ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىر كۈنى

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى،
شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن شېئىر يازدىم،
بىر ئۆمۈر شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن شېئىر يازغاندەك.
ئۇلار بوۋاق بالىدەك،
بىركۈنلەردە چۈشىنىدىغاندەك.
ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى،
رەڭلىك قەلەمدە شېئىر يازدىم.
رەڭ قارىغۇسى قەلبىمدىكى ھايات
رەڭلىنىدىغاندەك…

2015- يىل 8- ئاينىڭ 13- كۈنى

تۇيۇق

ياپراقلار تۆكۈلدى، قاقشال بولدى گۈل،
قالمىدى بىر ياپراق، گۈل بەرگى تۈگۈل.
ئويغاققا ئىگىسى ئېچىلدۇرارمىش،
رامىزان كېچىسى خۇشبۇي لەيلىگۈل.

2015.7.12

يەرگە قاراشنىڭ ھوزۇرى

«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار.» (نۇر سۈرىسى 30- ئايەت) باشقا تىللاردا «يەرگە قارىسۇن» دەپ مەنە بېرىلگەن كەلىمىگە ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دەپ ئېلىنغانىكەن. مەن «يەرگە قارىسۇن» دەپ ئېلىشنى ياقتۇرىمەن. «تىكىلىپ قارىما» دېيىلسە، قاراشلىرىمىزنى شەيتاننىڭ «سەن تېخى تىكىلىپ قارىمىدىڭ» دەپ ئېلىشتۇرۇشى قولايلىشىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بىر چاغلاردا تېگى يوق ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. گۈزەل ئەخلاقلىق بىرىنىڭ تەرىپىنى ئوقۇدۇم، يەرگە قارىشى باشقىچە تەسىر قىلدى. يەرگە قاراشنى ئادەت قىلدىم. گۈزەل زىكىرلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە نامەھرەملەرگە يولۇققاندا يەرگە قاراشنىڭ قەلبنىڭ ھوزۇرى، ۋەسۋەسىلەرنىڭ قالقىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەزىز قېرىندىشىم، شەيتان نامەھرەم ئوقىنى ئاتقاندا يەرگە قارا. كۆزۈڭنى مۇھاپىزەت قىلغىنىڭ قەلبىڭنى مۇھاپىزەت قىلغىنىڭدۇر. شۇنى ئۇنتۇما، گۇناھتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەرگە قاراش، گۇناھ ئىچىدە يەرگە قاراشتىن ئەۋزەل ھەم ھوزۇردۇر.

ئۈمىد بەرگى

ئۈمىد بەرگى

ئۇخلىماي كۆنۈپ قالدىم،
چۈشلەرنىڭ مەززىسى قالمىدى.
قېلىن- قېلىن كىتابلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم،
غېرىبلىق مېنى تاپالمىدى.
تۈنۈگۈنكى مەن بىر يەرلەردە قالدى،
نۈسرەت نەدىسەن؟
يولۇڭغا قاراپ كۆزلىرىم تالدى.
دېكابىرنىڭ قارى،
يالغۇزلۇقنىڭ ئارى،
ئۈزۈلدى تەكرار،
ئۈزۈلدى تەكرار،
يۈرەكنىڭ تارى.
سىرتتا قار،
يالغان ئاپتاپتەك،
ئىللىتمىدى پار.
ئۈمىدلىرىمنىڭ ئېڭىكىن قېتىپ
تۇرغان دەقىقە،
كېلەمسەن دىلدار؟

2014- يىل 12- ئاينىڭ 12- كۈنى

ھېكمەت

«مۇساپىر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «مېھمان» بولغان بىر ئەلدە يۈرگىنىمدە،
قارا كۆزلەر قارارسىزلىقنىڭ زۇلمىتىنى ئەسلەتكىنىدە،
يامغۇرلۇق كېچىدە سېغىنىش ئىزتىراپىنى چەككىنىمدە،
كېچىنىڭ سالقىن شامىلىدەك، چۈشلىرىمگە كىرگىنىڭدە،
ناتونۇش بوۋايلار قولۇمنى سىقىپ بەخىت تىلىگىنىدە،
پىچىرلىدى بىر ئاۋاز:
«يېقىنلىشىسەن قەلبىڭگە، يىراقلارغا كەتكىنىڭدە!»

2014- يىل 6- سىنتەبىر