by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
تەن تۇپراقتىن، روھ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگىنى ۋەجىدىن تەندە تۇپراققا قوشۇلماق خاھىشى، روھتا ئاللاھقا يەتمەك ئىستىشى بولۇشى ھەقىقەتتۇر. روھ ئۆز ئالىيجانابلىقىنى، بۈيۈكلىكىنى، پاكلىقىنى ساقلىغان پېتى ئاللاھ دەرگاھىغا قايتماقنى ئىستىگەن دەملەردە تەننىڭ بىھۇدىلىكلەرگە بېرىلمىكى روھ ئازابىنى كۈچەيتىدۇ. روھ ۋە تەننىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلالمىغان كىشى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئولجىسىدۇر.
روھنى تونۇمىغۇچىنىڭ ھاياتى جىسمىي لەززەت ئىستەش بىلەنلا نەتىجىلىنىدۇ. ئۇنداقلار قىسمەن جىسمىي لەززەتلەر لەرزىدە شەكىللەنگەن مەۋھۇم روھىي قانائەت ئىلكىدە بىر تالاي ئەرزىمەسلىكلەرنى ھاياتىنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتىدۇ. ئېتىقاد ئىگىلىرى روھىي لەززەتنىڭ پايانسىزلىقىدا سۈكۈتكە چۈمگەن پەيتلەردە ئازغۇنلار جىسمىي لەززەتنىڭ تەقەززاسىدا ئاھ ئۇرۇشىدۇ… ھايات شۇ يوسۇندا داۋام ئېتىدۇ.
جىمى گۈزەللىكنى، جىمى كامالەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۆز سۈپەتلىرىگە بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن ياراتقان. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان ئەشۇ گۈزەللىك ھەم كامالەتتىن بىر قەترىنى يەنە بىر ئىنساندىن ئۇچراتسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ئويغىنىدۇ. لېكىن، ئىنسان ئاتا قىلغان ۋىسال ئىنساننىڭ بىقۇۋۇللىقى ۋەجىدىن قەلىبتە ھەقىقىي قانائەتنى ئويغىتالمايدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەسلىلا كىشى قەلبىنى يۈكسەك قانائەتكە چۈمدۈرەلەيدۇ.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
سۈرە «شەمس» تە مۇنداق ئايەتلەر بار: «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى- يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7-8)، روھىنى پاك تۇتقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9). نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ(10)»
بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، روھنى ئاللاھ چىرايلىق قىلىپ ياراتقىنى ھەم ئۇنىڭغا ياخشىلىق – يامانلىقنى بىلدۈرگىنى ۋەجىدىن روھنىڭ خالايدىغىنى گۈزەللىك، ياخشىلىق. شۇڭا، شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بىز ئاپىرىدە قىلغان خۇنۈكلۈك، يامانلىقلار روھىمىزغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.بىزنى نائۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭدىن شەكلەنمەيلىكى، ئەمەللىرىمىز گۈزەللىك، ياخشىلىق ئاپىرىدە قىلىش بولىدىكەن روھىمىز راھەتكە چۈمىدۇ. مۇرادىمىز ھاسىل بولىدۇ.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
ئەقىل بىلەن ھېسىيات زىتلىشىدىغان مەنزىللەردىن ھالاۋەت ئىستىمە. ئۆزۈڭنى ئالداش بەدىلىگە بەخىتكە ئېرىشەلمەيسەن. ئاسىيلىقنىڭ راھىتى تولىمۇ قىسقا، ئازابى مەڭگۈلۈك. ئەي، گۇمراھلىقىغا پەتىۋا ئىزلەۋاتقان يېقىنىم، ئەقلىڭنى گۇناھىڭنى ئارتتۇرۇشقا مالال قىلما. بەس، ئېتىراپ قىل، سەن ئازدىڭ. گۇناھلىرىڭ ئالدىدا ئۆزرىسىزسەن. ئەمدى تەۋبىدىن ئۆزگىسى ئارتۇقچە. ئېزىشلار مەۋجىدە تۇنجۇققان قەلبىڭنى ئىستىغپارلىرىڭ بىلەن نەپەسلەندۈرۈپ كۆر. ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭغا قايتا جان ئاتا قىلىدۇ. يېلىن، يېقىنىم، رەببىڭگە يېلىن. ئىنساندا بىرلا قەلب بار، ئۇنىڭغا بىرلا رەب ئورۇنلاشسا ئىنسان پەرىشتىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. شەيتان ئورۇنلاشسا ئىنسان ھايۋاندىن بەتتەر ئورۇنغا چۈشىدۇ. بىر قەلبكە بىرلا ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھەم شەيتاننىڭ مۇھەببىتى سىغمايدۇ. ھەقتىن يىراقلاشقانكەنسەن، باتىلغا دوستسەن. بۇ تۇرقتا سەزگۈلىرىڭنى قانچىلىك ئالدىما، كۆزلىرىڭنى قانچىلىك زور ئۈمىد بىلەن يۇمما، سەن ئىستەۋاتقان شېرىنلىكنىڭ سەندىن بەزگىنى بەزگەن. ئاتاڭ ئادەمنىڭ بىر مەھەل سۈرگەن جەننەت مەئىشىتىنىڭ خۇمارى قانلىرىڭدا ئۆركەشلىگەن پەيتتە پانىيدىن ئۇنى ئىستىشىڭ ئوپئوچۇق نادانلىق.
بەس قىل، چىن ئىمان ئەمەللىرىڭدە ئۆزىنى نامايىش ئەتكىنىدە، دىلىڭدىن كىبىر، رىيا ئۇزاپ كەتكىنىدە، رەببىڭ ئۈستۈڭگە مەرھەمەت نۇرلىرىنى سەپكىنىدە باقىيدا ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىن شەكلەنمە. ئاللاھ ھىدايىتىڭنى زىيادە قىلسۇن(ئامىن).
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
«بىر كۈن ياشىساڭ ئاللاھ دەرگاھىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىسەن» دېگەنىكەن بىر تەقۋادار. ئۇنتۇما قېرىندىشىم، ھەممىمىز ۋاقىتلىق بەھىرلىنىشلەرگە تولغان دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا تۇرىمىز. قەلبىمىزنى ئەسىر قىلىۋالغان ھەۋەس ئوردىلىرىدىن مەھرۇم بولماقلىق- بىز ھەممىمىز بىلىدىغان، ئەمما ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان تەقدىرىمىز.
كەيپى بىلەن ئەقلىمىزنى كېسىۋاتقان مەينىڭ، نازى بىلەن روھىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتقان گۈزەلنىڭ كەينىدە شەيتان ئۆز غەلىبىسىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلمەكتە. روھىمىز قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلى ئۇچرايدىغان جازالىرىمىزنى ئويلاپ ئۆكۈنمەكتە. كۆردۈڭمۇ قېرىندىشىم، بۇ كەيىپچىلىكلەر، بىردەمچىلىك راھەتلەر، بىز خۇش بولىمىز دەپ قىلغان ئەسكىلىكلەر روھىمىزنى ئازابلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتىكى ئازابتىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ.
تۇر، قېرىندىشىم تۇر، ئاتىمىز ئادەمنىڭ ئازغۇنلۇقىنى تەكرارلاۋەرمەيلى،يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدەك ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن نەپسى- شەيتاننى يېڭىشنى ئۆگىنەيلى. قەلبىمىزدە ئاللاھ زىكرىدە، روھىمىزنى گۈزەل ئەمەللەردە چىن مەنىسىدىن كۈلدۈرەيلى.
«رەببىمىز، بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن، دىلىمىزنى ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.» (ئال ئىمران 8- ئايەت)
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
توۋا دېگۈلۈك قېرىنداش، توۋا دېگۈلۈك. ئۇلۇغ سۆزلەش بەندىگە ياراشمايدۇ. قەلبىڭ قەسەۋەتلەشكەندە ئۆزۈڭ لەنەت ئوقۇغانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەم سادىر قىلىدىغىنىڭنى بىل. گۇناھلىق قىلمىشلارنى كۆرگىنىڭدە ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭنى ئەشۇنداق گۇناھكار قىلمىغىنىغا شۈكۈر قىل، ئۇلارغا ھىدايەت تىلە. سەن ئەتراپىڭدىكى گۇناھكارلار بىلەن قىلمىشلىرىڭ جازاسىنى تارتماستىن جازا قەرزىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ يۈرگەنلەردىنسەن. ھېلى تەقدىرنىڭ تاشبورىنىدا قېلىپ ئۆلسەڭ، گۇناھكارلىقىڭدىن خەۋەردارلار ساڭا ئېچىنمىسىمۇ بولىدىغىنىنى ئوپئوچۇق بىلىشىدۇ. لېكىن، ئۇنداقلار ھەقىچان ساڭا ناتونۇش. قەلبىڭدىكى ئىپلاسلىقلاردىن بىخەۋەرلەر ئەتراپىڭدا ئەگىپ سېنى ماختاپ يۈرۈشىدۇ. قەسىدىلەر ئەۋجىدە قەلبىڭ ئۆلۈمگە تېخىمۇ يېقىنلايدۇ. لېكىن ئۆلۈك قەلبنىڭ ساھىبى ئىكەنلىكىڭنى قاچان سېزىسەن؟ توۋا دېگۈلۈك قېرىنداش، توۋا دېگۈلۈك. سەن ماختالغۇچى ئەمەس،زامان مەئىشەتلىرىگە ئالدانغۇچىسەن. ئويلىمايسەنكى، قاچان مەغپىرەتكە ئېرىشىسەن؟!
يېقىنقى ئىنكاسلار