by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئىيۇل 1, 2004 | روھ غەليانلىرى
سەن ۋەسۋەسىلەرگە ئىشىكىڭنى ئېچىۋېرىسەن، ئۇلار كىرىۋېرىدۇ. يۇپۇرۇلۇپ بەشتىن، ئوندىن كېلىشىپ سېنى ئىسكەنجىگە ئالغىنىدا ئۆزۈڭنىڭ ھالسىزلىنىۋاتقىنىڭنى سېزىسەن. قەلبىڭ بىئاراملىققا تولىدۇ. ئىشىكنى ئاچماستا خېلى ياخشى ئىكەنلىكىڭنى ئەمدى ھېس قىلىسەن. ئاتاڭ سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئاۋام سېنى تىللايدۇ. قەلبىڭدىن ئۆچەي- ئۆچەي دەۋاتقان ھارارەتنى ھېس قىلغىنىڭدا كۆزلىرىڭدە ئۈمىدنىڭ نۇرى غىل-پال چاقنايدۇ. ئۆيۈڭدىن جىمى-جىمى ۋەسۋەسىلەرنى قوغلىۋېتىپ يۈرەك سوقۇشلىرىڭنى، ھېچ بولمىغاندا سائىتىڭنى چىكىلداشلىرىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلانماق بولىسەن. جىمجىتلىقنىڭ ئاجايىپ كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى بىردىن تونۇيسەن. ئۈستۈڭدىن بېسىۋاتقان ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلماق نىيىتىدە يۇلقۇنۇپ باقىسەن. كىرپىكلىرىڭگە ئېسىلغانلار كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ. يەنە بىرلىرى قوللىرىڭدىن تارتىپ سېنى ياتقۇزىدۇ. ئۇلار كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيۋاتقان ئاناڭ يەنە كايىشىنى باشلايدۇ. ئاتاڭ ئېغىر تىنغىنىچە تالاغا ماڭىدۇ. ۋەسۋەسىلەر ئۆيۈڭگە لىق تولىدۇ. سەن ۋەسۋەسىگە تويىسەن. ئۇلار بىر-بىرلەپ ئۆيۈڭدىكى گۈزەللىكلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، نۇرنى يوقىتىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا زەئىپ ئىڭراشلىرىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | دېكابىر 31, 1999 | شېئىرلار
تۆمۈريول.
پارتىلايدۇ ۋەھىمەم چوقۇم.
سائەت ئون بىر(ئۈرۈمچى ۋاقتى)،
كېزىپ يۈرەر خىياللىرىڭدا،
ھىجران دېگەن ئەشەددىي ئۇقۇم.
پەپىلەيدۇ يۈرەكلىرىمنى،
كەچمىشتىكى نازىڭ، شوخلۇقۇڭ.
ئەسرارلىشار ئەسىر ئاخىرى،
زارىقىشلار ئاداققى چۈشتە.
تاپالمايمەن ئوڭۇمنى ئىستەپ،
كۆچۈپ كەتتى چۈشلەر شەھىرىگە،
مۇھەببىتىم، بەختىم، خوشلۇقۇم.
كۈلۈپ تۇرغىن يانۋار سەھەردە،
كۈلۈپ كەتسۇن ئىككى مىڭىنچى يىل،
بەخىتلىك بول، گۈلۈم، چوغلۇقۇم.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 1, 1999 | شېئىرلار
ئاجايىپ ئادەملەر.
قىزىماقچى شەنبىدىكى توي،
لەيلىمەكچى يىگىت شارابتا.
قىزلار بۈگۈن ئالدىراش
ئىزدىشىپ قىسقا يوپكا
ۋېچىركىغا.
توي بولسا،
ئايلاندۇرۇپ يىگىت-قىزنى،
پىر-پىر، پىر-پىر،
ئېسىل ماشىنىدا.
تاشلىۋەتسە تويلۇق ھوجرىغا.
ئاتا بولۇشنى بىلمەيدىغان،
ئانا بولۇشنى خالىمايدىغان
يىگىت-قىزلار
چىشىن چىشلەپ ياشايدۇ ئەمدى،
كۈلۈپ زورىغا.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | دېكابىر 6, 1998 | شېئىرلار
لېرىك مۇزىكا،
چايقىلار بەدەن.
دەسسەر ۋالىسقا،
مەستانە قەدەم.
ئويلايدۇ پەقەت:
«ئويناي قانغۇچە،
كېلەر بىر قېتىم
دۇنياغا ئادەم.»
ئايلىنار رۇمكا،
ئايلىنار جاھان.
قالماس باقىي بوپ،
مۇندا شاھ – قاغان.
بىردەملىك ھوزۇر،
دەقىقلىق شاتلىق،
قوزغار كەلگۈسى،
قەلىبتە پىغان.
كىتاب ۋاراقلار،
مۈكچىيىپ بىرى.
ناتونۇش بولغاچ،
ئالەم سىرلىرى.
ئۆتەر كېچىلەر،
كېتەر كېچىلەر،
ئارمان ئۈچۈن ئۇ،
تۆكەر ئۈنچىلەر.
گەر كەتسە بىر كۈن،
دۇنيادىن مەغرۇر،
تاۋۇتىن جىمى
جاندار كۆتىرەر.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | سېنتەبىر 1, 1998 | شېئىرلار
دوكتۇر بولماق-
يېرىم ئالجىماق.
يىللاپ- يىللاپ ئىزدىنەر،
دوكتۇر ئاسپىرانت.
ئۆزى يە يېتەكچىسى
ياق، ياق،
دۇنيادا ھېچكىشى
چۈشەنمەيدىغان،
ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ بەتتام
يەكۈن ئۈستىدە.
قەرەلى توشسا،
تاپشۇرسا لىپ- لىق رەقەمگە تولغان،
كۆرگەن كىشىنى كېسەل قىلىدىغان
دېسىرتاتسىيىسىنى،
باھالىغۇچىلار
ئۇنى مېتىرلاپ،
«ئەلا» باھالار.
تون كىيدۈرەر دوكتۇر بولدى دەپ،
بۆك كىيدۈرەر ئاقىل بولدى دەپ.
ئۆتۈپ يىللار،
دېسىرتاتسىيە يوقۇلار،
كۈتۈپخانىدىن
چاشقان ئوغرىلاپ.
يېقىنقى ئىنكاسلار