«پىدائىلار» مارشى

خۇرسىنىپ يۈرمەيلى، ئويناپ كۈلەيلى،
باشقا نە كەلسە گەر بىللە كۆرەيلى.
ئۇھسىنىش نە ھاجەت باھاردا دوستلار،
قىشتىنمۇ قۇتۇلدۇق كۆپ شۈكرى دەيلى.

دەرت كەلسە باشقا گەر شاتلىق بىلەيلى،
ئازابنى يوشۇرۇپ خەققە دېمەيلى.
ئوندىن پەس بولساق بىز ئوندىن ئېگىزغۇ،
ئارقىدا قالدىم دەپ غەممۇ يېمەيلى.

كىيىمنى پەرەڭدەك مودا كىيەيلى،
ئەجدادىم ئۇلۇغ دەپ مەغرۇر يۈرەيلى.
رېستوران – كۇلۇبلار بىز ئۈچۈن ئوچۇق،
بىردەملىك بولسىمۇ دەۋران سۈرەيلى.

ئوينايلى، شاتلىققا، قۇتقا چۈمەيلى،
قايغۇنى يۈرەككە چوڭقۇر كۆمەيلى.
ئارماننى ئۇزىتىپ يىراق – يىراققا،
ئۆلسەكمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆلەيلى.

شەھەرنىڭ سىرى

شەھەر دېگەن ئازابلىق ماكان،
ئىس – تۈتۈن، چاڭ – توزان،
رېستوران…
كىچىك چوڭغا قىلمايدۇ سالام.
رەنجىپ يۈرمە ئۇلار ئالدىراش.
ئۆي چېيى، توي چېيى ئالدىراتماقتا،
قىزىلچاچ، سېرىق چاچ، قارا كۆزلەرنى.
ھەممىدە يېڭى ھېس، يېڭى كۆز قاراش،
ۋاقىت يوق، بەك ئېغىر
بالىغا قاراش.
خىزمەت بەك مەززىسىز،
كۆڭۈللۈك پەقەت،
ھەر ئاينىڭ بېشىدا
مائاشنى ساناش.
لېكىن،
باشلىنار نەچچە كۈن ئۆتسە غودۇراش:
«قانداق گەپ، تۆت چايدىن
ئاشمىسا مائاش؟!»

سۈبھى

مەڭگۈلۈك دەقىقە، مەڭگۈلۈك ئازاب،
يەنە كىردىڭ چۈشۈمگە قىزچاق.
ئوغۇرلۇقچە تەلمۈرۈش بىلەن
كۆمىۋەتتىم سېنى قەلبىمگە.
بىلمەيسەن بەلكىم،
سېغىنىشىمنىڭ
سۆيگۈمدەكلا چوڭقۇرلۇقىنى.
قەشقەردىمۇ ياغدىمىكىن قار،
چاچلىرىڭنى سىلكىمە ئەسلا.
ئۇنتۇمىغىن ئارمانلىرىم بار،
ئاڭا قونغان قارنىڭ بەرگىدە.

ھېيىتگاھتا ياڭرىسا ئەزان،
ئويغىنىدۇ قەشقەردە ئارمان.

رامىزان

سىر دەرياسى، ياپراق ۋادىسى،
يۈرەكلەردە كۆكلەيدۇ يۇلغۇن.
تىلسىماتتەك شاتلىق ئالىمى،
بېرەلمەيدۇ ساڭا تەسەللى.
ئارىيەتكە ئالغان ۋۇجۇدتىن،
تارقالماقتا مۇڭلۇق ھارارەت.
رامىزانغا تۇتاشتى ئالەم،
ئۇچۇپ كەتتى مەغرىبكە ئاتەش.
رەڭلىك سۈبھى، ئىللىق ئېتىكاپ،
ھاياجاندا تىترەيدۇ ئەتراپ.
مەن ئەمەسمەن شەيتاننىڭ قۇلى.
قىرائەتكە ئايلاندى نەپەس،
يىغلىۋالدى زاھىت بىر قەپەس.
تىلسىماتتەك قىشنىڭ يىلتىزى،
نۇر رەڭگىدە ۋىجدان ئەندىزى.
بىر تېمىم سۇ، ئىنسان، مۆجىزە،
خىرە، روشەن تەڭرىنىڭ ئىزى.
ئايلانماقتا ئالەم، ئاي، قۇياش،
ئايلانماقتا ئىللىق رامىزان،
قۇياش بولۇپ چاقنايدۇ مەخپى،
پەرىشتىگە ئايلانغان ئىنسان.

توۋا دېگۈلۈك، قېرىنداش

توۋا دېگۈلۈك قېرىنداش، توۋا دېگۈلۈك. ئۇلۇغ سۆزلەش بەندىگە ياراشمايدۇ. قەلبىڭ قەسەۋەتلەشكەندە ئۆزۈڭ لەنەت ئوقۇغانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەم سادىر قىلىدىغىنىڭنى بىل. گۇناھلىق قىلمىشلارنى كۆرگىنىڭدە ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭنى ئەشۇنداق گۇناھكار قىلمىغىنىغا شۈكۈر قىل، ئۇلارغا ھىدايەت تىلە. سەن ئەتراپىڭدىكى گۇناھكارلار بىلەن قىلمىشلىرىڭ جازاسىنى تارتماستىن جازا قەرزىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ يۈرگەنلەردىنسەن. ھېلى تەقدىرنىڭ تاشبورىنىدا قېلىپ ئۆلسەڭ، گۇناھكارلىقىڭدىن خەۋەردارلار ساڭا ئېچىنمىسىمۇ بولىدىغىنىنى ئوپئوچۇق بىلىشىدۇ. لېكىن، ئۇنداقلار ھەقىچان ساڭا ناتونۇش. قەلبىڭدىكى ئىپلاسلىقلاردىن بىخەۋەرلەر ئەتراپىڭدا ئەگىپ سېنى ماختاپ يۈرۈشىدۇ. قەسىدىلەر ئەۋجىدە قەلبىڭ ئۆلۈمگە تېخىمۇ يېقىنلايدۇ. لېكىن ئۆلۈك قەلبنىڭ ساھىبى ئىكەنلىكىڭنى قاچان سېزىسەن؟ توۋا دېگۈلۈك قېرىنداش، توۋا دېگۈلۈك. سەن ماختالغۇچى ئەمەس،زامان مەئىشەتلىرىگە ئالدانغۇچىسەن. ئويلىمايسەنكى، قاچان مەغپىرەتكە ئېرىشىسەن؟!