ئىمان ئۈچۈن…

ئامىرىكا كېنساس ئۈنىۋېرسىتىنىڭ ماتېماتىكا ئۇستازى جېفرى لانڭ 1954 . يىلى تۇغۇلغان، يىتىلىشىدە
خىرىستىئان بولۇپ، 18 ياشقا قەدەم قويغاندا دەھرىلىككە ئۆتكەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدىكى
بەزى سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىغان. ئۈنىۋېرستىت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا
پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئالغان بولسىمۇ يەنىلا دەھرىلىك ھالىتىدە قالغان . 80 . يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، سان
فرانسىسكو ئۈنىۋېرسىتىدە دەرس بېرىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر مۇسۇلمان يىگىت بىلەن
ئۇچراشقان ۋە ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، قويۇق باردى -كەلدىدە بولغان ۋە ئۇلاردىن
بىر قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىگە ئېرىشكەن .

ئۇ بۇ چاغلاردا مەلۇم دىنغا مەيلى بولمىسىمۇ، قۇرئان كەرىمگە قارشى تۇرۇش روھى بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا
باشلىغان .بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ :» سەن قۇرئاننى مۇنداقلا، يۈزەكى ئوقۇپ كىتەلمەيسەن، چوقۇم
سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇشۇڭ كېرەك. سەن ياكى ئۇنىڭغا قارشى ياكى ئۇنىڭغا بۇيسۇنغان ھالەتتە بولۇشۇڭ
كېرەك . قۇرئان كۈچلۈك شەكىلدە رەددىيە بېرىدۇ. بىۋاستە جاۋاپ ئوتتۇرغا قويىدۇ . خۇددى ساڭىلا خىتاپ
قىلىۋاتقاندەك. تەنقىد قىلىدۇ ، مۇنازىرە قىلىدۇ ، ساڭا جەڭ ئېلان قىلىدۇ . مەن قۇرئاننى ئوقۇغاندا ئۆزەمنى
ئاجىز تەرەپتە ھىس قىلدىم، چۈنكى قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى مېنى مەندىن ياخشى چۈشىنىدىكەن .

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇرئان كەرىمگە قايىل بولدى، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ :» ئۇستا رەسسام بىرەر
كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا، كۆزىنى سەن قايسى تەرەپتىن قارىساڭ، ساڭىلا قارىغاندەك قىلىپ سىزالايدۇ .
ئەمما كىممۇ سەن كىم بولىشىڭدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق سۇئالىڭغا جاۋاپ بولالايدىغان
كىتاب تۈزۈپ چىقالايدۇ ؟؟»

«ھەر كۈنى ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا خىلمۇ – خىل ئىشلارغا دائىر سۇئاللار كاللامدا پەيدا بولاتتى ۋە
كېيىنكى كۈنى قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدىن جاۋاب ئالاتتىم . خۇددى بۇ كىتاپنىڭ تۈزگۈچىسى كاللامدىكى
پىكىرلىرىمنى ئوقۇپ تۇرىدىغاندەك ۋە شۇنىڭغا ئاتاپ تەييار جاۋاپ يازغاندەك . ئۆزەمنى پۈتۈنلەي بۇ
كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدا بايقىدىم .»

ئەنە شۇنداق، قۇرئان كەرىم دائىم ئۇنىڭ ئوي – پىكرىدىن ئالدىدا، يىللار بويى كاللىسىدا چىگىلگەن
تۈگۈنلەرنى يېشىپ باراتتى .ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :» ئىسلامغا كىرگەنلەرگە، ھەممىگە قادىر،
ھەممىدىن بىھاجەت ئۇلۇغ زات ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەتنامە
قىلىپ نازىل قىلدى . ئۇ شۇنداق كەڭ بىر ئوكيان كەبىكى سېنى ئۇنىڭ سۈيىگە چۈشۈشكە، چۇڭقۇر
دولقۇنلىرىدا شۇڭغۇشقا قىزىقتۇرىدۇ . ئۇنىڭغا كىرگىنىڭدە، ئۇنىڭ قاپ- قاراڭغۇ دولقۇنلىرىدا غەرق
بولماستىن، ۋەھيى ۋە ئىلاھى رەھمەتتە ئۆزەڭنى كۆرىسەن …
قۇرئاننى ھەر ئوقۇغىنىمدا ياكى نامازغا تۇرغىنىمدا قەلبىمدىكى قۇلۇپلۇق ئىشىكلەر ئېچىلىپ ئۆزەمنى ناھايىتى
نازۇك ھىسياتتا غەرق بولغاندەك ھېس قىلىمەن ، مۇھەببىتىم ئاستىمدىكى زېمىندەك مۇستەھكەم ئىدى، بىر
نەرسە مىنى ئازغۇنلۇقۇمدىن ئۆزەمگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن،ماڭا يىتىپ ئاشقۇچە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان
ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئۆزەم ئەقلىم بىلەن تونۇغان ۋە قايىل بولغان دىننى تاپقانلىقىم ئىدى . ھەر قانداق بىر
دىننىڭ يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا قەدەر بۇنداق سىڭىپ كىرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم «.

ئۇنىڭ ئەرەپچىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، قۇرئانغا قانداق ئىچەكىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سورالغىنىدا ئۇ: »
بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن ئانىلىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنى ئاڭلىغاندا پەسكويغا چۈشىدۇ؟ خاتىرجەملىك
ھىس قىلىدۇ ؟ قۇرئان كەرىم ماڭا ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.»

كېيىن ئۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن بىر قانچە كىتاب تۈزۈپ چىقتى، بۇلاردىن «ئىمان ئۈچۈن كۆرەش»،
پەرىشتىلەرمۇ سورايدۇ» قاتارلىقلار بار .
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ «ئىمان ئۈچۈن كۆرەش » دىگەن كىتابىدىن بىر پارچىسىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن يۈز
كۆرۈشىمىز .

ئىسلامغا كىرگەن كۈنۈم مەسجىد ئىمامى ماڭا ناماز ئۈگۈتىدىغان بىر كىتاپ بەردى، ئۇ چاغدا بەزى مۇسۇلمان
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا «ئالدىرىمىغىن»، » ئۆزەڭگە بېسىم قىلىۋالما»، «بىر بىرلەپ كەلگىن»
دىگەندەك ئەنسىرىتىدىغان گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم ، ئۆز – ئۆزەمگە ناماز شۇ دەرىجىدە تەسمىدۇ دەپ
سورىغان ئىدىم .

ئەمما مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي بىرلا بەش ۋاقىت نامازنى تەڭ باشلاشنى قارار قىلدى.
شۇ كۈنى كېچىسى سۇس چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ، نامازنىڭ ھەركەتلىرى، ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى
ئۈگۈنۈشكە باشلىدىم. ئوقۇيدىغانلىرىم ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەرەپچىسىنى ۋە ئېنگىلىزچە
مەنىلىرىنى يادلىشىم كېرەك ئىدى، ئۆزەمدە ناماز ئوقۇشقا ئىشەنچ بولغىچە، ھېلىقى كىتاپنى بىر قانچە سائەت
كۆرۈپ چىقتىم . بۇ چاغدا تۈن يېرىملاشقان ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنى قارار قىلدىم

سۇخانىغا كىرىپ، كىتاپنىڭ تاھارەت ئېلىشنى چۈشەندۈرىدىغان قىسىمىنى ئېچىپ بىر يانغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇ
بويىچە بىرمۇ بىر ئەگىشىپ ، ئالدىرماي تەمكىنلىك بىلەن تاھارەت ئالدىم. خۇددى تۇنجى قېتىم تاماق
ئېتىۋاتقان كىشىدەك . تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سۇنى توختۇتۇپ، يۇز – قوللىرىمنى سۈرتمەيلا يېنىپ
چىقتىم، چۈنكى كىتابتا تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى سۆزلەنگەن ئىدى.

ھوجرامنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئۆزەم قىبلە دەپ پەرەز قىلغان تەرەپكە يۈزلەندىم ، ئىشىكنى
ئەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارقامغا بىر قارىۋەتتىم . ئاندىن ئالدىغا ئازراق چىقىپ. قامىتىمنى رۇسلاپ
تۇرۇپ تازا چۇڭقۇر نەپەس ئالدىم . ئاندىن ئىككى قولۇمنى ئالقىنىم ئوچۇق ھالدا مۈرەمگىچە كۆتۈرۈپ ،بوش
ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا تەكبىر ئېيتتىم . بۇ چاغدائاۋازىمنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى
خالىمايتتىم، ھەم بەك ھاياجانلانغان ئىدىم ، چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ يۇشۇرۇن كۈزىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم .
تۇيۇقسىزلا پەردىلەرنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ئېسمىگە چۈشتى، ئۆز – ئۆزەمدىن سورايتتىم : قوشنىلارنىڭ بىرەسى
كۆرۈپ قالسا قانداق بولار؟ دەرھال دەرىزە يېنىغا بېرىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدىم ، بىركىم يوق ئىدى. سەل
راھەت ھىس قىلدىم ، پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ، ناماز ئوقۇيدىغان يېرىمگە قايتا كەلدىم ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ،
قەددىمنى رۇسلاپ، قايتا ناھايىتى بوش ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتتىم . پاتىھە سۈرىسىنى تىلىم
گاچىلشىپ ئوقۇدۇم، ئاندىن قىسقىغىنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇدۇم . ئەرەبچىنى بىلىدىغان
ھەر قانداق ئادەم ئوقۇغانلىرىمدىن بىر نەرسە چۈشەنمىكى تەس ئىدى . ئاندىن قايتا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ
رۇكۇغا باردىم ، ئىككى قولۇمنى تىزىمغا قويۇپ، دۈمبەمنى تۈپ – تۈز ئىگىپ تۇرۇشۇك كېرەك ئىدى، سەل
تەسكە چۈشتى. چۈنكى ھاياتىمدا بىرىگە ئىگىلىپ باقمىغان ئىدىم . شۇنداقتىمۇ ئۆزەم يالغۇز بولغانلىقىم ئۈچۈن
خۇشاللىق ھېس قىلدىم . رۇكۇدا تۇرۇپ » سۇبھەناللاھۇلئەزىم» نى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدىم . ئاندىن
«سەمىئاللاھۇ لىمەن ھەمىدە»، » رەببەنە لەكەلھەمد » دېگەچ قايتا تۈزلەندىم …. بۇ چاغدا قەلبىمنىڭ
سوقۇشى تىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، قايتا سەجدىگە تەكبىر ئېيتقىنىمدا ھىس – تۇيغۇلۇرۇم باشقىچە ئىدى .
ئورنۇمدا قېتىپلا قالغاندەك ئىدىم ، ئالدىمدىكى سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇراتتىم …

ئەمما سەجدە قىلالمىدىم ، بېشىمنى، يۈزۈمنى يەرگە قويالمىدىم . خۇددى قۇل ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە
باش قويغاندەك … پۇتلىرىم ئىگىلمەيدىغان قىلىپ باغلانغاندەك ئىدى … خارلىق، نۇمۇس ھىس قىلدىم،
دوستلىرىمىنىڭ ئالدىدا كالۋادەك مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشلىرىنى ئويلۇدۇم.
خۇددى ئۇلار ماڭا قارىتىپ : بىچارە جېفرى، ئەرەبلەر ئۇنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپتۇ . دەۋاتقاندەك ئىدى. ..T
«ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنىڭغا ياردەم قىل» دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم ، ئاندىن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ،
ئۆزەمنى سەجدىگە، ئېگىلىشكە باشلىدىم ، يېرىم ئېگىلگەندە سەل توختىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي پۈكۈلۈپ
سەجدە قىلدىم ،يۈزۈم يەرگە تەگكەن ئىدى . كاللامدىن بارچە خىيالنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۈچ
قېتىم «سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا» دىدىم ،ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر » بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم،
دىققىتىمنى ھەر قانداق نەرسىنىڭ چېچىۋىتىشىگە يول قويمايتتىم . «ئاللاھۇ ئەكبەر» ۋە بېشىمنى يەنە
سەجدىگە ئاپاردىم ، يۈزۈم، پىشانەم بۇرنۇم يەرگە تەگكەن ئىدى . ئاپتۇماتىك ھالدا » سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا»
نى تەكرارلىدىم ، قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر باشلىغان بۇ نامازنى تولۇق ئوقۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم .
«ئاللاھۇ ئەكبەر» ئورنۇمدىن تۇرۇپ، قىيامغا باردىم … ئىچىمدە دەيتتىم يەنە ئۈچ مەيدان قالدى، نامازنىڭ
قالغىنىدا «غورۇرۇم» «ھېسياتلىرىم» بىلەن كۆرەش قىلىشىم كېرەك ئىدى. .. ئەمما بارغانسېرى ئىش ئاسانلىشىپ
بارماقتا ئىدى … ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى سەجدەمدە ئاجايىپ بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا بولدۇم…
ئاندىن ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا، تەشەھھۇتتا ئولتۇردۇم، ئاندىن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە سالام بەردىم …: بۇ چاغدا
خۇددى قاتتىق بىر مەيدان جەڭدىن قايتقان ئادەمدەك ، چارچىغان ھېس قىلدىم ، يەردە ئولتۇرغان پېتىم
ئىدى، ھازىرلا قاتناشقان بۇ «جەڭ»نى
ئەسلەشكە باشلىدىم.. ئوڭايسىزلىق، خىجىللىق ھىس قىلدىم ، چۈنكى مەن بۇ نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن
ئاشۇنداق «جەڭ» قىلغان ئىدىم .. بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ » مېنىڭ تەكەببۇرلۇقۇم، دۆتلىكىمنى مەغپىرەت
قىل، مەن ناھايىتى ئۇزاق جايدىن كەلدىم، ئالدىمدا تېخى يول يىراق» دىيەلىدىم …

دەل شۇچاغدا ، باشقىچە بىر سېزىم چىرمىۋالدى، سۆز بىلەن ئىپادىلىمەك تەس ئىدى، كۆكسۈمنىڭ بىر
يېرىدىن بىر خىل دولقۇن، سوغۇق بىر خىل دولقۇن تارقالماقتا ئىدى … بارغانسېرى كۈچىيىپ تىترەتكۈدەك
ئىدى ، ھېسىياتىمدا بۆلەكچە بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولماقتا، خۇددى ئاللاھنىڭ رەھمىتى
بىر نەرسىگە ئايلىنىپ مىنى ئورىۋالغاندەك ئىدى… ئۆزەممۇ سەزمەستىن يىغلاشقا باشلىدىم ، ياشلىرىم
مەڭزىمگە سىيرىلماقتا، ئېسەدەپ كەتتىم ، گۇناھ ياكى خىجىللىق تۇيغۇسىدىن يىغلىمىغان ئىدىم، گەرچە
شۇنداق قىلىشىم كېرەك بولسىمۇ.ئەمما خۇددى ئىچىمدىكى قورقۇنچ ۋە غەزەپ
قورغانلىرى تېمى بۇزۇپ تاشلانغاندەك …
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئۆز ئۆزەمدىن سورايتتىم : ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى گۇناھتىن كېچىشلا ئەمەس
بەلكى شىپالىق تېپىش، خاتىرجەملىك ھېس قىلىشكەن… بىردەم شۇ ھالەتتە، تىزلانغان، بېشىمنى ئىككى
قولۇم ئارىسىغا ئېلىپ يىغلىغىنىمچە يەردە ئولتۇردۇم .

ئاخىرى يىغىدىن توختىدىم ، بۇ چاغدا چارچاپ كەتكەن ئىدىم ، سەل ئىلگىرىكى ئاۋۇ ناماز تەجرىبەم ماڭا
بۇرۇن تونۇش بولمىغان بىر ئىش بولغاچقا مەندە يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار جىسمانىي ۋە ھېسسىي ئۆزگىرىشلەرنى
ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز ئىدىم … بۇ تەجرىبە مەن باشقىلارنى خەۋەردار قىلىپ
، چۈشەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە ئىدى.

بۇ جەرياندا مەن ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە مېنىڭ ھەر دائىم ئاللاھقا ۋە نامازغا ھاجەتمەن ئىكەنلىكىم
ئىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ئاخىرقى دۇئانى قىلدىم » ئەي پەرۋەردىگارىم ، ئەگەر مەن ساڭا
كۇپۇرلۇق قىلىشقا قايتا جۈرئەت قىلىدىغان بولسام، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مىنىڭ جېنىمنى ئال، مېنى بۇ دۇنيادىن
خالاس قىل … مەن ئۆزەمدە بار بولغان بارلىق كەمچىلىكلىرىم ۋە ئەيىپلىرىم بىلەن بىرگە ياشاپ كېتەلىشىم
تەسرەك، ئەمما سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىنكار قىلغان ھالدا بىركۈنمۇ ياشىشىم مۇمكىن ئەمەس «.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئاۋار

تراگىدىيىنىڭ يەنە بىر يۈزى

قىش ھۇۋلايدۇ…
كىشىنىڭ ئايالىغا كۆز سالغان ئىپلاس،
يەنە ئىككى ئىپلاس
خاتىرجەم قەشقەرگە تراگېدىيە چىللايدۇ.
سۇغۇرۇلغان كەمەر،
سۇغۇرۇلغان پىچاق،
شۇقىراپ ئېقىۋاتقان قان…
دەھشەت مەنزىرە،
ساقچى ماشىنىسى،
«بالىلىرىمنى كۆرۈۋالسام بولاتتى» دەپ نالە قىلىۋاتقان دادا…
قەشقەردە بۈگۈن تاڭ ئاتمايدۇ.

تاڭ ئاتمىغان چۈشكە يېقىن
دوختۇرخانىدىن كەلگەن شۇمخەۋەر،
ئايالىنى،
غورۇر، ئىززىتىنى
قوغدىغان ئاتىغا
«قاتىل» دەپ بەتنام يۈكلەيدۇ.
«رەھمەتلىك» لۈكچەكنىڭ ئائىلىسى،
ئىككى ئوغلى بار ئاتىنىڭ ئائىلىسى
شۈكلەيدۇ…
سەبىي ئوغۇللىرىنى چەكسىز سېغىنغان ئوتتۇز ياشلىق ئاتىنى
پۈكلەيدۇ…
سەبىيلەر بىخەۋەر، دادىسىنىڭ قەغىشىنى قىلىشىدۇ:
– دادامنى ئەجەب سېغىندىم.
– دادام نېمىشقا ئىشتىن كەلمەيدۇ؟

ئانا ئوغلىنى بەختسىز دەپ يىغلىسا،
قېينئانا قىزىنى بەختسىز دەپ يىغلايدۇ،
ئايال «ئۇنى ساقلايمەن» دەپ پىچىرلايدۇ.
لۈكچەكتىن بىرسى ئازايغان قەشقەردە،
باھار تولغىقىنى يەۋاتقان قىش
ئىڭرايدۇ…

2007- يىل 3- فېۋرال

بەخت– سائادەت

سەلمان ئەۋدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بەخت ياكى سائادەت مال- دۇنيا بىلەن ياكى كۈچ قۇۋۋەت- زورلۇق بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە
ئەمەس، چۈنكى ئۈ ھەر قانداق مال دۇنيادىن قىممەتلىك، ھەر قانداق كۈچتىن كۈچلۈك ، بەخت گويا دېڭىز
ئاستىدىكى بىر بىباھا گۆھەركى ئۇنىڭ ۋەسلىگە يىتىش ئۇچۇن كۆزىتىشكە، شۇڭغۇشقا ماھىر غەۋۋاس بولمىسا
بولمايدۇ . بەخت سائادەت شۇنداق بىر ئورۇن ياكى ئەڭ سۆزلەردە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇكى، ئۈ بولسىمۇ بىز
ھاياتقا ئىجابىيلىق بىلەن، ئىشەنچ، ئۈمىد بىلەن باققىنىمىزدا، مانا شۇ چاغدا بەخت سائادەتنىڭ ئىچ
ئىچىمىزدىن تارايغانلىقىنى كۆرىۋالىمىز، گوياكى ئۈ بىر توختىمايدىغان بۇلاقتەك، پۈتۈن بەدىنىمىزنى ئىجابىي
ھايات بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ.

بەخت دېگەن زادى نېمە ؟؟
بىر قېتىملىق ئاممىۋى راي سىناشتا، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بەخت دېگەن نېمە
دەپ سورالغان سوئالغا 36%ى بەخت دېگەن مۇھەببەت دېمەكتۇر دېگەن، 29%ى ھاياتلىقتا رازىمەنلىكتۇر
دېگەن ، 18%ى تەن سالامەتلىك دېگەن، ،7%ى توي قىلىپ ئۆي تۇتۇش دېگەن،5%ى بولسا
مال – دۇنيا دېگەن، 3%ى بالىلىق دەۋرى دېگەن، 2%ى بولسا سەپەر قىلىش دېگەن.
مىسىرنىڭ داڭلىق مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان ئابباس ئەل ئەققاد مۇنداق دەيدۇ :» مېنىڭ بىر رەسسام
دوستۇم بولۇپ ، كوپ چاغلاردا تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ رەسىم سىزاتتى، بىر كۈنى ئۈ بەختنى تەسەۋۋۇر قىلىپ،
20 ياشلىق نازىنىن بىر قىزنىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ، ئۈ قىز ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، دوستۇم ئۈ رەسىمىنى
ماڭا كۆرسەتتى، دېدىمكى لېكىن مەن بەختنى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمايمەن. سېنىڭ بۇ رەسىمنىڭ بەلكى
خۇشاللىق ياكى ھوزۇرلانغانلىقنى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن بەخت دېگەن باشقا نەرسە، بەخت دېگەن
بىز ياشىغان بىر زامان ياكى دەۋردۇركى ئۈنى تەسۋىرلىمەك تەس، بەختتە سۈكۈنات ۋە تەمكىنلىك مەنىسى
باركى ئۈ ھەرگىزمۇ ۋاراڭ چۇرۇڭ ياكى شاۋقۇن-سۈرەن ئەمەس ، بەخت دېگەن ۋىجداندا تېپىلىدىغان، ئىچكى
بىر ھېسىياتتىن ئىبارەت، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇتلەق بىر چۈشەنچە ياكى ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ، خۇددى
ئېلىم پەندە ئاتالغۇ ياكى قائىدىلەرگە چۈشەنچە بەرگەندەك، ئۇنى ھېچقانداق چۈشەنچە سىغدۇرالمايدۇ،
بەلكى بەخت ئالدىمىزدا بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى تونىمىغانلىقتىن قولىمىزدىن كېتىشى مۇمكىن، بىز شۇ
چاغدا ساپ ساق، ئەقلىمىز تولغان بولساقمۇ ئۈنى سىزەلمەيمىز، كىچىك بالىلاردەك غەمسىز، بەخىرامان
بەختلىك ھاياتنى تىخىمۇ تاپالمايمىز، ئاشۇ بالىلارمۇ كىچىك ۋاقتىدىكى ئاشۇ بەختنى سەزمەسلىكى مۇمكىن،
لېكىن چوڭ بولۇپ ئەقلى تولغاندا ، دۇنيادا بەخت دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭقىرىغاندا ئاشۇ بەختنى
ئىزدەشكە باشلايدۇ، خۇددى ئۈ دۇنيادا يوق ، تېپىلغۇسىز نەرسىدەك».
ئەگەر بەخت مال بىلەن، ئالتۇن بىلەن بولسا ئىدى دۇنيادا ھەممىدىن بانكىلار، تاغلار ، كانلار ئەڭ بەختلىك
بولغان بولاتتى، ئەگەر بەخت چىرايلىقلىق بىلەن، گۈزەللىك بىلەن بولسا ئىدى توز ھەممىدىن بەختلىك
بولغان ئىدى، باھاردا ئېچىلغان گۈل چۆچەكلەر ھەممىدىن بەختلىك بولار ئىدى، ئەگەر بەخت كۈچ قۇۋۋەت،
زورلۇق بىلەن بولسا دۇنيا ۋەھشىي يىرتقۈچلار ئەپ بەختلىك بولغان ئىدى، ئەگەر بەخت ئەخلاق بىلەن ،
ھېكمەتلىك سۆزلەر ، يۈز ئابرۇي بىلەنلا بولسا ئىدى دۇنيادا ئىنسانلارلا ئەڭ بەختلىك بولغان بولاتتى
بەخت سائادەت بولسا سەبىي بالىنىڭ كۈلكىسىدە، راستچىللىق تىلى بىلەن سۆزلەنگەن ياخشى سۆز-
نەسىھەتلەردە، ياكى ياراتقان ئىگىسىنى ياد ئېتىپ ئېيتقان دۇرۇتلاردا ، ياكى قېرىنداشلىرىغا )ئۇلارنى
تونىمىسمۇ، كۆرمىگەن بولسىمۇ( كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ياد ئەتكەن قەلبتە، ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى ياشنى
سۈرتەلىگەندە، مىللەت ۋە ۋەتەن ۋە ياكى دىنى ئۇچۇن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقاندا ،
قاتتىق قىيىنچىلىقتىن كىيىن قولغا كەلگەن غەلبىدە ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان راھەتتە ئۆزىنى دەل ئاشكارا قىلىدۇ..
ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقىي سائادەتنى ھېس قىلىسەن. بەخت دېمەك رازىمەنلىك شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە
قارىماسلىق. «بىز تۈرلۈك جامائەلەرنى بەھرىمان قىلغان دۇنيانىڭ نىمەتلىرى ۋە زىبۇ زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن
بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمز » تاھا سۈرىسى 131 ئايەت

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە ئۇلارنى خۇشال قىلغىدەك مال دۇنيا، تەن سالامەتلىك، يۈز ئابرۇي بولىشى
مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغىنى ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئويى
چوڭراق، يەنە بىرىنىڭ پۇلى كۆپرەك، يەنە بىرىنىڭ مەنسىپى يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم
بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ يەردە سىېلىشتۇرما ئەپ بارغان، ئوز ۋاقتىدا شەيتانمۇ شۇنداق قىلىپ ئاسىيلىق قىلغان
ئىبلىس :» مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مىنى ئوتتىن ، ئۈنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى» ئەئراف سۈرىسى 12 ئايەت

شۇنىڭ ئۇچۇن بىزمۇ بۇ خىل سېلىشتۇرمىنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ قالمايلى، پەرۋەردىگارنىڭ بەرگىنىگە رازى
بولايلى لېكىن سېلىشتۇرمىمىز ، پايدىلىق ئىلىم، پايدىلىق ئىش – ئەمەل ۋە ياخشىلىقلاردا بولسۇن
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز شۇنداق خىتاب قىلغان » (مال دۇنيا مەنسەپ جەھەتتە )ئوزەڭلەردىن تۆۋەندىكىلەرگە
قاراڭلار، يۇقىرىدىكىلەرگە قارىماڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بەرگەن نىمىتىگە تۇزكورلۇق
قىلمايسىلەر، قەدرىنى بىلىسىلەر». دېمەك مانا مۇشۇ رازىمەنلىكمۇ بەختتۇر، شۇڭا ھەزرىتى پەيغەمبەرمۇ مۇنداق
دۇئا قىلاتتى » مەن سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارغا رازىمەنلىكنى سورايمەن» بۇنداق بولغاندا، ئىنسان ئەگەر بىر
پېشكەللىككە يولۇقۇپ، مال دۇنياسىدىن، ئائىلىسىدىن ھەتتا بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولوپ قالسىمۇ،
بۇ تەقدىردىن رازىمەنلىك ھېس قىلسا ، قەلبىدە بەخت تاپقاي.
بىر كۈنى بىر مېيىپ ئادەمنى كۆردۈمكى بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان ئەزالىرىدىن پەقەت تىلى بىلەن كۆزى
بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا چىرايىدا بىرخىل خۇش خۇيلۇق كۆردۇم، سۆزلىگەندە ناھايىتى ئېچىلىپ
سۆزلەيتتى، ئۇنىڭدىكى بۇ ئالامەتلەرنى تىنى ساق كىشىلەردىمۈ كۆرمەك تەس ئىدى بۇ كۈنلەردە، ئۈ ماڭا
ھېكايە قىلىپ دەپ بەردى : ئۈز ۋاقىتدا تولغان بىر ياش ئىدىم، ناھايىتى ئېغىر نەرسىلەرنىمۇ كۆتىرىۋېتەتتىم،
كىيىن بىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، قولۇمدىن پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، دائىم ئىچىم پۇشۇپ يىغلاپ
يۈردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئاكام مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىمۈ دوختۇرخانا ئايلاندى، ئۈ يەرلەردە مەندىمۇ بىچارە
مەندىمۇ بەتتەر كىشىلەرنى كۆردۇم بەزىلىرى بۇنىڭ تەسىرىدە ھوشىدىن كېتىشكەن، بەزىلىرى ساراڭ بولاي دەپ
قالغان ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ ھالىتىگە كۆنۈپ قالدىم ۋە پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم، نامازلىرىمنى
ئوقۇدۇم، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم، مانا ئەمدى مۇشۇ ھالدا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن .
ساھابىلەردىن سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشى ئىدى، بىر كىشى ئۇنىڭغا دېدى،
سەن باشقىلار ئۇچۇن دۇئا قىلىدىكەنسەن،ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلساڭ، ئاللاھ كۆزۈڭنى قايتۇرۇپ بەرسە؟
دېدىكى ئۈ زات، ئى ئوغلۇم، ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ تەقدىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى ماڭا كۆزۈم ساق
بولغاندىمۇ ياخشىراق.
بۇ ئىشلارغا ئاچچىقلىنىپ، شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلەر خوشاللىقىنى سېزەلمەيدۇ، بەختنى تىخىمۇ سېزەلمەيدۇ،
ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىر قاراڭغۇ زۇلمەت بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت قاقشىغىنى قالىدۇ، ھىچ نەرسىنى
ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەمما بۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن يۈرگەن كىشىلەر بولسا ھەر ئىشنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىلكىدە
ئىكەنلىكىدىن رازىمەنلىك بىلەن يۈرىۋېرىدۇ.

بەخت ۋە ئىش – خىزمەت
ئىش قىلغىنىڭدا پەرۋەردىگارنىڭ سىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلا، شۇ ئارقىلىق خىزمەتنى ئىخلاس بىلەن ،
قېتىرقىنىپ ياخشى قىل، شۇندا خىزمەت قىلىشمۇ بەختنىڭ بىر يولى بولۇپ قالىدۇ، ھەم باشقىلار بىلەن
دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭمۇ پۇرسىتىدۇر.
ئۆزۈڭنى قىلىۋاتقان ئىشىنى سۆيسەڭ، بېرىلىپ قېتىرقىنىپ قىلساڭ ھەرقانداق ئىشتىن بەخت ھېس قىلالايسەن ،
ئۇنىڭدىن ھەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسەن، مۇرادىڭغا يېتەلەيسەن .
ھاياتقا ئىجابىيلىق ۋە ئۈمىد بىلەن باققىنكى ھەرگىز سەلبىيلىك، ياكى چۈشكۈنلۈك بىلەن باقما، زېرىكىش ھېس
قىلمايسەن، قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە ئاددىي نەتىجە بولسىمۇ ئۈنى ئىشقا سېلىپ تىخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا
كەلتۈرۈشكە تىرىش، مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغىنىڭدا بىلگىنى بۇ سىنىڭ غەلىبە قىلىشىڭنىڭ تۇنجى قەدىمى،
مەغلۇبىيەتتىن ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمەي سەۋر قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سىغىن .ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىپ باققىن. بۇرۇن
بىر كىشى بولغان ئىكەن، دۇنيانى 10 يىلدا ئۆزگەرتمەكچى بولۇپتۇ، لېكىن بۇ 10 يىل ئۈ سەزمەستىن ھىچ
ئىش قىلالماستىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۈ دەپتۇـ، ئالدى بىلەن دۆلىتىمنى ئۆزگەرتەي دەپ بەش
يىل بەلگىلەپتۇ، لېكىن بۇ بەش يىلدا ھىچ ئىش قىلالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھىرىمنى 3 يىلدا ئۆزگەرتەي دەپ
ئېلان قىپتۇيۇ،ـ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ، ئاخىرى مەن ياشايدىغان مەھەللىنى ئۆزگەرتەي دەپ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ،
ئاخىرى ئائىلىسىنى ئالتە ئايدا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ بۇنىمۇ قىلالماپتۇ ، شۇندىلا ئۆزىگە دەپتۇ: ئەمدى بىلدىم
، مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتەي. ئاللاھ مۇنداق دېگەن «ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى
ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» رەئىد سۈرىسى 11 ئايەت
بەخت ۋە ئۇتۇق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن،ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ،ئۆزىمىزنى تۈزەلىسەك ئاندىن
باشقىلارنى تۈزەلەيمىز كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ، بەختنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، شۇڭا
پەرۋەردىگار بۇ توغرىدا كىتابىدا جىق يەردە بۇيرىغان، ھەزرىتى پەيغەمبەرمۈ مۇنداق دېگەن : «كىشى
باشقىلارغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، پەزىلىتى بىلەن كوپ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىگە
يېتىدۇ» ۋە مۇنداق دېدى : » ماڭا ئەڭ ياقىدىغىنىڭلار، ئەخلاق پەزىلەتتە ياخشى بولغنىڭلار، مۇئامىلىسىدە
يېنىك، يۇمشاق بولغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ ھەم باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرىلىدىغانلاردۇر»
بۇرۇن ئۆتكەن بەزى ياخشىلار مۇنداق دېگەن : بەزىدە باشقىلار بىلەن ئارامدا ئازارچىلىق يۈز بېرىدۇ، ئۇندىن
كىيىن ئۇچرىشىپ ئۈ ماڭا سالام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئېرىپ كېتىدۇ»
ھەزرىتى پەيغەمبەرنىمۈ مەدىنىدىكى ئەڭ ئاجىز دېدەكلەردىن بىرىمۇ قولىدىن يېتىلىگىنىچە باشلاپ كېتەلەيتتى.
ھەم ئۆزىمۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ سورىغىنىنى ياندۇرمايتتى، بېرەتتى، ئۆزىمۇ مەن ھەرگىز بېخىل پىخسىق
ئەمەس دېگەن:
شۇنىڭ ئۇچۇن سەنمۇ باشقىلارغا مۈئامىلەڭدە سىلىق، مۇلايىم بول، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىشكە
تىرىش، ئۇلار ئۇچۇن ھەرىكەت قىل، دۇئا قىل، ئۇلارنى كەمسىتمەي، پەس كۆرمىگىنكى ياخشى گەپ قىلغىن،
چۈنكى ياخشى گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ سەدىقىدۇر. ھەزرىتى پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن : » تۇل خوتۇنلار،
يېتىم- يېسىر مىسكىنلەر ئۇچۇن ئىش قىلغان كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ، ياكى كېچە
كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشايدۇ».
چىرايىڭنى دائىم خۇش خۇي ۋە ئوچۇق تۇتقىن، كىشىلەرگە خاتالىقى ئالدىدا ئۇلارنى كەچۈرگىن ۋە بىر ئۈزرە
ئىزدە، باشقىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئاختۈرما، باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى ئەيىبلە.
» ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن يەنى ياخشى سوز قىلىشقا ، ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇغىن،
نادانلار بىلەن تەڭ بولما) نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن » ئەئراف سۈرىسى 199 ئايەت
باشقىلار ساڭا بەرمىگەن بولسا ، سىنى توسقان بولسا سەن ئۇلارغا بەرگىن، ساڭا زۇلۇم قىلغانلارنى ئەپۇ قىل،
سىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى زىيارەت قىل، بۇرۇن ياخشىلىق قىلغانلارغا بۈگۈنمۇ ياخشىلىق قىل، بەخت مانا شۇ
يەردىدۇر.
كىمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ ئۈ كىشىكى باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تالانتىنى ھۆرمەت
قىلىدىغان، قەدىرلەيدىغان ، ئۇلار ئۇچۇن خوش بولىدىغان، مانا بۇ بەخت مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، چۈنكى
كىشىلەرنىڭ غەلىبىسىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ، بۇنداق غەلىبە ۋە قازانچى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئەگەر بىر
كىمنىڭ ئوقۇشتا ياكى خىزمەتتە قازانغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ توي قىلالىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ
ئۆسكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ساقايغانلىقىنى كۆرسەڭ، خۇش بولغىن، مانا بۇ ئۈزۈلمەيدىغان خۇشاللىقتۇر،
بەختتۇر. ھەسەتتىن يىراق بولۇشنىڭ چارىسىدۇر. ھەسەتخورلار بەختتىن ئەڭ يىراق بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار
كىمكى خۇشال بولسا، ياكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشسە كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچىدۇ، كۆڭلى ئوتقا تولىدۇ، ئوز قولى
بىلەن بەختىنى قوغلايدۇ.

بەخت ۋە قانائەت قىلىش
ئىنسان تەبىئىتىدىن مال- دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بىلىشىمىز كېرەككى بەختلىك ئىنسان دېگەن ئۆزى
ياخشى كۆرگەن ۋە ياكى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەنلەرلا ئەمەس ، چۈنكى بۇ دۇنيادا مال-دۇنيانىڭ
ھەممىسىگە ، ئارزۇ قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بىر كۈنى ھەممەيلەن ئۆلۈپ قەبرىگە كىرىدىغان
گەپ.. بۇنداق بولغاندىن كىيىن، قانائەت بىلەن ياشىشىمىز كېرەك.
ساھابىلەردىن سەئىد ئىبنى ئەبي ۋەققاس ھەزرەتلىرى ئوغۇللىرىدىن بىرىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئې
بالام ئەگەر مال دۇنيانىڭ كويىدا بولساڭ، ئۇنى قانائەت بىلەن تەلەپ قىل، ئەگەر سەندە قانائەت
بولمايدىكەن، سىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بايلىقى قاندۈرالمايدۈ.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جانابى پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: كىمىكى كۈنىدە تىنى ساق، ئوزۇقى تەل بولىدىكەن
خۇددى دۇنيانىڭ بايلىقى ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك بولىدۇ » . يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن : بايلىق
دېگەن پۇل مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس ۋە لېكىن كۆڭۈلنىڭ توقلىقىدا».
مەشھۇر سېخىلاردىن بولغان ھاتەم تائى سىرتتا بولۇپ، ئۆيدىكىلىرى ئاچ ئىدى، شۇ چاغدا ئۇلاردىن بىر كىشى
سۇ سوراپ كەلدى، ئۇلار ئۇ كىشىگە سۇ بېرىشتى، ئەسلىدە بۇ كىشى بىر ئەمىر بولۇپ، قايتىپ بېرىپ بۇلارغا
خىلى كوپ مال بەردى،ـ بۇنى كۆرگەن قىزى يىغلىغىنىچە ئانىسىغا دېدى : ئى ئانىكا كۆرمەمسىزكى، بۇ
دۇنيادىكى بەندىلەردىن بىرى بىزگە مۇشۇنچىلىك مال بەرگەن ئىدى، باي بۇلدۇق، باشقىلاردىن بىھاجەت
بۇلدۇق، ئەگەر پۈتۈن دۇنيا پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىزگە نەزەر سېلىپ، بىزگە بەرسە ئۇنداقتا تىخىمۇ
باي بولىمىز ھە( شۇنىڭ ئۇچۇن كىشىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ قولىغا قارىماي، ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى،
بەرگۈچىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا قارايلى، بەندىلەردىن سورىماي، تەمە قىلماي، ياراتقۇچى زاتتىن سورايلى،
تىلەيلى )!!
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مەدىنىگە ئەمىر ۋاقتىدا مىڭ دىنارغا كەشتىلەنگەن بىر چاپاننى ئىلىپ
كەلگەندە قولىدا تۇتۇپ بېقىپ،ـ نېمە دېگەن قوپال دېگەن، كىيىن پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا خەلىپە بولغاندىن
كىيىن ئاران ئالتە دىنارغا بىر كىيىم سېتىۋېلىپ ئۈنى تۇتۇپ تۇرۇپ، نېمە دېگەن يۇمشاق دېگەن، شۇ
چاغدا بىر كىشى ـ، ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئۈز ۋاقتىدا مىڭ دىنارلىق كىيىمنى قوپال كۆرگەن ئىدىڭ،
بۈگۈن ئالتە دىنارلىق ناچار كىيىمنى نېمە دېگەن يۇمشاق دەيسەنغۇ؟ دېگەندە خۇدا بىلەن قەسەمكى ئاللاھ
تائالاغا ئېمان كەلتۈرگەن ئادەم ئۇنداق مىڭ دىنارلىق كىيىمنى ئالمايدۇ، كىمكى بەختنى ئىزدەيدىكەن ئۈنى
مال دۇنيادىن ، ئالتۇن كۈمۈشتىن ، چوڭ چوڭ بىنا قەسىرلەردىن، ئىزدىمىگەي، بەلكى ئۆزىدىن ئىزدىگەي،
ئۆزىنى ھاۋايى ھەۋەسكە بويسۇندۇرمىغاي، شۇندا ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلغۇسى .

بەخت ۋە تەن ساقلىق
جانابى پەيغەمبەردىن شۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ : «ئىككى نېمەت باركى كوپ كىشىلەر ئۇنىڭدا (
پايدىلىنىشتىن ) زىيان تارتىدۇ، ساقلىق ۋە بوش ۋاقىت»
تەن ساقلىق تىنى ساق بولغان كىشىلەردىكى پادىشاھلىق تاجىدۇركى ئۈنى پەقەت كېسەللەرلا ئەڭ ياخشى ھېس
قىلالايدۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ نىمىتىدۈر. شۇنىڭ ئۇچۇن تەن ساقلىقىغا شۈكۈر قىل، خۇشال بول، ئۈنى
كەتسە قايتا كەلمەيدىغان پۇرسەت دەپ بىل، ئۈنى ئۆزۈڭنى ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلىدىغان
ئىشلاردا سەرپ قىل، ياخشىلىققا ياردەملەشكەن، ياماندىن توسقىن، ئاجىز،پېقىر يىتىم – يېسىر ، تۇل
خوتۇنلارغا ياردەم قىل، چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ساقلىقىڭ ۋە بوش ۋاقتىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بار !!!
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز دېگەنكى : ئاللاھ تائالا كۈچلۈك مۆمىننى ئاجىز مۆمىندىن ياخشى كۆرىدۇ، ئىككىلىسىگە
ئۆزىگە چۇشلۇق ياخشىلىق باردۇر.
ئۆزەڭگە ئەڭ پايدىلىقىغا قارا، ئاجىز كەلگىنىڭدە ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلە، ھەرگىز يارىماس بولما !»
شۇنىڭ ئۇچۇن تەن ساقلىقىڭنى ئاسرا، ھەر ئىشتا ئورتا ھاللىقنى كۆزلە، قۇرۇق خىيال، بولمىغان قورقۇنچلارغا
ئۆزەڭنى ئەل قىلىپ قويمىغىن، چۈنكى بەدىنىڭ روھىڭنى كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەپسىڭ ۋە ئەقلىڭ
بار، ئەنە شۇ بەدىنىڭ ساق بولسا ئەقلىڭ ھەم روھىڭ ساق بولغاي، ( ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل) ،
ھەم شۇ بەدىنىڭنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بول، چاچ، يۈز، ئېغىز، شۇنداقلا پۈتۈن بەدىنىڭ پاكىز بولغاي،
خۇشپۇراق ئىشلەت،ـ بۇ ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى، زامانىسىدا ھېچكىم ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزدەك
خۇشپۇراق پۇرىمايتتى، ھېچقاچان دەرۋىشلەردەك ئاللاھ تائالا ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى تەرك
ئەتمىگەن، ئۆزىمۇ يەنە چىرايلىق نەرسىلەرگە ئامراق ئىدى، ۋە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن : «ئاللاھ تائالا
گۈزەلدۇر، شۇڭا گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ».

بەخت ۋە ئادەت
بەختلىك بولۇشنىڭ ئەگىشىپ ماڭىدىغان، كۆنىدىغان ئۇسۇل، سەۋەبلىرى بار، ھەم شۇنداقلا بەختتىن كىشىنى
مەھرۇم قىلىدىغانلىرى ھەم بار، شۇنىڭ ئۇچۇن، بۇ ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشىڭ، ئۆزلەشتۈرۈشۈڭ، يامانلىرىنى
تاشلاشنى ھەم ئۆگىنىشىڭ كېرەك، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا كۆنۈشۈڭ كېرەك، ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىشىڭ
كېرەك، بۇلار تۆۋەندىكىچە :

1 – ئۆزگىچە بولۇشقا، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىش : ئىلىمدە، خىزمەتتە، دىن ياكى مال دۇنيادا ،
باشقىلار بىلەن بولغان ئجىتىمائى ئالاقىدە ئۆزگىچە، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە بولۇشقا
تىرىش، بىر ئىشنى ئۆگەنگەندە بىر ئورۇندا تۈرۈپ قالماي، ئۈنى ياخشىلاشقا تىرىشىش، ھەم ئۆگىنىشنى
توختىتىپ قويماسلىق، چۈنكى ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقاندا توختاپ قالساق ئارقىغا چېكىنىدىغان گەپ، ئاللاھ تائالا
پەيغەمبەرلىرىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن :
«ئۇلار ياخشى ئىش قىلىشقا ئالدىرايتتى، ( رەھمىتىمىزنى ) ئۈمىد قىلىپ، ( ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا
قىلاتتى ، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى»
سۈرە ئەنبىيا 90 ئايەت .
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن : بىرىڭلار ئىش قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئۈنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىنى
ياقتۇرىدۇ «.

2 – مەقسەت ئوچۇق ، ئېنىق بىر غايە تىكلەش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش،، بىر ئىشنى باشلىغاندىلا
كۆزىمىز غايىمىزدا ، يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمىزدە بولۇش ھەم ئۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پىلان ۋە مەلۇم
مۇددەت بەلگىلەش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش كېرەك، تايىنى يوق، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا
زىيانلىق بولغان، ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ
مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» زەلزەلە سۈرىسى 7-
8 ئايەت.

3 – ھاياتتىكى قىلىدىغان ئىشلارنى تەرىپلەش، ئەڭ مۇھىمىنى ئاۋال، ئاندىن مۇھىمىنى ، مۇھىم ئەمەسلىرىنى
كېيىن قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ ھاياتتا قىلىدىغان ئىش بەك كوپ، لېكىن ھاياتىمىز تولىمۇ قىسقا، ھەزرىتى
ئەبۈ بەكرى ھەزرىتى ئۆمەرگە ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېگەن : بىلگىنى ئاللاھ تائالا ساڭا كۈندۈزى قىل دەپ
بەلگىلىگەن ئىشى بار، ئۈنى پەقەت كۈندۈزىلا قوبۇل قىلىدۇ، كېچىدە قىل دەپ بەلگىلەپ بەرگەن ئىشى بار
ئۈنى پەقەت كېچىسىلا قوبۇل قىلىدۇ:
ھاياتىمىزدىكى ئىشلارنى مۇنداق تەرتىپلەشكە بولىدۇ -: مۇھىم جىددى، مۇھىم جىددى ئەمەس، مۇھىم
بولمىغان جىددى، مۇھىم بولمىغان جىددى ئەمەس.
1 ۋە 2 – تۈرلۈك ئىشلار سېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭدۇر.

4 – ئىشنى قالايمىقان قىلماي، ئېنىق پىلان بىلەن قىلىش بۇنىڭدا، بىر قانچە خىل پىلان تۈزىشىڭ كېرەك
مەسىلەن، پۈتۈن ھاياتلىق ئۇچۇن پىلان، 3-5 يىللىق بىر پىلان، 1 يىللىق بىر پىلان، 6 ئايلىق، 1 ئايلىق ،
1 ھەپتىلىك، دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر – بىرگە باغلىنىشلىق، كېيىنكىلىرى ئالدىنقىلىرىنىڭ مۇھىم
بىر پارچىسىدۈر.

5 – قىلماقچى بولغان ئىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، باشلىغاندىن كىيىن كۆڭۈل بولۇڭ ئاخىرىغىچە
داۋاملاشتۇرۇش، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ! بۇنىڭ ئۇچۇن ئىش قىلغاندا ئەڭ مۇناسىپ
ۋاسىتىلەرنى تاللاش،ئىشنى ۋاقتىدا باشلاش، كېچىكتۈرمەسلىك، ۋە يۇقارقى سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇنلارنى
بىرلەشتۈرگەندە زېرىكىپ قىلىشتىن، دىققەت بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6 – ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش : چۈنكى ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنالمىساڭ، زىيان
تارتىسەن، سەن ئۆزەڭ ۋاقىتتۇرسەنكى، ھاياتىڭدىن بىر سائەت كەچسە سەندىن بىر پارچە كەتتى دېمەكتۇر.

7 – نەپسىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۆزىمىز نەپسىمىزگە بوي سۇنماي، ئۈنى ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرۇش، چۈنكى
ئىنسان نەپسى دائىم ئىگىسىگە قارشى ئىش قىلىدۇ «نەپىس دېگەن ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كوپ بۇيرۇيدۇ»
سۈرە يۈسۈف 52 – ئايەت ، ئوز نەپسىگە ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان كىشىلا غەلىبە قازىنالايدۇ، ئەكسىچە
تەسلىم بولغان كىشى غەلىبە قازىنالمايدۇ.
ئوز نەپسىمىز، ھاۋايى – ھەۋىسىمىز ئۇستىدىن غەلىبە قىلساق، دۈشمەن شەيتان ئۇستىدىن غەلىبە قىلالايمىز،
ئۆزىمىزنى بۇلاردىن قۇتقۇزغاندىن باشقا، ئاجىزلىقتىن، يارىماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

8 – باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىغا ماھىر بولۇش، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىنسان ئۆزى ئىجتىمائىي
بولۇش كېرەك، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان، ئاسان ماسلىشالايدىغان، خۇش چىراي، كۆڭلى كۆكسى
كەپ، باشقىلارنىڭ غەم قايغۈلىرىغا ھەمدەم بولالايدىغان، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىيالايدىغان بولۇش كېرەك،
» يۇمشاق سوز تاشنى يارار» ، جانابى ئاللاھ پەيغەمبىرىنى سۈپەتلەپ «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا
مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال ، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ ئۇلار چورەڭدىن تاراپ كېتەتتى» دەيدۇ . ئال
ئىمران سۈرىسى 159 – ئايەت.

9 – ئىجابىي تەپەككۇر قىلىشنى ئادەت قىلىش : ھەزرىتى پەيغەمبەر » ئەگەر بىرىڭلار بىر مايسىنى تىرەي دەپ
تۇرغاندا قىيامەت بولۇپ قالسا ، ئەگەر قولىدىن كەلسە ئۈنى تىرىۋەتسۇن «، مانا بۇ ئۈمىدۋارلىقتۈر،
ئىجابىيلىقتۇر. ئەتراپتىكى ئىشلارغا ئىجابىي تەرەپتىن قاراش، كىشىلەرنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى
كۆرۈش،قولىدا بار بولغان پۈرسەتلەرنى تېپىپ چىقىش، داۋاملىق سەلبىي تەرەپلەرگە ئېسىلىۋالماسلىق، ناچار
مۇھىتقا بەك دىققىتىنى بەرمەسلىك كېرەك.

10 – ھەر ئىشتا مۆتىدىل بولۇش، ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىش «ئۇلار ( يەنى ئاللاھ ياخشى
كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا ، ئىسراپچىلىقمۈ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت
قىلىدۇ» فۇرقان سۈرىسى 65- ئايەت
ھەزرىتى پەيغەمبەر مۇنداق نەسىھەت قىلغان : «سىنىڭ ئۈستۈڭدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار، ئۆزۈڭنىڭ
نەپسىنىڭ (تېنىڭنىڭ) ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار، شۇڭا ھەر ھەق ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى
بەر «.

ئاۋار تەرجىمىسى

ھەدىس بىزگە نېمە دەيدۇ؟

مۇھەممەد سالىھ داموللا

بىسمىلاھ دەپ كىتابنى ئاچقىنىڭىزدا، كۆز ئوڭىڭىزدا ھەدىسلەر خەزىنىسنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان گۆھەر نايابلار جۇلالنىپ تۇرىدۇ، ئۇلاردا مۇجەسسەملەشكەن ئىمان دەرىخىدىن شاخلىنىپ چىققان رەڭگارەڭ مەنالار ئەقىل كۆزىڭىزنى نۇرلاندۇرىدۇ. كىتابنى مۇتالىئە قىلىپ ھەدىسلەر قايىنىمىدا ئۇزگەنىسىرى، زىھنىڭىز ئېچىلىپ، قەلبىڭىز يۇرۇپ، ھىدايەت كانىدىن تىخىمۇ كۆپ جاۋاھىراتلار قازانغىڭىز كىلىدۇ. سزگە توغرا تۇنۇش، پاك، يارقىن تۇيغۇ بەخىش ئەتكەن، خوش ھىدلىرى بىلەن ۋۇجۇدىڭىزنى مۇئەتتەر قىلىۋەتكەن بۇ باغچا — «ياخشىلار باغچىسى» «رىيازۇسسالىھىن»دۇر.
«ياخشىلار باغچىسى» ھەدىس كىتابلىرى ئىچىدە مەنبەسى ساغلام، مەزمۇنى رەڭدار، ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەندىن تا ھازىرغىچە ئەھلى ئىسلام تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كىتاب «قۇرئان كەرىم»دىن قالسىلا تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، تەۋەرۈك كىتاب سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
كىتابتا 2000غا يېقىن ھەدىس بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار سەھىھ ھېسابلانغان، ئىشەنچىلىك ھەدىس مەنبەلىرىدىن نوپۇزلۇق ھەدىسشۇناس ئىمام نەۋەۋى ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن زەر كانلىرىدىن قىزىۋېلىنغان ساپ ئالتۇندەك تاللاپ ئالغان. ئىمام نەۋەۋى ھەدىسلەرنى تاللاشتا «كۇتۇبى سىتتە» ياكى «سىھاھى سىتتە» دەپ ئاتالغان سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن تىرمىزى، سۇنەن نەسەئى، سۇنەن ئبن ماجە قاتارلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىنى ئاساس قىلغان. كىتاب 372 بابقا بۆلۇنگەن. ھەر بىر بابقا ئايرىم ماۋزۇ قۇيۇلغان. ئالدى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئايەتلەر كەلتۈرۈلۈپ ئاندىن ھەدىسلەر بىرىلگەن. بۇ ھال كىتابنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ھەدىسلەر بىلەن ھەدىسلەرنىڭ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەرنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بۇلۇپ، بىر بىرىگە چىڭ باغلانغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىزاھلايدۇ، يىشىپ بىرىدۇ، بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىرىدە ئومۇمى رەۋىشتە تىلغا ئېلىنغان مەنا يەنە بىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىرىدە چۈشۈنۈش قېيىن تۇيۇلغان مەزمۇن يەنە بىرىدە چۈشىنىشلىك بولۇپ كېلىدۇ. كۆز ئوڭىمىزدا جۇلالانغان لەبزى ئىخچام، مەزمۇنى تىرەن ھەدىسلەر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. دۇررى جەۋاھىراتلاردەك يالتىراپ تۇرغان ئېسىل مەزمۇنلار يۈرەكنى تىتىرىتىپ، دىللارنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ. ئوقۇغانسىرى ئىچىمىز يورۇپ، بەردەملىگىمىز ئاشىدۇ. ھەر بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا شۇ ھەدىسنىڭ قايسى ھەدىس كىتابىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. پېقىر ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەتنى (ئەرەبچە تېكىستى)نى بەردىم. ھەدىسلەر ئاخىرىغا ‹ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى› ماۋزۇسى ئاستىدا ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بىرىلدى. ھەدىسلەرنىڭ شەرھى بىلەن قوشۇلۇپ كىلىشى ئەرەب ئىلىم ساھاسىدە بۇرۇنلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئويغۇرلار دىن تەتقىقاتىدىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن ھەدىسنى ئەسلى روھى بويىچە چۈشىنىش ئۈچۈن جەزمەن ھەدىسلەرنىڭ شەرھسىگە مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. 80- يىللىرى دىنىي ساھادىكىلەرگە ئېچىلغان بىلىم ئاشۇرۇش كۇرىسلىرىدا «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى، سەھىھۇلبۇخارى، ۈرىيازۇسسالىھىن قاتارلىق كىتابلاردىن دەرس بەرگەن ئىدىم. «ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ ھازىرقى شەرھىنىڭ خىمىر تۇرۇچى ئەينى چاغدا «ۈرىيازۇسسالىھىن» دەرىسىدە ھەدىسلەرنى ئىزاھلاش، شەرھلەش يۈزىسىدىن بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ قىتىم ھەدىسنى پىششىقلاپ ئىشلەش يۈزىسىدىن «ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ ئۆلچەملىڭ شەرھى «نزھە المتقين» نى ئاساس قىلىپ، ياپىلاق تىل بىلەن ئاممىباب قىلىپ قايتا ئىشلىدىم. («ۈرىيازۇسسالىھىن»نىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھىسىنى يېزىشتا قىزىم نەزىرە باشتىن-ئاخىرى ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ بىللە ئىشلەشتى. بۇ مەزكۇر كىتابنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشىغا مەدەت بولدى.) كىتابتا بايان قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرى، ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئەركانلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن بىللە يەنە ئەھلى ئىسلامدا بولۇشقا تىگىشلىك ئەدەپ-ئەخلاققا ئائىت سەمىمىي دەۋەتلەر، ئاقىلانە تەشەببۇسلار، دانا پەندى-نەسىھەتلەر نەۋباھاردا ئېچىلغان رەڭگارەڭ چىچەكتەك كۆزىمىزنى قاماشتۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز زىممىزگە يۈكلەنگەن پەرز، ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش، ھارامدىن ساقلىنىش، ئىبادەت-ئەھكاملارنى جايىدا بەجا كەلتۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاققا دائىر ھەدىسلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە تەدىبقلاپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كىشى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، قەلبىنى پاكلاپ، نەپسىنى پاكلىغاندىلا ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىگە ئىرىشىشنىڭ يولىنى تاپقان بولىدۇ. ساغلام پاك ئىتىقادنى، دۇرۇس، گۈزەل ئەخلاقنى ئۇل قىلمىغان ئىبادەت جانسىز بۇلۇپ، سەمەرىسىز دەرەخقە ئوخشايدۇ. ھەدىس روھى بۇيىچە ئىڭىمىزدا توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاق قارىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھاياتىمىزنى چۇلغىۋالغان غەلدى-غەشلەردىن پاكلىنالىساق ۋە ئەخلاق ئۈلچىمى، ئەدەپ مىزانلىرىغا ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلالىساق ئاندىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەھلى ئىسلامدىن بۇلالايمىز. پۈتكۈل ھەدىسلەر مەزمۇنىنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا تونۇشىمىز چوڭقۇرلاپ، كۆڭلىمىزدىكى چىگىش سۇئاللارغا تولۇق جاۋاپ تېپىلىدۇ. ئۇ ھايات سەپىرىمىزدە يۇلۇققان مۈشكۈللەرنى يىڭىشىمىزغا مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بىغىشلايدۇ. ھەدىسلەرنىڭ روھى ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەندە قەلبىمىزدىكى بوشلۇقلار تولدۇرىلىدۇ. روھ ماددىنىڭ، ئەخلاق مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەدىسلەرگە تەدبىقلاپ تۇرۇپ شەخسىيىتىمىز ۋە ئىجتىمائىيىتىمىزنى دەۋر قىلغان ھالدا ئەخلاق كاتىگورىيەسىگە ياتىدىغان ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئىجتىمائى ئەخلاق ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گۈزەل ئەخلاق كىشلەرنى يۈكسەك ھاياتقا يېتەكلەيدۇ. پەيلاسوپلار ۋە جەمىئەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ئەخلاق-پەزىلەت شەخسنىڭ ۋە جەمىئەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىلىق ئامىل.
كىتابتىكى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە دائىر ھەدىسلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كىتابخاننىڭ كۆز ئوڭىدا تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىن ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يىتەكلەيدىغان مۇكەممەل بىر سېستىما نامايەن بولىدۇ. ھەدىس قۇرلىرىدا گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى: «ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دىگەن ھەدىسىدىن بىز رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز دەۋىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇنغا قويغانلىقىنى بايقايمىز .
رەسۇلۇللاھنىڭ «مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى ئىبادەت قىلغانلارنىڭ دەرىجىسگە كۆتۈرىلىدۇ» دىگەن سۆزىدىن گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بىلىۋالالايمىز. «ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر»، «مۇئمىننىڭ تارازىسىدا چىرايلىق خۇلۇقتىن ئېغىر كىلىدىغان نەرسە يوق» دىگەن ھەدىسلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالىمىز. شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق ساماۋى نۇردۇركى ئۇنىڭسىز ھايات، ئۇنىڭسىز جەمئىيەت قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ. ئەخلاقسىز تۇرمۇش قانچە بىزەپ كۆرسىتىلگىنى بىلەنمۇ بەرىبىر زەئىپ، مەنىسىزدۇر.
ئەخلاق ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كلىدۇ.
«قورئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھ سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. «جەننەت ئانىنىڭ ئايىغى ئاستىدۇر». ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىغا ياخىشىلىق قىلش ئەڭ سۆيۇملۈك ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن قالسا بەزى ھەدىسلەردە ئورۇق-تۇققان، يېقىن-يورۇقلارغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلىنىپ «رىسقىم كەڭ بولسۇن ياكى ئۆمرۈم ئۇزۇن بولسۇن دىگەن ئادەم خىش-ئەقرىبا ۋە يېقىنلىرىغا سىلە-رەھىم قىلسۇن» دېيىلسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئورۇق-تۇققانچىلىق ھەققى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ «سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»غانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن، ياكى پاسىق بولسۇن، دوست بولسۇن، ياكى دۈشمەن بولسۇن ئىنسانغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ياخشىلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقەمسايىسگە زىيان زەخمەت يەتكۈزۇشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ» دىگەن سۆزنى ئۇچ قېتىم تەكرارلىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوشنىسنىڭ دائىرىسنى بىكىتىپ «ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىنىڭ ھەر تەرىپىدىن 40 ئائىلىگىچە قوشنا ھىسابلىنىدۇ» دىگەن. (بىزدىكى ھازىرقى قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى ھەر بىرىمىزگە ئايان) ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھېكمەتلىك ئوسلۇبتا بايان قىلىنغان. نۇرغۇن ھەدىسلەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنساپ-ئشەنچىنى، دوستلۇق-ئىناقلىقنى كۈيلەيدىغان، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاسايىشلىققا ئۈندەيدىغان ئىدىيەلەرنى ئىماننىڭ بىر جۈملىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە ھەقىقىي مۇئمىن بولالمايسىلەر»، «كىشلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلىشىشى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن قالسلا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر» دىگەن ھەدىسلەر شۇلارنىڭ جۇمىلىسىدىندۇر. «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى قېرىندىشىغا ياردەمدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ»، «ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىققان ئادەمنى ئاللاھ قىيامەت كۈننىڭ قورقۇنچىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ». مەيلى ماددى جەھەتتە بولسۇن ياكى مەنىۋى جەھەتتە بولسۇن باشقىلارغا ھاجىتى چۈشۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدىغان كىشلىك تۇرمۇشتا بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھىنى قانچە ئىخلاس بىلەن ئۆزلەشتۈرسەك، ئىسلام دىنىغا بولغان چۇشەنچىمىز شۇنچە چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولىدۇ. ئىتىقادىمىز چىڭىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھايات يولىدا باسقان قەدەملىرىمىز شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. ئىجتىمائىي كەيپىيات، گۈزەل ئەخلاقى ساپا، ساغلام مەدەنىيەت ئاساسىدا تەرەققىياتىمىزمۇ شۇنچە راۋان بولىدۇ.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ساھابىلارنىڭ ھايات مۇساپىسىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىنىڭ بىر-بىرنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ھەققىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرىمىز. مېھر-مۇھەببەت، خالىسلىق، ھەمكارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ غەم-قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى ئورتاق بولىدۇ. مەككىدىن بارغان مۇھاجىرلار بىلەن مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىقى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدىكى ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇلار سېنىڭ-مېنىڭ قىلمىغان. ئەنسارىيلار مۇھاجىرلارغا ئۆيلىرىنى، باغلىرىنى، نېمىسى بولسا شۇنى تەڭ بۆلۇپ بەرگەن. دوستلاشتۇرۇلغان ئىككى ئادەمنىڭ (مۇھاجىر بىلەن ئەنسارىينىڭ) قايسىسى ئۆلسە ئىككنچىسى ئۇنىڭغا مىراسخور بولاتتى. قان-قېرىنداشلىرى مىراسخور بولمايتتى. ئەنسارىيلار مۇھاجىر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان غەمخورلۇقلىرىنى تېخى قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىدىن ئاز دەپ قارايتتى. مانا بۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى. بۇ يۈكسەك، ئالىيجاپ قېرىنداشلىق مېھر-مۇھەببەتنى چۇشەندۈرۈشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. «ئەنسارىيلار مۇھتاج تورۇقلۇق (مۇھاجىرلار مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرنىڭ (مەنپەئەتىدىن) ئەلا بىلىدۇ» (سۈرە ھەشىر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىگەن ئايەت ئەنە شۇ ئەنسارىيلار ھەققىدە نازىل بولغان. «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قىرىندىشغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن كامىل مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ» (ھەدىس). بۇگۈنكى كۈندە پۇل ھەممىگە ھۆكۈمران دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۆرتكىسى ئاستىدا يامراپ كېتىۋاتقان چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك دىللىرىمىزنى قاساۋەتلەشتۈرۈپ كىتىۋاتسا، بىزدە نەدىمۇ «ئەلنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ئىدىيە بولسۇن؟! ھەممىلا ئىشتا پۇلنى، پايدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش خاھىشى كاللىمىزنى چىرمىۋالغان تۇرسا، خالسلىق، غەرەرسىز، رىياسىزلىقنى قانداقمۇ ئىزچىللاشتۇرغىلى بولسۇن؟! پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم تىللا بىلەن تەڭگىنى چوڭ بىلىپ كەتسە ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنىڭ ھەيۋىسى كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ». كىشىلەرنىڭ سورۇنلاردا ئۆزئارا: «ھازىر خەقتە ئىنساپ يوق…» دېيىشىۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ قالىمىز، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كىتىشى بىلەن ئارىمىزدىن مېھر-مۇھەببەت، ئىنساپ كۆتۈرۈلۇپ كىتىپ بارماقتا. قەلبىدىن دىيانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن!
«ياخشلار باغچىسى» ھەقىقەتەن تۈرلۈك-تۇمەن، رەڭگارەڭ، ھۆسنى ۋە پۇرىقى دىلنى لال قىلدىغان ھەدىس گۇل-چىچەكىلىرىگە تولغانكى، ئۇنىڭدا يەنە يىتىم-يىسر، ئىگە-چاقىسىزلارنىڭ بېشىنى سلاش، مۇساپىرلارغا، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوتقۇزۇش ۋە ماددىي، مەنىۋىي جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى يېپىش قاتارلىق ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئەمەل قىلىدىغان كىشىنى مەنىۋى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. «كىمكى بىر ئەمانى 40 قەدەم يۆلەپ ماڭسا، ئۇنىڭغا جەننەت تىگىشلىك بولىدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ ئۆزىلا ئاقساق-چۇلاق، مېيىپ-ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇپ ئۇلارنى قوتقۇزۇشنىڭ، دارىلتام، دارىلئاجىزلارنى ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ نەقەدەر ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر. گۇزەل ئەخلاقى بىلەن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز بولغان پەيغەمبىرىمىز: «مەن يىتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يىقىن تورىمەن» دەپ باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مېنى ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، چۈنكى سىلەرگە شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن رىزىق بىرىلىدۇ» دىگەن. كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كىشىنى ئەخلاقىي يۈكسەكلىككە يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تورىدۇ. ئەمما رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، شۇ ئىسىل تەرغىباتلارنىڭ ئىتىبارسىز قىلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. مىيىپلىقنى پۇل تىلەشكە دەستەك قىلىپ، ياكى ئىگىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسى بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاجىز مەجرۇھلارنىڭ قەھرىتان قىش، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا توپا- تۇمانغا مىلەنگەن ھالىتى يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى: «يىتىمنى خارلىما …» دىگەن ئەمىر رەببانىيغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىيالىدۇق؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى ھەممىدە چىكىنىشكە يۈز تۇتىۋاتىمىز. نىھايەت، ئەقىل كۆزى بىلەن ئىدراك قىلغۇچىلار ئۈچۈن چاقناپ تۇرغان تاڭ نۇرىدەك روشەن تۇيۇلىدىغان ھەدىس مەنالىرىنى زالالەت تۇمانلىرى ئىچىدە تىڭرقاپ يۈرگەنلەر ئاڭقىرالماي قالىدۇ-دە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختتىن قۇرۇق قالىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردە خەير-ئىھسان قىلىشنىڭ، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى سۆزلىنىدۇ. سەدىقە نامى ئاستىدا ئېلىپ بىرىلىدىغان بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ھەممە ئادەم قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىلىدۇ. سەدىقە سۆزىنىڭ مەناسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە سەدىقە كىشىلەر تەرىپىدىن مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن نامراتلارغا ئىقتىسادى ياردەم بىرىش دەپ چۈشىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەدىسلەردە ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى سەدىقە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزۈشىنى، سەدىقىمۇ قىلىشىنى، مۇنداق قىلالمىسا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان ئشلاردىن قول يىغىشىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىىڭ بۇ سۆزىدە مۇئمىننىڭ قولىدىن كىلىشىچە كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك كېرەكلىگى تەكىتلەنگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ، ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئۆزىنىڭ خۇتۇن بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئائىلە راسخۇتمۇ، ھەتتا كىشىلەرگە قىلغان بىرەر ئېغىز ياخشى سۆزنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ھەدىسلەردىن بىز ھۈنەر-سانائەت بولسۇن، تېرىقچىلىق بولسۇن، تىجارەت بولسۇن، ھەر ئادەمنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇلگەنلىكىنى، ئەجرىدىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەمىنلەپ ئاشقان قىسمىنى يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئىشلىتىش تەكىتلەنگەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز. سەدىقە- ئىھسان ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئوبرازلىق رەۋىشتە مۇنداق ئىپادىلەنگەن. «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ پەقەت ھالال مالنىلا قوبول قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبول قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى ئوبدان بىقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بىرىدۇ». ھەدىسلەردە مەيلى باي بولسۇن، مەيلى نامرات بولسۇن مۇسۇلمان كىشىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئىلمىنىت بولۇشى كېرەكلىكى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئاۋامغا پايدا يەتكۈزۇشى، بايلارنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن كۆپلەپ خەير-ساخاۋەت قىلىشى، كەمبەغەللەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولماسلىقى قەيت قىلىنغان . پەپغەمبەرئەلەيھسسالام سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەمنى ئەڭ ئارتۇق ھېسابلىغان. «كىمىكى ئۆزى نېمە يىسە خىزمەتچىسى (ياكى قۇلى)غا شۇنى يىگۈزسۇن، ئۆزى نېمە كەيسە ئۇنىڭغا شۇنى كەيگۈزسۇن. ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار. ئەگەر شۇنداق ئىشلارغا سېلىپ قالساڭلار ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار» دىگەن. «كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزسە ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەن بولىدۇ»، «ناھەق رەۋىشتە بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر». يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردە مۇئمىنگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بۆھتان چاپلاشنى يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۈناھ قاتارىدا سانىغان. ھالبۇكى ئارىمىزدا ئاياللارغا ھەتتا ئۆزىنىڭ ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قارا چاپلاش تۈسىنى ئالغان سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار ئاز ئەمەس. بىر مۇنچە ھەدىسلەردە ئىناقلىق، ھەمكارلىق، مىھرىبانلىق روھى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭغا زىت كىلىدىغان تەپرىقچىلىك، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چېقىمچىلىق، غەيۋەت-شىكايەت قاتارلىق ئىللەتلەرگە لەنەت ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ: «گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى كولىماڭلار. تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار. ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار. ئۆزئارا قىرىنداشلارچە بولۇڭلار»، «كىمىكى بىر قىرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ»، «ساھابىلىرىمدىن ھېچبىر ئادەم ماڭا بىراۋ ئۈستىدىن سۇخەنچىلىك قىلمىسۇن»، «سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئەيىۋىنى تۈزەش بىلەن بولغان ئادەم چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ»، «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئادەملەرنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ قالىدۇ»، «ھەسەتتىن ساقلىنىڭلار، ھەسەت قىلىش ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يىگەندەك يەيدۇ» قاتارلىق دانا سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ئۆم-ئىناقلىقنىڭ ھوزۇر بەخىش كۆرۇنۇشلىرى كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئۆزئارا قىزغىن، سەمىمىي، خالىس ھېسسىياتتا بولۇش دىللارنى سۆيۈندۇرىدۇ. چىقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇقلار مۇسۇلمانچىلىق بىلەن زادى كىلىشەلمەيدۇ. قەيەرە بولمىسۇن بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ھەقىقىي ھىسداشلىق قىلىنسا، مۇھتاجلارغا ھاجىتى راۋا بولغۇدەك ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتلىك قوللار سونۇلسا ئارىمىزدا تەبىئىي ھالدا بەرگۈچىنى رىيا-كىبىردىن خالى قىلىدىغان، ئالغۇچىنى خورلۇق-ئىزادىن خالاس قىلىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن بولاتتى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك كۆڭۈلىسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ. كىشى ھەرقاچان ئەزىيەت، ئازار-كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا مۇسۇلمان ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «مۇسۇلمانغا كەلگەن ھەرقانداق كۆڭۇلسزلىكنى ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەففارەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پۇتىغا بىر تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ»، «ئاللاھ كىمگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ»، «ھېچ كىشگە سەۋرىدىن ئەۋزەل ۋە چوڭ سوۋغا بىرىلىگىنى يوق» دىگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇمىدۋارلىق ۋە ئەقىل ھەمراھ بۇلۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن غەيرەت-پاراسەت بىلەن ئۆتىۋالىدۇ، شۇنداقلا قارنى-كۆكسىنى كەڭ تۇتقانلىقى، چىداملىقلىقى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا قوپال، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈستىدە خاپا بولۇشۇپ، قىزىرىشپ چاپان سىلىشىدىغان، ياقا سىقىشىدىغان قىلمىشلار بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇرۇشقاندا ئىغىز بۇزۇشنى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دەپ سانىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ مۇلايىملىق، ئەپۇچانلىق، مىھىرىبانلىق، سەۋرىچانلىق، چىدامچانلىق، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تورۇقلۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۆز ئۈممىتىگە ناھايىتى ئىسل ئۈلگە ياراتقان.
بۇ مەزمۇنلار پەيغەمبەرئەلەيھىسىسالام: «مۇلايىملىقتىن مەھرۇم قىلىنغان ئادەم پۈتۈن ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇلار ئىچىدە مۇلايىملىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ»، «كىشىلەرگە رەھمى قىلىمىغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»، «كىشىلەر ئارىسدا ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئادەم دۇشمەنلىكى قاتتىق، خۇسۇمەتچى ئادەمدۇر»، «بىر ئادەمنىڭ بىر دىنىي قىرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس»، «روزىدىنمۇ، سەدىقىدىنمۇ، نامازدىنمۇ ئارتۇق ئىش كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشتۇر، ئارىىنىڭ بۇزۇلۇشى دىللارنى خاتىرجەمسىزلەندۇرىدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش گۇناھ ھىساپلانمايدۇ» قاتارلىق ھەدىسلىرىدە قەلىبنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسىنى، كىشىلەرنى ئاسراشتا، ئۇلارغا ئاسانلىق توغدۇرۇپ بىرىشتە رەسۇلۇللاھ نەمۇنىلىك رول ئويىنىغان. ئۇ «نامازدا تۇرۇپ بالىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويماي دەپ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇيمەن» دىگەن. ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسىراشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ياشتا چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، كىچىكىلىرىمىزگە كۆيۇنمىگەن ئادەم بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن دانا سۆزى بار. تۈرلۈك سورۇنلىرىمىزنىڭ يالغان-ياۋىداق پتنە-پاسات، سۆز-چۆچەكلەر تارقىتىش ئۇۋىسى بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۇرۇشىنىڭ ئۆزى كىشى ئۈچۈن يىتەرلىك يالغانچىلىقتۇر» دىگەن سۆزى مۇسۇلماننى ھەر ۋاقىت ئېغىزىغا ھېزى بولۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ساھابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق سورىغان: بەندىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەل قايسى؟ رەسۇلۇللاھ شۇنداق دىگەن: «تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق». ئەمىسە دوزاققا كىرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەلچۇ؟ «ئېغىزى بىلەن ئەۋرەت». ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى ئەمەلىيەتتە كىشلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە سىنىلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇئامىلە كىشىنى سىناشنىڭ ھالقىلىق ئمتىھانىدۇر. سەمىمىيلىك، توغرىلىق، راسچىللىق، خالىسلىق، ئىنساپ، تەۋپىق، ئىشەنچ، ھەققانىيەتلەر ھەدىسلەردە مەدھىيەلىنىپ، مەككارلىق، ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك، يالغانچىلىق، نامەردلىك، خىيانەتچىلىك، جازانىخورلۇق، پاراخورلۇق، ۋىجدانسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش قاتارلىق رەزىللىكلەر قاتتىق ئەيىپلىدۇ.
ھەدىستە يالغان گەپ قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددى ھەققى قالغان بولسا ئۇنى قىيامەت كۇنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلۋەتسۇن. زۇلۇم قىلغۇچى ئادەم ھەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ھەق ئگىسىنىڭ قانچىلىك ھەققى بولسا شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۇكلىندۇ». ھەدىسلەردىن مەيلى قايسى رەۋىش قايسى ئۇسۇلدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىشىنىڭ (مىسقالچىلىق ياغاچ چاغلىق نەرسە بولسىمۇ) ھەققىنى يەۋىلىشنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئىگسىگە قايتۇرۇلمىسا بولمايدىغان قورقونچلۇق ھەق ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرەلەيمىز. يەنە بىر ھەدىستە: «خىيانەت قىلماسلىق، راسىت سۆزلۈك بولۇش، گۈزەل-خۇلۇقلۇق ۋە بىتەمە بولۇپ ھالال كەسىپ قىلىشتىن ئىبارەت 4 خىسلەت» ئۈستىدە توختالغان. بىر ھەدىستە: «جازانىنى يىگۈزگۈچى، يېزىپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا لەنەت قىلىنغان». يەنە بىر ھەدسىتە: «ئىشلەمچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك چوڭ گۇناھقا ياتىدۇ» دىيىلسە، باشقا بىر ھەدىستە: «ياللاپ ئىشلىتىلگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر قۇرۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ ھەققىنى بىرىپ بولۇشنىڭ لازىملىقى» تەكىتلىنىدۇ. قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماي ئارقىغا سۈرۈش زۇلۇم ھىساپلىنىش بىلەن قىينچىلىق بار قەرزدارنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بىرىش ساۋابلىق ئىش سانىلىدۇ. «كىمىكى ساختىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن ھەدىستە ئېلىم-بېرىمدە ساختىپەزلىك قىلىش، يالغان قەسەم قىلش، ساختا ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلارنى سېتىشمۇ ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان. ئىسلامدا بىرلىشىپ تىجارەت قىلشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، ھەدىستە «شىرىك بولۇپ تىجارەت قىلىش بەركەتلىك ئۈچ ئىشنىڭ بىرى» قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ھەدىسى قۇددىسىدا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن مۇنداق دىيىلىدۇ: «مادامىكى بىر-بىرىگە خىيانەت قىلشمايدىغان، مەن ئىككى شىرىكنىڭ ئۈچىنچىسى بۇلىمەن، قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرى خيانەت قىلىدىكەن، مەن چىقىپ كىتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ».
بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز شركەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ مەبلەغ ئۈستۇنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەقىل بۇلىغىنى ئېچىپ بازار قانۇنىيىتى بويىچە سودا قىلىشنى ۋە ئوبراز تىكلەشنىڭ، زۆرۈرلىكىنى تىخى دىگەندەك تۇنۇپ يىتەلمىگەندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ روھانىيىتىمىزگە تەپرىقىچىلىق ھەسەتخورلۇق سىڭىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، سودا-تىجارەت ئىشلىرىمىزدىمۇ بىرلىك، ئويۇشقاقلىق، ئۆزئارا يۆلەشتىن يىراقمىز. بىرمۇنچە كىشىلىرىمىز سودا ساھەسىدە ئۆزلىرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چىۋەرلىكى بىلەن ئۈزۈپ چىقىپ ياقا يۇرتلاردا كۆزگە كۆرىنىۋاتقان بولسىمۇ، تەشكللىنىپ بىرەر قانۇنلۇق شركەت شەكلىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن سودا رىقابىتىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس» دىگەندەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ، ھەممىدىن يامىنى «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ، سۇيقەستلەرگە ئۇچراپ ھەم جىنىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دىگەن ئاتىلار سۆزىمۇ يۇقىرىقى ھەدىس روھىغا ماس ھالدا ھەممە بىرنىيەتتە بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىش كۆرۈشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىكى: «(ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي، ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بىرىدۇ» دىگەن ئايەتلەردە تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولۇش ئالاھىدە تەكتلىنىشتىن تاشىقىرى ھەدىستە: «ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ تارازا-ئۆلچەمدە ساختىلىق قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغانلىقى» ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ .
ھەدىسلەردە ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ، ھالال يەپ ھالال ياشاشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلىدۇ، ئەھىمىيتى سۆزلىنىدۇ. «ھالال رىزىق ئىزدەش ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپۇر»، «كىمكى ھالال كەسىپ قىلىش يۈزىسىدىن ئاغرىپ قالسا گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ »، «رىزىقنى زىمىننىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدىن تەلەپ قىلىڭلار»، «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە يۆلىنىپ يىگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»، «كىمىكى ھالال يىسە، سۈننەتكە ئەمەل قىلسا، كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ». مانا بۇ ھەدىسلەردە يۇقىرى-تۆۋەن، پاكىز-مەينەت، جاپالىق-يېنىك دېمەي بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھالال-ھارامنى پەرق قىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى شەرەپ بىلىدىغان، تۇتقان ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، مىھنەتسۆيەر، ئەمگەكچان كىشىلەرنىڭ تىپى سۈرەتلەپ بىرىلىدۇ. داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ شۇنچە كاتتا پادىشاھلىقى، سەلتەنىتى بىلەن يەنىلا قول ئەمگىكىدىن يالتايمىغان. ئۆزى ئىشلەپ يېگەن ھالال ناننىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەمگەكچان ئادەم چىداملىق ۋە ساغلام كىلىدۇ، ئەمگەكچانلار قانچە كۆپ بولسا ئىشلەپچىقىرىش يۈكسىلىپ، يۇرتى روناق تاپىدۇ. ھورۇنلۇق، تىلەمچىلىك، تەييارتاپلىق كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، تەمەخورلۇق، تىلەمچىلىك، پىخسىقلىق مۇسۇلمان ئادەمگە ياراشمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلەمچىلىك توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تىلەمچىلىك دەرۋازىسىنى ئاچسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا پېقىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ»، «كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا ھازىر بولىدۇ»، «كىمىكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسىنى تىلىمەسلىككە كىپىللىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جەننىتى بولىشىغا كېپىللىك قىلىمەن». كوچىلاردا دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا 30~40 تىيىن بېرىش بىلەن قارىماي ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىپلەش بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا، جان بېقىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەنسارىيلاردىن بىر ئادەم نەرسە تىلەپ كەلگەن. رۇسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئۆيىدە بىرەر نەرسىسى بار يوقلىقىنى سورىغان. ئەنسارىي ئۆيىدە پەقەت يىرىمىنى ئاستىغا سېلىپ، يېرىمىنى ئۈستىگە يىپىنىدىغان بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى كىمنىڭ سىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بىر تەڭگىگە خېرىدار چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى-ئۈچ قېتىم كىمنىڭ ئېشىپ ئالىدىغانلىقىنى سورىغاندا، بىرەيلەن ئىككى تەڭگە بېرىپ ئۇلارنى سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى ئەنسارىيغا بىرىپ: «بۇ پۇلنىڭ يېرىمىغا ئائىلەڭدىكىلەرگە يېمەكلىك بەرگىن، يېرىمىغا بىر پالتا سېتىۋېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن» دېگەن، ئەنسارىي پالتىنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پالتىغا ساپ ئورنىتىپ بېرىپ: «بۇنىڭ بىلەن جاڭگالدىن ئوتۇن كېسىپ كىلىپ بازاردا ساتقىن، 15 كۈنگىچە ماڭا كۆرۈنمىگىن» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنسارىي ئوتۇنچىلىق قىلىپ ئون تەڭگە تېپىپ ئۇنىڭ بىر قىسىمىغا يىمەكلىك، بىر قىسىمىغا بولسا كىيىم- كېچەك سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ تىلەمچىلىكتىن ياخشى، تىلەمچىلىك قىلساڭ بۇ قىيامەت كۈنى يۈزىگە داغ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
تەن دۇرۇس، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتى بارلارمۇ پۇل يىغىپ پارازىنتلارچە ياشاش مەقسىتىدە دىۋانە قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ «سەدىقە بالانى يەر، تۆۋبە گۇناھنى» دەپ تىلەيدۇ. تىلەمچىلىك قىلىش پەس تەبىئەتلىكلەرنىڭ ئىشى بولۇپ، تۆۋەن بولسىمۇ، بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ جان يېقىش ئەلۋەتتە شەرەپلىكتۇر. كىشىلىك جەمئىيەتتە ئائىلە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ھۈجەيرە. ئائىلە تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەك. ھەر ئادەم ئائىلىگە نىسبەتەن ئەقىدىلىك، تەربىيىلىك، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، جىددى پوزىتسىيىدە بولىشى لازىم. ھەدىستە خۇددى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈستىدە مەسئۇل بولغاندەك قىيامەتتە ئەر- ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىدە سوئال- سوراق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنىغان. بالىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاتا- ئانىسىدا ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان. ھەدستە: «ئادەم بالىسى ‹ھەر نۇقسان ئىللەتلەردىن خالى ھالدا› ساپ ھالەت بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا خىرىستىيان، يا يەھۇدى، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ، قۇلىقى كىسىك تۇغۇلغان بىرەر ھايۋاننى كۆرگىنىڭ يوقتۇر!» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە دېگەن چوڭقۇر! ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا توغرا ئەقىدە ئاساسىدا ئىتىقادلىق، سەمىمىي، تىرىشچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش لازىم. قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانچىلىك ئەخلاق تەربىيىسى بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا تەلقىن قىلىنىۋاتقان، سىڭدۈرىلىۋاتقان تەربىيىنى سەگەكلىك بىلەن قانچىلىك كۈزىتىۋاتىمىز. مۇقەررەركى، پەرزەنتلەرگە ئەجداتلارنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ئەخلاق-ھايالىق قىلىپ تەربىيىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. تەربىيىسىزلىكىتىن تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەنلەر ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇۋالى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغىمۇ ياكى پەرزەنتكىمۇ؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلەردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۆزى كۆرسىتىش لازىم. ئاتا-ئانسنىڭ ئەقىدىسى گەپ سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئالاقە-مۇناسۋەتلىرى بالىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاتا- ئانا قانداق بولسا پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى چۇشەندۇرۇشتە «ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق» دىگەن ماقال ناھايىتى جايىدا ئىيتىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئائىلە تەربىيەسىنى يادرۇلۇق ئورۇنغا قويۇشمىزنىڭ زۆرۇلىكىنى تەقەززا قىلماقتا. لىكىن ئۆزىنىڭ بىردەك راھىتى ئۈچۈن ئائىلىنى بۇزۇپ باغرىنى يېرىپ چىققان باللىرىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانى بۇرچى نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۇشى ئاساسىدا تىخمۇ مۇكەممەللىشدۇ. ئىجتىىمائىيەتتە ئەڭ كىچىك ھۇجەيرە بولغان ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىناقلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتى، ئۆرىنى ئەمەس قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئائىلە مۇھەببىتىنى پەرۋىش قىلىشى، ئىككىلا تەرەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۇشى بىلەن ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ، ئەر-خۇتۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يالغۇز ھېسىسىيات بىرلىكى كۇپايە قىلمايدۇ، ئىتىىقاد بىرلىكى، مەسىلەك بىرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم، تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى ساپالىق بولىدۇ. ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلش، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ئىتىبار بىرىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسىسالام: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر»، «ئاراڭلاردا ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن» دىگەن. ئەر-ئايال جىدەللىشىپ ئۆتكەن تۇرمۇشتا ئائىلىۋى بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئائىلىدە نە ياخشى پەرزەنت، نە ياخشى ئائىلە مۇھىتى يىتلىدۇرۇش بەك مۇشكۈل. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام ئاياللارھەققىدە ئىيتقان: «دۇنيا پايدىلىنىدىغان جايدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر»، «ئى ئاللاھ، شۇبىھىسىزكى مەن يىتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناھكار ھىسابلايمەن» (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ھەق مەنىۋى ھەقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھىكمەتلىك سۆزلىرىمۇ بار. ئاللاھ تائالا «سۈرە نىسا»دا: «… ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋىر قىلىڭلار) چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دىگەن. ئەپسۇس، ئايالىنى كەمستىدىغا يولسىزلىقلارنى، زورلۇق- زۇمبۇلۇقلارنى، قىلدىن قىڭغىر كەتسە ئايالىنى «گەپ ياندۇردۇڭ» دەپ تىل ئاھانەتكە كۆمۇشلىرىنى، كىشىلەر ئالدىدا سەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەرلىكىنى» نامايەن قىلشلىرىنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاغزىدىن گەپ چىقىرىۋېتىپ، پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ-يۇرت كىزىشلىرىنى، ئىشىكمۇ-ئىشك دوقورۇپ يۈرۈشلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرگىنىمىزدە، ھەدىس روھىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلىمىز.
ئىمانلىق، ئىنسابلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا قولىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىتىقادلىق، ھايالىق، تىرىشچان، ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئىجتىمائى رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقان مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ رىئال ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە، ئىبادەتلىرىگە،ئەھلى ئىسلامنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا دىن نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت، خۇداپاتلارنى كۆرىمىز، كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ شەرىئەتكە تاڭغان بۇ بىدئەتلەر ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنڭلارنى پۈتۇن قىلدىم، سلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) دەۋاتسا ئۇلار قانداقتۇر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە يىتەرسىز بوشلۇقلار بولۇپ، ئۇنى تولدۇماقچى بولغانمىدۇ؟ «كىمكى بىرەر بىدئەت ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇ بىدئەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كىمەيتىلمەستىن پەيدا قىلغۇچىغا ئوخشاش گۇناھ يۈكلىنىدۇ» (ھەدىس). ئۇلارنىڭ بىدئەتچىلىك يولىدىن: «ھىدايەتنىڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالامنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۈمراھلىقتۇر» دىگەن سۆزىمۇ توسۇپ قالالمىغان. «كىكمى ئىسلامدا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قۇبۇل قىلىنمايدۇ» دىگەن ھەدىسنىڭ روھى بۇيىچە چوڭ-كىچىك بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇللاھنىڭ سۈنىنىتى بويىچە ئىش قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بىر ئادەم چۇشكۈرۇپ: «الچمد للھ والپلاە والسلام ىلۈ رسول اللھ» دىگەندە ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا: «رەسۇلۇللاھ بىزگە چۈشكۈرگىنىمىزدە سەن ئېيتقاندەك تەلىم بەرگىنى يوق. بىرگە چۈشكۈرگەندە پەقەت ‹الچمد للھ› (ھەمدۇ-سانا ئاللاھقىلا خاس) دېيىشىمىزنى تەلىم بەرگەن» دىگەن. دېمەك، ئابدۇللاھ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىدئەتنى كۆرۇپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «كىشىلەر بىرەر بىدئەتنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرەر سۈننەتنى يوقاتقان بولىدۇ» دىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىدئەت ئىشلارغا يولىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر نۇتىقىدا: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىمەن. بىدئەتتىن يىراقمەن» دىگەن. ئبن مەسئۇد، ئىبن ئابباس، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابىلەرمۇ سۈننەت بويىچە ئىش قىلىشنى، بىدئەت پەيدا قلىماسلىقنى، بىدئەتكە ئەگەشمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغانلىقتىن، مەيلى ئەقىدە، مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئادەت جەھەتلەردە بولمىسۇن نۇرغۇن بىدئەتلەر مەيدانغا كىلىپ، تارىلىشقا باشلىغان. ئالايلۇق پالچىلىق، رامچىلىق، قۇرچىلىقلار خېلى باش كۆتىرىپ قالغان. «قۇرئان كەرىم»دە، ھەدىسلەردە غەيبنى بىلىش ئاللاھقىلا خاس بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىىدىكى بايانلار كۆپ. «كىمىكى بىر كاھىنىغا (يەنى رەمچىگە) كىلىپ، ئۇنىڭ ئيتىقانلىرىغا ئىشەنسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھسىسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ» (ھەدىس). «كىمىكى بىر پالچىنىڭ ئالىدىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ئۇستىدە سوراپ (ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسە) ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» (ھەدىس). بىر قىسم ئالدامچىلارنىڭ پال سلىش، رام بىقىش ئارقىلىق غەيىبتىن خەۋەر بىرىمەن دەپ جۆيلۇشلىرى قىپقىزىل ئالدامچىلىقتۇر. ھەدىس روھى بويىچە ئىيتىقاندا بەزىلەرنىڭ پالچىلارنىڭ ئالىدىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان يامان قىلىقتۇر. كىسەل داۋالاش مەقسىتىدە باخشىلارغا پىر ئوينىتىش، داخانلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ چۈشىنىكىسىز بىمەنە نەرسلەرنى ئوقۇتۇپ رەم سالدۇرۇش، ئەپسۇن ئوقۇتۇش، رەدنامە ئوقۇتۇش؟ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردۇر. شۇنداقلا كۆز تىگىش، بالا-قازالاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە تۇمار، كۆزمۇنچاق، ھەرخىل مارجان، تاش، بۆرە ھوشۇقى، بۈركۈت تىزىقى… قاتارلىقلارنى ئېسىۋېلىشمۇ «كىمكى (پايدا ئېلىپ كىلىدۇ ياكى زىيان-زەخمەتنى دەفئى قىلىدۇ، دەيدىغان ئىتىقاد بىلەن تۇمارغا ئوخشاش) بىرەر نەرسە ئېسىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھتىن شۇ نەرسىگە بۇرۇلۇپ كىتىدۇ» بويىچە گۈناھلىق ئىشلاردۇر. سەلەف ئالىملاردىن بەزىلەر «ئايەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ نامى زىكرى يىزىلغان تۇمارلار بۇنىڭىدىن مۇستەسىنا بولۇپ بۇنىڭ كارايىنى يوق» دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە رسۇلۇللاھتىن ئوقۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سالسا دۇرۇس بولىدۇ.
مۇسۇلمان بەندە مۇمكىن قەدەر قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىشى، ھەرقانداق ئىشقا قەسەم ئىچىۋەرمەسلىگى كېرەك. قەسەم ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن قەسەم ئىچىش كېرەك. ھەدىستە: «كىمىكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ، مازارى-ماشايىخلارنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ قەسەم قىلىشقا، نان ھەققى، تۇز ھەققى، نان ئۇرسۇن، تۇز كور قىلسۇن ۋەھاكازا دەپ قەسەم قىلشىقا بولمايدۇ.
شۇم پال ئالماسلىق توغرسىدىكى ھەدسلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇم پال ئالمايتتى» دېيىلىدۇ. ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشى، سول قاپاقنىڭ تارتىشى شۇملۇقنى چىللايدۇ…، ئايىغى ياراشمىدى، ئارا ئايدا توي قىلسا بولمايدۇ، پوكۇنى ئىشنى پوكۇنى ۋاقتىدا قىلسا بولمايدۇ قاتارلىق قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىسز، خۇراپىي قاراشلاردۇر. كىشىنىڭ تەقدىرىنى يۇلتۇزلارغا باغلاش، جادۇ-سىھىر قىلىش، ئىسىستقۇ، سوۋۇتقۇ، ئىسرىق سېلىش، نوكچا قاداش، كۆچ-كۆچ قىلىش، ئاشلاش، ئوت كۆچۈرۈش، مىيىت بولغان ئۆيدە 40 كۈنگىچە چىراق ئۆچۈرمەسلىكلەر بىدئەت، خۇراپاتلىقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ قاراپ مىيىتنىڭ ئۈچ نەزىرىنى، يەتتە نەزىرىنى، 40 نەزىرىنى، يىل نەزىرىنى ئۆتكۈزۇشنى، مۇسبەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىق تۇتۇش، بەلگە ئاق باغلاش، ئاق سېلىشلارنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى دېيىشكە بولمايدۇ. مىيىت ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاش، نوغۇچقا تايىنىپ ھازا قوشاقلىرىنى قۇشۇپ يىغلاش، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇش (پەقەت ئېرى قازا قىلغان ئايال كىشىلا ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتۇشى كېرەك) دۇرۇس بولمايدۇ.
ھەدىسلەردە قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش، قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش، قەبرە ئۇستىدە ئولتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىش قاتارلىق ئىشلار مەنئىي قىلىنغان، ھەنەفى، شافىئى، مالىكى، ھەنىبەلى مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قەبرە ياساشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى بىردەك تەكىتىلىنىدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەللاھنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ «ئاسار» ناملىق كىتابىدا: «قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قەبرە قاتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىشلارنى يامان كۆرىمىز» دىگەن. ئبن ئابىدىن «دۇررولموختار» كىتابىنىڭ شەرھىسىدە «قەبرە ياساشنى دۇرۇس دەيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. مىيتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قەبرە ئۇستىگە زېمىندىن بىرغىرىچچە ئىگىز توپا دۆۋىلەپ قويۇش مانا بۇ سۇننەتتۇر. بۇ دۇنيا بىلەن خۇشلىشىپ قاراڭغۇ گوردا ياتقانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئەسلەيدىغان جايى ئىبرەت بولغان قەبرىستانلىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان،ياسىداق قەبرىلەر ئەقىدە نامراتلىقىنىڭ ئىزناسى، سۈننەتتىن يىراقلاپ بىدئەتكە بىرىلىپ كەتكەتلىكىمىزنىڭ شاھىدى سۇپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا چوقچۇيۇپ تۇرماقتا.
باشقىلىرى ئاز كەلگەندەك بىھۇدە ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىقلىرىمىزنى قەبرىستانلىققا كۆچۈرۇپ بېرىپ دەي-دەيگە سلىۋاتىمىز، مىسىرلىق ئالىم باقۇرى: «ئىسلام دىنى تىرىكلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن تۇرسا، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ قاراپ تۇرسۇن» دېگەن. ئىسراپچىلىق ھارام تۇرسا نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ مىيىت ئۇچۈن قىلچە پايدىسى يوق بىدئەت ئىش –– قەبرە ياساشقا بۇنچە ئەھمىيەت بەرگەندىن كۆرە، شۇ پۇلنى مىيىت روھىغا ئاتاپ سەدىقە، خەير-ئىھسان ئىشلىرىغا ئىشلەتسەك، مىيىت ئۈچۈن ساۋابى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
ئەھلى ئىسلامنىڭ قەلبى ھەدىس روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سۈننەت مىزانى بىلەن ئۆلچىنىپ، قىلپلاشتۇرۇلغاندا، بىدئەتلەرگە بەرھەم بىرىلىپ، سۈننەتنىڭ راۋاجىغا يولى ئېچىلغان بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك كىتابخان:
يۇقىرىدا پىقىر ھەدىس گۈلشىنىنى سەير قىلىپ، مۇئەتتەر غۇنچىلارنى ئۈزۈشكە تەمشەلدىمكى سىزلەرگە سۇنغىنىم پەقەت بىرغۇنچە. ھەدىس مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىگىدە مىسال دېڭىزدۇركى پەقەت شۇ دېڭىزدىكى بىر تامچە. ھەدىس ھىكمەتلىرىگە چوڭقۇراق چۆكمەكچى بولسىڭىز، «ياخشلار باغچىسى»نى مۇتالىئە قىلىپ كۆرۇڭ.

سىزگە تەۋپىق ھىدايەت يار بولغاي!

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى

ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس، ئاللاھنى مەدھىيلەيمىز. ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز. ئاللاھقا توۋا قىلىمىز. ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن.
ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. ئى خالايىق، تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر- بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
قولىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى مۇتتەلىبنىڭ جازانىخورلۇقىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئبىنى، ئابىزەمزەمنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر كىشىنى تاياق ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن قەستەنلىك ھېسابلىنىپ، قىساسىغا يۈز تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى.
ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا خۇدا بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ.
ئى خالايىق! نەس دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىل ھارام قىلىشىدۇ، ئاللاھ ئاسمان- زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدە ئاسمان- زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى- زۇلقەئىدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر- بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جامادىيەلئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرىي ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كىيىم- كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىۋالدىڭلار. ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر- بىرىگە قېرىنداش، قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر- بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر، سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى* بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرىي ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.
ئى خالايىق! ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نېسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسىنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ بالا ئەرنىڭ بولىدۇ، زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خوجىسىدىن باشقا بىرىنى خوجا دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.
_____________________________________________________________
مۇتتەقى*: ئاللاھتىن ھېيىققۇچى، تەقۋادار.

(«دۇنيادىكى مەشھۇر مۇتەپەككۇرلارنىڭ نوتۇقلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.)