەت نامىزىغا ئۆزىڭىزنى ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىر رامىزاندا بامداتقا، بىر رامىزاندا خۇپتەنگە، يەنە بىر رامىزاندا باشقا نامازلارغا ئىزچىل مەسجىدكە چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆمۈر بويى ھەممە نامىزىڭىزنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز. رامىزاندا ھەر نامازنىڭ ئالدى كەينىدە 4 بەت قۇرئان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن يەڭگىل بىر شەكىلدە ئايدا بىر پارە قۇرئان ئوقۇشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرالايسىز. تېلېفون بىلەن مەشغۇل بولۇش بەك كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بىرى بولسىڭىز، بۇ بىر ئايدا تېلېفون سىيرىماي، كىتاب ۋاراقلاشقا ئۆزىڭىزنى كۆندۈرسىڭىز، پارچە-پۇرات ئۇچۇردىن ئەمەس، ئەتراپلىق مەلۇمات، بىلىمدىن تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشنى ياقتۇرۇپ قالىسىز. تىلىڭىز غەيۋەت، يالغانغا كۆنگەن بىرى بولسىڭىز، تۇتقان روزىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تىلىڭىزنى باشقۇرسىڭىز، تىلىڭىزنى زىكىرگە كۆندۈرسىڭىز، ئۇ ئادەتلەرنى تاشلىيالايسىز. كۆزلىرىڭىزنى نامەھرەمدىن قاچۇرمايدىغان بىرى بولسىڭىز، رامىزاننىڭ پەزىلىتىنى كېمەيتمەسلىك ئۈچۈن نامەھرەم ئۇچرىغاندا يەرگە قاراشنى ئادەت قىلسىڭىز، كۆزنىڭ ئاسىيلىقىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئەمەس ھاياسىدىن زوقلىنىشنى ئۆگەنسىڭىز، سۈزۈك بىر قەلبكە ئېرىشەلەيسىز. ئەمەللەرگە 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە ساۋاب يېزىلىدىغان رامىزاندا خەير-ئېھسان قىلىشنى، سەدىقە بېرىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاللاھ بەرگەندىن بىر قىسمىنى مۇھتاجلارغا بېرىشتىن خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگىنەلەيسىز. رامىزاندا يېتىلدۈرگەن ياخشى ئادەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۆمرىڭىزگە بەرىكەت قوشقان بولىسىز، ئۇ ئادەتلەر سىز ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا كۆچسە، بۇ دۇنيادىن كەتكىنىڭىزدىن كېيىنمۇ ئەمەل دەپتىرىڭىزنى ياخشىلىق بىلەن تولدۇرۇپ تۇرىدىغان توختىماس قەلەمگە ئېرىشكەن بولىسىز…رامىزاندا ھەممىمىزگە گۈزەل ئادەت يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇنى ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرۇش نېسىب بولغاي.