ھاياتىڭىز ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مەھسۇلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئالىملاردىن بىرى « ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۇستازى»دېگەن تېمىدا شېئىر يازغان ئىكەن. ئەلۋەتتە بۇ
سۆزنىڭمۇ ئاساسى بولىشى مۇمكىن.
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى«ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:«
ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ياكى بەختسىزلىكى، خاتىرجەملىكى ياكى بىئاراملىقى ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ.
ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ زېھنىدە مەۋجۇد بولغان ۋە ھېسسىياتىنى
مەشغۇل قىلغان ئوي-پىكىرلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر. شۇڭا دېئىل كارنېك مۇنداق دېگەن ئىكەن:»
تەپەككۇرىمىز بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ھاياتىمىز تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنداقتا، مۇشكىلە
توغرا تەپەككۇرنى تاللاش مەسىلىسىدە بولماقتا. ئەگەر ئىنسان ھەر ئىشتا توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا،
ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى نەتىجىلىك بولىدۇ. بىزنى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلار ۋە ئىللىق ئوي-پىكىرلەر
ئورىۋالغاندا، بىز ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز. ناۋادا بىزنى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئورىۋالسا، ئۆزىمىزنى
بەختسىز ھېس قىلىمىز. ئۆزىمىزنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى گۇمان قىلىپ كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلساق كۆپ
ھاللاردا راستىنلا كېسەل بولۇپ قالىمىز»»
مەنىۋى كۈچنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ
ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« شەخسلەر ۋە كۆللىكتىپ ئۈچۈن مەنىۋىياتنىڭ زور
تەسىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. كۈچىنى ئەقىدىسىدىن ۋە مەنىۋىيىتىن ئالىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ غالىبىيىتى
كۈچىنى ماددى ئەسلىھەلەردىنلا ئالىدىغان ئەسكەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى ئەقىدە ۋە ئەخلاقنىڭ
كۈچى ماددىي كۈچلەرنى يېڭىپ چۈشىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ساماۋى دىنلارنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ئەخلاقنى ئىسلاھ
قىلىش بولغان ۋە ئەخلاقنى ھەر نەرسىدىن ئەۋزەل كۆرگەن. ئىنسان نەپسىيىتى بارچە دىنلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل
بۆلىدىغان ماۋزۇسى بولغان. چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ھەر قانداق مىللەت ۋە ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ روناق
تېپىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگرتمىگىچە ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ
ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« قۇرئان كەرىمدە» ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»دېگەن ئايەت بار. چۈنكى ھەر قانداق ئۆزگىرىش ئاۋۋال ئىنساننىڭ ئىچكى
دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. ئىچكى دۇنياسىدا، خۇسۇسەن ئەخلاقىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغان ئادەمنىڭ سىرتقى
تىرىشچانلىقى نەتىجىسىز قالىدۇ. شۇڭا ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشنى ئىچكى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى ئاۋات
قىلىشتىن باشلاش كېرەك.»

بىر ئەر- ئايالنىڭ ھەقىقى ھېكايىسى

ئاتاقتا مۇسۇلمان بىر يىگىت خىرىستىيان قىز بىلەن توي قىپتۇ. بىر ۋاقىتلار ئۆتۈپ يىگىت دىننىڭ ھەقىقىتى
ئۈستىدە ئىزدىنىپتۇ ھەم ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. قىز ئېرىنىڭ بۇرۇنقى كەيىپ- ساپا يوللاردا ماڭمايدىغان
بولغانلىقىغا، ناماز ئوقۇشقا باشلىغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىگىت ئايالىدا ھېچ
ئۆزگىرىش بولمايۋاتقانلىقىدىن، دىن ھەققىدە قىلىشقان مۇنازىرىلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىدىن سىقىلىپ بىر
ئۇستازدىن مەسلىھەت سوراپ بېرىپتۇ. ئۇستاز دەپتۇكى: «مۇنازىرىنى قوي، كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدەك ئەر بولۇشقا تىرىش». يىگىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى
ئۈلگە قىپتۇ. ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ، رەسۇلۇللاھتەك ئايالى بىلەن چاقچاقلىشىشنى، مۇۋاپىق ماختاشنى
ئادەت قىپتۇ. ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. شام نامىزى ئوقۇۋاتقان يىگىت ئايالىنىڭ نامازدا يېنىدا تۇرۇپ ئۆزىگە
ئەگەشكىنىنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. نامازدىن كېيىن: «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. ئايالىنىڭ جاۋابى
مۇنداق ئىكەن: «مەن ھاياتىمدا سەندەك ياخشى ئەرنى كۆرمىدىم، دادام سەندەك ئەمەس ئىدى، بالىلىرىغا
سەندەك مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتىنىمۇ كۆرمىدىم. بۇ دىن شۇقەدەر گۈزەل ئىكەن، ئۇنىڭ ھەقىقەت بولماسلىقى
مۇمكىن ئەمەس.»
(نۇئمان ئەلىخاننىڭ لېكسىيىسىدىن ئېلىندى)

شەھۋانىي قاراش

دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى

ئىسلام ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە ئارتۇقچە قارىشىدۇر. كۆز
قەلبنىڭ ئاچقۇچىدۇر، قاراش پىتنىنىڭ ئەلچىسى ۋە زىنانىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىپپەتلىك
بولۇشقا بۇيرۇش بىلەن بارابەر پۈتۈن مۆمىن ئەر ـ ئاياللارنى تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرىغان:
<< مۆمىنلەرگە ئېيىتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىناتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن >> [نۇر سۈرىسى 30 -31 – ئايەت]
بۇ ئىككى ئايەتتە بىرقانچە ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر بار، بۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىككىسى ئەر ـ ئايال ھەممىسىگە
ئورتاق قارىتىلغان، ئۇ بولسا، تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلاش، باشقا كۆرسەتمىلەرنىڭ
ھەممىسى ئاياللارغا قارىتىلغان.
بۇ ئىككى ئايەتكە نەزەر سالساق، قاراشنىڭ ھەممىنى ئەمەس، پەقەتلا بىر قىسمىنى چەكلىگەنلىكىنى، لېكىن
ئەۋرەتنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەس، پۈتۈنلەي ھەممىنى چەكلىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز، چۈنكى ئەۋرەتنى
پۈتۈنلەي ساقلاش كېرەك، ئەمما قاراش بولسا، ئاللاھ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق بولۇپ قالماسلىقى ۋە بەزى
مەنپەئەتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن كەڭچىلىك قىلىپ قاراشنىڭ بىر قىسمىغا رۇخسەت قىلغان، بۇنى
ئالدىمىزدا بايان قىلىمىز.
تىكىلىپ قارىماسلىق دېگەننىڭ مەنىسى، قارىماي كۆزىنى يۇمۇۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس، ياكى باشنى ئېگىپ
يەرگە قارىۋېلىش ئەمەس، بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ھەمدە مەقسەت قىلىنغانمۇ ئەمەس. شۇنىڭدەك
ئاللاھ تائالانىڭ:<< ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن >> دېگەن ئايىتىدىكى بۇيرۇقنىڭ مەنىسى سۆز قىلماي ئاغزىڭنى
يۇمۇۋالغىن دېگەنلىك ئەمەس. دېمەك: تىكىلىپ قارىماسلىقنىڭ مەنىسى: كۆز سالماسلىق، قاراشتا ھايالىق
بولۇش، ئۇتكەن ـ كەچكەن كىشىلەرگە خالىغانچە قاراپ تۇرىۋەرمەسلىك، بىرىگە قارىغان بولسا پۈتۈن
ھۆسنىگە چوڭقۇرلاپ، ئۇزۇن قاراپ تۇرماسلىق دېگەنلىكتۇر.
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئەلى
بىر قارىغاندىن كېيىن يەنە قاراۋەرمىگىن، دەسلەپكى قاراشقا رۇخسەت، ئىككىنچى قاراشقا رۇخسەت يوق»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەر ـ ئاياللارنىڭ بىر ـ بىرىگە ئاچكۆزلۈك ۋە تاماخورلۇق بىلەن قارىشىنى كۆزنىڭ
زىناسى دەپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:
<< ئىككى كۆزمۇ زىنا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ زىناسى قاراشتۇر>>
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق شەھۋەتلىك قاراشلارغا زىنا دەپ نام بېرىشى، بۇنىڭ قانۇنسىز يول بىلەن
ھوزۇرلىنىش ۋە جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇشنىڭ بىر يولى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
بۇ ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنجىلدا كەلگەن شۇ سۆزىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ: «ىلەردىن بۇرۇنقىلار زىنا
قىلما دېيىشەتتى، مەن بولسام سىلەرگە دەيمەنكى: كىمكى كۆزى بىلەن قارىسا زىنا قىلغان بولىدۇ».
بۇنداق ئاچكۆزلەرچە ھوزۇرلۇنۇپ قاراش ئىپپەت ۋە ئەخلاق ئۈچۈنلا خەتەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى
تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ساغلاملىقىغا، كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكىگىمۇ خەتەرلىكتۇر.

ياخشى كۆرىمەن

ياخشى كۆرىمەن،
يامغۇردىن كېيىنكى تۇپراق ھىدىنى،
قارلىق كېچىنى،
سالقىن سەھەرنى،
«ئېلىپبە»نىڭ خۇشپۇرىقىنى،
ئاق قەغەزدە قۇمۇش قەلەمنىڭ كىرتىلدىشىنى.
ياخشى كۆرىمەن،
ئادەمسىز تۈندە جىمجىت ئولتۇرۇپ،
ئاڭلاپ بېقىشنى
يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىشىنى.

2015.10.22

ئاياللار نېمىگە مۇھتاج؟

(ياسىر قازى لېكسىيەسىدىن تەرجىمە)

1. ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ سۆيۈلگىنىنى جەزملەشتۈرۈشكە مۇھتاج. ئەرلەر لوگىكىلىق پىكىر قىلىدۇ. مەن ئائىلەمنى قامداۋاتىمەن، ئۆيگە بالدۇر قايتىۋاتىمەن، ئايالىمغا خالىغىنىنى ئېلىپ بىرىۋاتىمەن، مانا بۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئاياللار ئەرلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى لوگىكىلىق ھۆكۈم بىلەن ئەمەس سەزگۈلىرى بىلەن بىلىشنى ئىستەيدۇ. ئەرلەرنىڭ كەمسۆزلىكى، ئالدىراشلىقى ئۇلارغا ئۆزىنى سۆيمەيدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ دائىم ئايالىغا «سېنى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇشى زۆرۈر. ئاياللار ئېرىنىڭ تۆشەكتىن تاشقىرىدىمۇ ئەركىلىتىشى، قۇچاقلىشى، سۆيۈشىگە مۇھتاج، ئۈلپەتلىشىشكە مۇھتاج. ئاياللار ھېسىياتچان بولغانلىقتىن مەسىلىگە يولۇقسا، باشقىلار بىلەن دەرتلىشىدۇ. ئەرلەر مەسىلىگە يولۇقسا، يالغۇز قېلىپ پىكىر قىلىدۇ. ئايالىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى ئىشلارنى ئ‍ۆزى بىلەن ئورتاقلاشسىكەن دەيدۇ. شۇڭا، مەسىلە- مۇشەققەتلىرىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئېيتىپ، مەسلىھەتىنى ئالسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن ئىشەنچ، سىزگە نىسبەتەن مىننەتدارلىق پەيدا بولىدۇ، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ يېقىن ھەم قىزغىن بولىدۇ. كەيپىياتىڭىز ناچار بولسا، ئايالىڭىزغا تەتۈر قاراپ، بېكىنىۋالماي، «كاللام تېنچ ئەمەس، بىردەم يالغۇز قويۇڭ، بىرەر سائەتتىن كېيىن مۇڭدىشايلى» دېسىڭىز، تامامەن بولىدۇ.
2. ئاياللارنىڭ تەپەككۇر جەريانى باشقىچە. ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن نەرسىنى ئويلىيايدۇ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشنى تەڭ قىلالايدۇ. شۇڭا بىر مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتقاندا باشقا بىر مەسىلىنى سۆرەپ چىقسا، ھازىرنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ ئۆتمۈشكە ئۆتۈپ كەتسە، تۆشەكتە ياتقاندا ئەتە ئەتىگەن تۆكىدىغان ئەخلەتنىڭ گېپىنى قىلسا، پەقەت چېچىلماڭ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى مۇشۇنداق.
3. ئاياللار ھېسسىي خاتىرجەملىككە مۇھتاج. ئەرلەر كۆپ پۇل تېپىش بىلەن ئاياللارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە خاتىرجەم قىلىشنى ئەڭ زۆرۈر ھېسابلايدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن، ئاياللار ئەرلىرى دائىم سىرتتا ئالدىراش يۈرسە، ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئاز بولسا، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ. ھېسىيات جەھەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئاياللارنىڭ بازار ئايلىنىشقا، نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشقا ئامراقلىقى ئەرلەرنى ئاياللار ماددىي نەرسىلەرنىلا قوغلىشىدۇ، دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە پات- پات تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ تۇرۇشىنى، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىپ سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشىنى، كۈندە بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ مۇڭدىشىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇلار ئۇلارغا ھېسىيات جەھەتتە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرىدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللار كۆپ ۋاقتىنى سىرتتا ئۆتكۈزىدىغان پۇلدار ئەردىن، كىرىمى ئازراق بولسىمۇ ئۆيدە ئۆزىگە كۆپرەك ھەمراھ بولالايدىغان ئەرنى ياخشى كۆرىدىكەن.
4. ئاياللار ھەقىقىي دوست- ھەمراھقا مۇھتاج. ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ئەر- ئۇلار بىلەن دوستلىشالايدىغان ئەر. ھەقىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟ ھەقىقىي دوست مۇڭدىشىدۇ، دەرتلىشىدۇ، سۆزلىرىنى ئەستايىدىل، سەۋر قىلىپ ئاڭلىشىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سۆزلەش سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. ئەڭ ئاز گەپ بىلەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەڭ ئاز گەپ بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئاياللار باشقىلارنى ئاڭلاپ بەرسۇن، ھېسداشلىق قىلسۇن، تەسەللىي بەرسۇن دەپ دەردىنى تۆكىۋېلىش، ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. سۆزلەپ ھېسىياتىنى چۈشەندۈرىدۇ. قارشى تەرەپ كۆڭلىنى چۈشەنسە، ھېسداشلىق قىلسا، مەقسىدى ھاسىل بولىدۇ. يەنى ئەرلەر ھېسىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن مەسىلىنى سۆزلىسە، ئاياللار مەسىلە تەسىر قىلغان ھېسىياتىنى سۆزلەيدۇ. ئەرلەر ئىككى مىنۇت سۆزلىگەن بىر ئىشنى ئاياللار يىگىرمە مىنۇت سۆزلىشى مۇمكىن. بۇ ئەرلەرنى ھەقىقەتەن زېرىكتۈرىدۇ. لېكىن سەۋر قىلىپ ئايالىڭىزنىڭ گېپىگە مۆتىۋەرلەردەك ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىڭ. ئايالىڭىزنىڭ سىزگە ئۇزۇن سۆزلەپ يەتمەكچى بولغان مەقسىدى قانداقتۇر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، تەسەللىرىڭىزگە ئېرىشىپ، يەڭگىللىۋېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا كېرىكى چىداپ ئاڭلايدىغان سەۋرچان قۇلاق، ھېسداشلىق، تەسەللىي، بېشىنى قويۇپ يىغلىۋالىدىغان بىر مۈرە، خالاس. شۇڭا ئالدىراپ ئۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ، سەۋر قىلىپ گېپىنى ئاڭلاپ تۈگىتىڭ، تەسەللىگە مۇھتاج بولسا، قوللىرىنى تۇتۇڭ، باغرىڭىزغا بېسىڭ. ئاخىرىدا «مەن نېمە قىلىپ بېرەي؟» دەپ ھېسداشلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ ھەقىقىي دوستى ھەم سىرداش ھەمراھىغا ئايلىنالايسىز.
5. ئاياللارغا نىسبەتەن تۆشەكتە بىللە بولۇش جىسىمنىڭ ئۇچرىشىشى ئەمەس بەلكى ھېسىياتنىڭ بىرلىشىشىدۇر. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئايالى بىلەن بىللە بولۇش ھوزۇرلىنىپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان بىر ئىش. لېكىن ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس. بىر كۈنلۈك ئۆي ئىشلىرى بىلەن چارچىغان ئايالىڭىز بەلكىم بىر پىيالە قىزىق چاي بىلەن ئ‍ۆزى ياخشى كۆرىدىغان رومانىنى ئوقۇش بىلەن ھاردۇقىنى چىقىرىشنى ئويلىشى مۇمكىن. ئاياللار ھېسىيات جەھەتتىكى بىرلىشىشنى، رومانتىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا، تۆشەكتە بىللە بولۇشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەرلەر كۆرۈپ ھېسىياتلىنىدۇ، ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزىگە تەشنالىقىنى، ئۆزىنىڭ ئېرىنى جەلب قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە ھېسىياتلىنىدۇ. «ئەرلەر ئاشخانىدا ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، ئاياللار ياتاقتا ئېرىگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ» دېگەننى ئۇنتۇماڭ.
6. ئاياللار گۈزەل بولۇش ئۈچۈن ياسىنىدۇ، جابدۇنىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ ئۈستىبېشىنى ئالماشتۇرۇشى، يېڭى كىيىم كىيىشى دىققىتىڭىزنى قوزغاش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم- كېچىكى، ياسىنىشلىرىغا پەرۋاسىزلىقىڭىز، ماختاپ قويماسلىقىڭىز ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ياسانماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ باشقا ئاياللارغا قارىشىڭىز (ئايالىڭىز بولمىغان شارائىتتىمۇ قارىشىڭىز توغرا ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئايالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئايالىڭىزغا قانداقتۇر ئىككىنچى خوتۇن چاقچىقىنى قىلىشىڭىز ھېسىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەڭ ئاقىلانىلىك ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىردىنبىرلىكىنى، ھاياتىڭىزدا ئەڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر.
7. ئاياللارغا بەك ئەقلىي بولىۋالماڭ. ئاياللارغا كېرىكى ھېسداشلىق، تەسەللىي. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنداق ھېسىياتچان تەبىئەتتە ياراتقان. ئاياللارنى ئەرلەردەك ئويلىۋالماڭ. ئۇلاردىن ئۆز تەبىئىتى بويىچە ھوزۇرلىنىڭ.