ئايەم تۇيغۇلىرى

گۈلۈم، مانا بىزنىڭ بايرىمىمىز. زېمىن ئاللاھنىڭ رەھمەت چاچقۇسى بىلەن لىق تولىدىغان دەقىقىلەر، دىللار شاتلىققا پۈركىنىدىغان مىنۇتلار.

مۇبارەك رامىزاندىن پاكلىق نۇرلىرىنى سۈمۈرگەن شەۋۋال ئېيى بىزگە مەخپىي تىلەك تىلەۋاتىدۇ؛ «كۈلگىن، ئەي پاك يۈرەك ساھىبلىرى» دەپ پىچىرلاۋاتىدۇ. سېغىنىشقا لىق تولغان قەلبىم قەلبىڭگە شىۋىرلاۋاتىدۇ: مۇھەببەت- مۆجىزىدۇر. سۆيگۈ مۆجىزىسىگە تولغان يۈرەك خۇنۇكلۈك، پەسلىك بىلەن سىغىشالمايدۇ…

ۋىسال دەملىرى يېتىپ كەلگۈچە كۆزلىرىم كۆزلىرىڭگە، لەۋلىرىم لەۋلىرىڭگە، ۋۇجۇدۇم ۋۇجۇدۇڭغا ھېچنېمە بېرەلمەس.ئەمما، سۆيگۈنىڭ تىلسىماتتەك چىنلىقىدا ھىجران ھوقۇشلىرىنىڭ ھۇۋلىشى ھېچنىمە ئەمەس.

كۈت، گۈلۈم، كۈت. مۇنداقلا ئويلىساڭ كۈتۈشلەر تولىمۇ ئۇزۇن، كۈن ساناپ، ئاي ساناپ، ھىجرانلىق تۈنلەرنى ئۇزىتىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بىراق،ھەقنىڭ ئۆلچىمىدىكى ياخشىلار جۈملىسىدىن بولماق ئۈچۈن، قەلىبنى قېتى-قېتىدىن پاكلىماق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى ئويلىساڭ، كۈنلەر ئوقتەك ئۆتىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھىجران پەيتى پۈتىدۇ…

دىلىمىزغا مۇھەببەت ئوتىنى سالغان پەرۋەردىگار ئۇنى خىرەلىكتىن، گۇمراھلىقتىن ساقلىغاي.

تىلەكلىرىم

بۈيۈك پەرۋەردىگار، ئازغۇنلۇقنىڭ رەستىلىرىدە قەلبىمنى بىھۇدىلىكنىڭ مۇھەببىتىگە لىق تولدۇرغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ئالاق-جالاق كۆزلىرىمدە ئادەملەردىن ئەيمىنىپ، قەلبىمنىمۇ روشەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭدىن ئەيمەنمەي بىھايالىققا ئەسىر بولغىنىمنى ھەم كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ماختىلىش تەمەسىدە تىلىمدىن ياغدۇرىۋاتقان غەيۋەت – سۇخەنلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرىسەن؛ سېنى كۆرۈشتىن ئاجىز كۆزلىرىمنىڭ خائىنلىقلىرىنى ھەم كۆرۈپ تۇرىسەن؛ شۇنداق، قۇدرەت- كامالىڭ بىلەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىسەنۇ، ھەلىم-رەھىملىكىڭ بىلەن جازايىمنى كېچىكتۈرىسەن، تەۋبەمگە پۈرسەت بېرىسەن. رەھمەت- ئىنايىتىڭ بىرلە ھىدايىتىڭنىڭ نۇرى قاراڭغۇ قەلبىمنى يورۇتقىنىدا روھىمنىڭ ئەۋرەزگە چۈشكەندەك پاسكىنا، يىرگىنچلىك تۇرقى كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. ئۆكۈنىمەن. ئاقىۋىتىمنى ئويلاپ مونچاق بوپ تۆكۈلىمەن… ئاي ئۆتىدۇ، نەپسىم قۇللىقىغا چۈشۈپ روھىمنى يەنە ئەۋرەزگە تۈگۈرىمەن…

مېنى تاشلىۋەتمە، ئاللاھىم. ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرگە ئۇلىشىپ، ئادەملىكىمنى تېزرەك تېپىۋالاي. ئىسراپىل سۈر چالغۇچە كامالەتكە يېتىۋالاي…

نەپىس ۋە قانائەت

نەپىسكە بويسۇنۇش ئىنساننى ھايۋانغا ئايلاندۇرىدۇ. نەپىسنى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچنىمە قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. چاكىنىلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپىسنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاپىرىدە بولىدۇ. بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، تەكەببۇرلۇق، ھورۇنلۇق، ھارامخورلۇق… دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يىلتىزى نەپسىمىزگە چېتىلغاندۇر. ئۇلۇغلار ئېيىتقىنىدەك: «كىمكى ئۆز نەپسىگە زالىم بولسا، ئالىم بولىدۇ». ئاللاھ ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىپ كۆڭۈل باغچىسىدىن پەزىلەت گۈللىرىنىڭ زىيانداشلىرىنى يوقاتقۇچىلارغا بۈيۈك ھىممەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزگىلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرى ئەسلىدە نەپسىگە قۇلچىلىق قىلماي روھىنى خەستىلىكلەردىن پاك تۇتقۇچىلارغا خاستۇر. شۇ ۋەجىدىن ھالال ئوزۇق پەزىلەت ئەھلىلىرىنىڭ روھىنى ۋە جىسمىنى ئاسانلا قانائەت مەنزىلىگە باشلايدۇ، ئۇلارنى قۇللۇقتىن ساقلايدۇ.

ياخشى ئەمەل ھەققىدە

يەر ئايلانماقتا. قوياشنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پېتىشى ئىزلەنگۈچىلەر قەلبىگە ھاياجان، غاپىللار قەلبىگە پۇشايمان كەشتىلىمەكتە.

زېمىن تولىمۇ تار. ھەقىقىي ئىنسانچە غەيرىتىڭ بولسا جىمى زېمىن ئەھلىدىن ئۈستۈن بولالايسەن.غەيرىتى بولمىغىنىدا، ئېينىشتىيىننى بۈگۈن كىممۇ بىلەتتى؟ ئادىلنى قانچىلىك ئۇيغۇر تونۇيىتتى؟

زېمىن تولىمۇ كەڭ.ھاياتلىق يولىنىڭ ئاچاللىرىدا توپقا ئەگەشكەن مالدەك ئىش كۆرگەن بىساناق رەھمەتلىكلەر ھازىر كىمنىڭ ئېسىدە؟ دۇنيانىڭ ناز- كەرەشمىلىرىگە ئەسىر بولۇپ ئادەملىكىنى يوقاتقان تۇرۇقلۇق «بۇ ئىنسان ماھىيىتى» دەپ پەدەزلەپ، ئۆز ئاجىزلىقىنى ئارتۇقچىلىق كۆرسەتمەك بولۇشقان بىچارىلەرنىڭ ئادەملىككە يەتكىنى نەدە؟

ھايات- تاللاشلار جەريانى.سېنىڭ نېمىنى تاللىشىڭ، نېمىدىن ۋاز كېچىشىڭ سېنى بەخىت يە بەخىتسىزلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئاداققى لاتارىيە. كېيىنكى پۇشايماندىن ساقلانماق ئۈچۈن قەدەملىرىڭنى ئويلىنىپ باسقايسەن.

پۇشايمان – ئاللاھنىڭ ئۇ ئاتا قىلغان ئەقىلنى جايىدا ئىشلەتمىگۈچىلەرگە بېرىدىغان جازاسى- خالاس.كۆپ ھاللاردا قەلىبتە دۇنيانىڭ زىيادە مۇھەببىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى پۇشايمانغا پىلتە بولۇپ قالىدۇ.ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن پۇشايمان ئۈمىد چىرىقىنى ئۆچۈرىدۇ، ئىشەنچنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۈمىدسىز كىشىدەغەيرەت بولمايدۇ. غەيرەتسىزلىك ئەقىلنىڭ نەپىسكە قۇل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەپىسكە قۇل بولغۇچىنىڭ تەقدىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ.

قەلبىڭدە شەيتان ۋەسۋەسىسى غەليان كۆتۈرگىنىدە تاغلار پارچە- پارچە بولۇپ كېتىدىغان قىيامەتنى ئەسلىگەيسەن. ئىسراپىلنىڭ سۈرى چېلىنغان ئەشۇ كۈندە بىزگە مال- دۇنيا، دوست، پەرزەنت ھېچنىمە ئەسقاتمايدۇ. ئۇ كۈندە ئەسقاتىدىغىنى پەقەت ياخشى ئەمەل!

ئادىمىيلىك يولى

ھەقتىن يىراقلىشىش بەدىلىگە بەندە بىلەن دوستلاشماقتىن نە پايدا؟ يىراقلاش، شەھۋەت بەندىلىرىدىن، تەرك ئەت، تۈتۈنگە ئوخشاش پايدىسىز دوستلۇقنى. تەنھالىقتا، جىمجىتلىقتا روھىڭ بىلەن سىرداش. ئاللاھنى ياد ئەت. دۇنيانىڭ غەپلەت ، ئويۇن – تاماشاسىغا ئالدانما. تەپەككۈر سەيناسىدا ھەقىقەت يۇلتۇزىنى كۈزەت. ئادەملىكىڭنى تاپ- دە، خاتىرجەملىككە ئېرىش.

روھ سەپىرىدىن تەرگەن جاۋاھىرلىرىڭنى تەن ئوغرىسىغا تۇتۇپ بەرمە. كۆزۈڭنى پەسلىكلەردىن يۇم، قۇلىقىڭنى ناكەسلىكلەردىن يۇپۇر. تىلىڭنى بىمەنىلىكلەردىن تارت. دىلىڭنى ئاللاھ زىكرىگە ئۇلا.ھەقىقىي دىل ئارامىنىڭ نېمىلىكىنى شۇ ھامان سېزىسەن.

تۆت تەڭگە دەپ، پۇرچاقچىلىك مەنسەپنى دەپ، ياخشىلىق دەپتىرىڭنى قارا داغلار بىلەن بۇلغىما.ھەر كۈن ، ھەر دەقىق ئادىمىيلىك يولىدا ئىلگىرىلە، ھەرگىز چېكىنمە. ئۆزۈڭنى بۇ زاماننىڭ كۆپ ساندىكى ھايۋانسىمان ئادەملىرىگە ئەمەس، ئۆتكەن زامان ئەھلىدىن پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرگە سېلىشتۇر.ئاللاھ مەمنۇن بولغۇدەك ئادەم بول…