بوغۇلۇش

مەن دولقۇنلۇق دېڭىزنىڭ باغرىدا.
بىر يۇتۇم سۇ نەپسىمنى بوغۇشقا يېتەر.
پۇت- قوللىرىمدا مادار قالمىغان دەقىقە،
كۆزلىرىم كۆكتە، قەلبىم رەبتە،
پۈتۈن ئەس- يادىم بىر سەجدە مىقدارى ھايات ئىستەر.
ئازادە مىنۇتلاردا تومۇر- تومۇرلىرىمدا غەۋغا كۆتۈرۈشكەن شەيتانلار،
ئۇتۇقلىرىمغا چاۋاك چالغان ئىنسانلار
ئەزەلدىن ھاياتىمدا بولۇپ باقمىغان كەبى خوش دېمەي كېتەر.
تاتلىق تۇيۇلغان ھاياتنىڭ ئەسلى يۈزى لېۋىمدىكى دېڭىز تۇزىدىنمۇ
ئاچچىق ھەم بەتتەر.

2014- يىل 2- سىنتەبىر

شۈكران

بىر ئاغرىق بەردىڭ،
ئارقىدىنلا شىپاسىنى.
مۇسىبەت بەردىڭ،
تېزلا ئىشتتىڭ ئىلتىجاسىنى.
بىر قەلىب بەردىڭ،
ئىجابەت قىلدىڭ ھەر دۇئاسىنى.
بىر چىراغ بەردىڭ،
ئۆچۈرمىگىن رەب نۇر زىياسىنى.

2014- يىل 22- ئاۋغۇست

تېمىسىز

تۇيغۇلار لىباس،
بەزىسى ئاق،
بەزىسى قارا.
كىيدۈرۈپ بىراۋلارغا،
ئويلىۋالىمىز:
مۇنۇسى ئاق،
مۇنۇسى قارا.
ئازابلىنىمىز بەلكىم بىكارغا،
قاپقارا خاتا تۇيغۇلار ئارا.

2014- يىل 17- ئاۋغۇست