by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 1, 1998 | شېئىرلار
مۇمكىن ئەمەسمىش،
پەرىشتىدەك پاكلىنىش.
مۇمكىن ئەمەسمىش،
شاللاقلىقتىن ساقلىنىش.
ئازاب نېمە؟
مەھرۇم بولۇشمۇ؟
بەخىت نېمە؟
ھوزۇرلىنىشمۇ؟
تەبىر ئىزلەپ يۈرمە ھەممىگە،
تەڭرى بېرەر توپ- توغرا تەبىر.
قۇرئاننى ئال قولۇڭغا زاھىد،
ئەنە بەخىت، ئەنە ھالاۋەت،
ئەنە ئازاب، ئەنە جاھالەت.
كۆز قادىر ئەمەس ھەممىن كۆرۈشكە،
كۆڭۈل كۆزى كېرەكتۇر بەزەن.
تاپالايسەن ھەقىقىي بەخىت،
يۈرىكىڭگە سالساڭ تازا زەڭ…
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 1, 1998 | شېئىرلار
قاراڭغۇلۇقتا،
ھۆركىرىشەر يۇلتۇزلار.
تاڭنىڭ جىلۋىسى،
جىملەپ قويار جىمى يۇلتۇزنى.
قىرو باسقان ئاينىڭ لېۋىدىن،
تۆكۈلىدۇ قوياش تامان نۇر.
ئۇخلىمايدۇ چولپان كۈندۈزى،
مۈكۈۋالار كۈننىڭ كەينىگە.
يالتىرايدۇ ئاسمان ئەينىكى.
ئېسەنكىرەش.
دەرىزەڭدۇر جاھان ئەينىكى،
كۆرەلمەيسەن مەندىن باشقىنى.
بەك يىراقتا تونۇش بېكەتتە،
چالار گۈدۈك ھىجران پويىزى.
ئالىملىقتىن بەزدىم بىردىنلا،
ئالجىغۇم يوق، ئۇخلىغۇملا بار.
كېتىۋەرگىن مەن يوق ئارقاڭدا.
بېتخوۋىن-
گاس بولغاچقا يازار مۇزىكا.
بەلكىم،
پىكاسسومۇ رەڭ قارىغۇسى.
مەن – دىلمۇرات – ئاددىيلا ئادەم،
قۇلىقىم ساق، كۆزلىرىممۇ ساق.
يازالايمەن تەڭشەلسەم ئازراق،
مەيدە ئەمەس، ھىجران كەيپىدە.
ئۆتمۈش-خىرەلىككە تولغان تەلىمات.
مەن ياشايمەن چەكسىزلىك ئۈچۈن.
تۆككۈم كېلەر چەكسىز مىسرانى،
چەكسىز- چەكسىز ساما يولىغا،
يۇپېتىرغا، مارس، ساتۇرنغا.
ئۆگەتمىدىم يىغلاشنى تېخى،
ئەشۇ ئامراق كومپيۇتېرىمغا.
كېتىۋەرگىن ناتونۇش قىزچاق،
قارىماي قوي بولدى ئارقاڭغا.
كېتىپ قالدى يىگانە يىگىت،
چەكسىزلىككە، پاك بىر ماكانغا.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 1, 1998 | شېئىرلار
سىغدۇرۇپ ئىچىگە جاھاننى تولۇق،
ئۈگەتتى بىزلەرگە تۈمەنمىڭ خۇلق.
ئۇنتۇماقتىمىز ئاستا – ئاستا،
ئىزا – ھايانى.
شەيتان ئەينىكى ئەللەيلىمەكتە،
ئۇيغۇرنى، ئىندىئاننى
غەپلەتكە،
كەسرەتكە.
ئولتۇرغانچە بارماقنى شۈمۈپ،
سەبىيلىرىمىز ئۈگەنمەكتە،
سۆيگۈسىنى غەرپچە
ئىزھار قىلىشنى.
قاندىكى غەيۇرلۇق،
جەسۇر ئەركەكلىك
تېڭىرقىماقتا،
ئويلۇشۇپ شەھۋەتكە
ئورۇن بېرىشنى.
ئاتىلار دىۋانغا يېنى بولغانچە،
يوقاتماقتا
ئاتىلىق جاسارىتىنى.
ئانىلار قوشۇپ قۇندۇز چېچىغا،
بويىماقتا
شەرقچە نازاكىتىنى.
ئۆگزىلەردە رەزىل ئانتىنا
سۈمۈرمەكتە
چۈشكۈنلۈكنى،
بىپەرۋالىقنى.
نيۇيوركنىڭ ئىس – تۈتىكىنى،
لوندوننىڭ تۇمانلىرىنى.
شەيتان ئەينىكى،
ئۇنتۇلدۇرماقتا
بىر مىللەتنىڭ ئارمانلىرىنى…
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئۆكتەبىر 1, 1997 | شېئىرلار
مەن،
كۆرۈپ قالسام كۆزۈڭدىن ئەگەر،
دىلمۇراتتىن باشقا بىرسىنى،
يۈرىكىمدىن قوغلايمەن سېنى.
كۆزۈڭدىكى سۈرەت قەلبىدە،
تۇرالايسەن بەلكىم بىر ئەسىر.
شۇنچە مەغرۇر، شۇنچە ھەشەملىك،
ئۇ سەن ئۈچۈن سالدۇرغان قەسىر.
لېكىن،
يۈرىكىڭنى ئۆرتەيدۇ ھەر تاڭ،
«نەدە مۇرات؟» دېگەن شۇ نەسىر.
ئالداپ يۈرمە ئۆزۈڭنى قىزچاق،
سىنتەبىردىن قىيامەتكىچە،
سەن ماڭا ئەسىر، مەن ساڭا ئەسىر.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئىيۇن 6, 1997 | شېئىرلار
زىنىقىڭدىن تۆكۈلگەن شېئىر،
ياماشقاندا يۈرەكلىرىمگە،
مەيسىز كەيىپ بولغان بىر ئاشىق،
غەرق بولدى ئاتەش كۆزۈڭگە.
تاپالمىدىم شۇنىڭدىن بېرى،
يەر شارىدىن ئىزلەپ ئۆزۈمنى.
يەر تەكتىدىن چىققان شۇ يىغا،
ئوخشايدىكەن مېنىڭ يىغامغا.
كۆزلىرىڭگە سىڭدىمغۇ دېسەم،
سىڭىپتىمەن يەرنىڭ ئاستىغا.
دەپنە قىپتۇ قاتىل كۆزلىرىڭ،
مېنى قوشۇپ ئارمانلىرىمغا.
يېقىنقى ئىنكاسلار