تاموژنىدىن ئۆتۈش

پىژغىرىم گۇاڭجۇ،
ئىللىق رامىزان.
ئۇيغۇر پاسپورتى
قادالدى مىقتەك،
توختىدى بىردىن
تاموژنىچى خان.
ئايرىم ئىشخانا،
مۇلايىم سۇئال،
چۇۋۇلدى قايتا
مەزلۇم يۈك- تاقام.
ئۆتتى بىر يىلدەك،
يېرىم سائىتىم،
كەچۈرۈڭ، دېدى،
ئوقۇلدى مۇقام.
ماڭدىم «شۈكرى» دەپ،
قانداق قىلاتتىم،
باسمىسا تامغا،
توقۇسا توقۇم؟

2014-يىل 10- ئىيۇل

ئىلتىماس

كومپيۇتېر،
تېلېفون،
زامانىۋىلىق،
شاۋقۇن سۈرەن…
يىراق تۇرۇڭلار بىردەم.
بىر قەدەم،
بىر قەدەم…
يېقىنلاۋاتقان مەسجىد،
ئەزان ئاۋازى،
يامغۇر تامچىسى،
قىرائەت،
تەبىئىيلىك بىلەن
نۇرلانسۇم كۈلبەم.

2014- يىل 20- ئىيۇن

ئاغىنىلەر

ئاغىنىلەر، قىرىققا كېتىۋاتىمىز. قەلبلىرىمىزدە كىرىزىس تۇيغۇسى. ئىڭەككە تاقىشىۋاتقان بالىلىرىمىز مەنىلىك ياشاشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئېسىمىزگە سېلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسىلە شۇكى، نە كەلگۈسى ئۈچۈن چوڭ- چوڭ نىشانىمىز، نە ئەتە ئۈچۈن مۇكەممەل پىلانىمىز يوق. يىگىرمە ياشلىرىمىزدىن پەرقسىز تۇيغۇلارنىڭ يېتەكلىشىدە ياشاۋاتىمىز.

ئاغىنىلەر، قىرىققا كېتىۋاتىمىز. سۆھبەتلىرىمىزدە خەيرىيەت ئاز، سورۇنلىرىمىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىلىمىمىزدە بېيىش يوق، ئەقلىمىزدە ئېشىش؛ ئاغىنىلەر، قىرىققا كېتىۋاتىمىز. يېشىمىز تىرىشىش، ئۆرلەش بىلەن ئەمەس، مۈگىدەش، ئۆمىلەش بىلەن ئۇلغىيىپ بېرىۋاتىدۇ. كاللىمىزدا تۈنۈگۈنكى پىكىر، قەلبىمىزدە سوۋۇپ قالغان ھاياجان، تۇرمۇشىمىزدا «كىلاسسىك» رېتىم.

ئاغىنىلەر، قىرىققا كېتىۋاتىمىز. ئېيتىڭلار، ئۆزىمىزدىن نېمىلەرنى كۈتىۋاتىمىز؟

2014- يىل 12- ماي

ئابدۇۋەلىگە

بۇ قىشمۇ شۇ قەدەر كەلدى ئۇشتۇمتۇت،
ھۇۋلايدۇ چىلبۆرە قۇلاق تۈۋىمدە.
ئېھتىيات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،
ئۆزۈملا سىغدالغان تار كۆكرىكىمدە.

ياتاقلار سوغۇقمۇ، تاماقلار سۇيۇق؟
ياشلىقمۇ ئېيتقىنا گۈلەن* كۆزلىرىڭ؟
ئۆزۈڭچۈن دۇئالار قىلدىڭمۇ بۇ كەچ،
گۈزەلمۇ قەلبىڭدەك، كۆرگەن چۈشلىرىڭ؟

ئەسلىدىم تىۋىشسىز سېنى ئەي دوستۇم،
ئەسلەشمۇ بىر تۈرلۈك جىنايەت كەبى.
قەلبىمگە شىۋىرلار مەغرۇر ئاۋازىڭ،
يۈرەكسىز ئىنسانمۇ زالىمدۇر قەبىھ.

*گۈلەن: تۈركچىدە «كۈلگەن» دېگەن مەنىدە، ئابدۇۋەلىنىڭ شۇ يىللاردىكى تەخەللۇسى