«پىدائىلار» مارشى

خۇرسىنىپ يۈرمەيلى، ئويناپ كۈلەيلى،
باشقا نە كەلسە گەر بىللە كۆرەيلى.
ئۇھسىنىش نە ھاجەت باھاردا دوستلار،
قىشتىنمۇ قۇتۇلدۇق كۆپ شۈكرى دەيلى.

دەرت كەلسە باشقا گەر شاتلىق بىلەيلى،
ئازابنى يوشۇرۇپ خەققە دېمەيلى.
ئوندىن پەس بولساق بىز ئوندىن ئېگىزغۇ،
ئارقىدا قالدىم دەپ غەممۇ يېمەيلى.

كىيىمنى پەرەڭدەك مودا كىيەيلى،
ئەجدادىم ئۇلۇغ دەپ مەغرۇر يۈرەيلى.
رېستوران – كۇلۇبلار بىز ئۈچۈن ئوچۇق،
بىردەملىك بولسىمۇ دەۋران سۈرەيلى.

ئوينايلى، شاتلىققا، قۇتقا چۈمەيلى،
قايغۇنى يۈرەككە چوڭقۇر كۆمەيلى.
ئارماننى ئۇزىتىپ يىراق – يىراققا،
ئۆلسەكمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆلەيلى.

ئالتىنچى سېزىم

شىۋىرلىشىڭ ئارتۇقچە قىزچاق،
يۇمىۋالدىم كۆزۈمنى بىردىن.
ئوتلۇق، ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىڭ،
تېشىپ ئۆتتى يۈرەكلىرىمدىن.
يىراقتىسەن تۇتمىدىم قولۇڭ،
ھىدلىمىدىم چېچىڭنى گۈلۈم.
بىلەلمىدىم زادى قانداقچە،
يۈرىكىمدىن ئالغانسەن ئورۇن؟
ئۇيقۇسىزلا ئۆتتى بۇ كېچە،
خىياللاردىن ئىزلەپ يىلتىزىم.
خەت، تېلىفون شەكىلدۇر، شەكىل،
سۆيگۈ دېگەن ئالتىنچى سېزىم.

بەختىمىز ئۈچۈن

مۇمكىن ئەمەس،
چۈشلىرىمگە كىرىش بىلەنلا،
يۈرىكىمنى ئۈگىتىۋېلىش.
مۇمكىن ئەمەس،
شېئىر يېزىپلا،
جىمى دەرتنى تۈگىتىۋېلىش.
بەلكىم،
جېنىم بىلەن تەڭلا،
چىقارسەن بىركۈن
يۈرىكىمدىن.
ساڭا كۆڭۈل بەردىم ئېھتىمال،
رەزىللىكىمدىن.
ياق، ياق، ياق،
تامامەن مۇمكىن
بولۇشى مۇمكىن،
سېنى ئۇنتۇشۇم.
لېكىن،
چىدىمايدۇ سېنى قىيناشقا،
كۆزۈڭ ياشلاشقا،
مېنىڭ يۈرىكىم.
مۇھەببەت-
بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيەت،
يىگىتلەر ئۈچۈن.
شېئىرىمنى كۆيدۈرىۋېتەي،
بەختىمىز ئۈچۈن…