قىش

باسماقتا قاپقارا تەشۋىشلەر مېنى،
ئازابنىڭ قوينىدا تۇنجۇقۇپ قايتا،
ھىجرانلىق ساھىلدىن ئىزلەيمەن سېنى.
يامغۇرلۇق كېچە.
سۆيىۋالدىم ئاينى چوككىدە،
(چالا ئۇيقۇ كۆرگەن چۈشۈمدە).
ئويغانغاندا بېسىۋالدى قار.
قاپقارا قار ئۆگزەمنى ئاستا،
كۈتمەكتىمەن سېنى تىمتاستا.
ئەبجەق دەرىزەم،
توسالمايدۇ سوغۇقنى ئەسلا.
قايسى بىر قىز سۆيگۈمگە تەشنا،
سوزۇپ تۇرار شاللاق لېۋىنى.
ئاچكۆز چاشقان، لەنىتى چاشقان،
غاجىماقتا تامنىڭ تۈۋىنى.
گۈپلا قىلىپ يىقىلسا بۇ تام،
خۇرسىنىشلار نەقەدەر بەتتام.
توڭۇپ كەتتىم، سوۋۇپ كەتتى پار،
يۈرىكىمدە ئىسسىناي دېسەم،
ئەيمىنىمەن، ئۇنىڭدا سەن بار.

يىلتىز

يامغۇر.
ئەندىكمەكتە يالىڭاچ يۈرەك.
يۇيۇلمايدۇ قەلبىڭ ۋەلېكىن.
سەن مەجبۇرسەن شۇ قاپ – قاراڭغۇ
قەلىب بىلەن چۈشكۈن ياشاشقا،
ئەگەشكەنچە شەيتان «ئاداش»قا.
بىلىمەن،
سەن زورىغا كۈلۈپ يۈرىسەن،
كۈندە مىڭ رەت ئۆلۈپ يۈرىسەن.
بىچارە.
قۇتۇلماققا نە چارە.
ئەگىشىشكە كۆنۈكسەن، كۆنۈك،
بەك قورقىسەن چۈشۈپ قېلىشتىن،
ئادەم سىياق ھايۋان توپىدىن.
بىچارىلىك ئەمەس يالغۇزلۇق،
بىچارىلىك ئېزىش – ئازغۇنلۇق.
ئالداپ باقتىڭ بەلكىم ئۆزۈڭنى،
مەيخانىدا، دېسكوخانىدا.
ئۆلۈپ قاپتۇ بىچارە يىگىت،
بەڭ زەھەرلەپ ھاجەتخانىدا.
تۆكۈلمەكتە يۇلتۇز كۆز يېشى،
ئەيدىز بوپتۇ خوشنامنىڭ قىزى.
ئاجىز يامغۇر، بىچارە يامغۇر،
يۇيالمايسەن خىرە قەلىبنى.
يېڭى ئەسىر، يېپ – يېڭى ئەسىر،
خىرىس بىلەن كەلمەكتە تېز- تېز.
يېتىم بالا سىم – سىم يامغۇردا،
نەلەردىندۇر ئىزلەيدۇ يىلتىز.

قوياشقا مەكتۈب

ئىللىق نۇرۇڭ سۆيدى يۈزۈمنى،
يىگانە قوياش.
ھاياجاندا تىترىدى يۈرەك،
كۆزلىرىمدە ياش.
سەنلا پاكسەن قەلبىمدە پەقەت،
زەمزەمگە ئوخشاش.
بىلگىن، ئۆلۈم، مەن ئۈچۈن قوياش،
سېنىڭسىز ياشاش.
سەنمۇ تەنھا، مەنمۇ ھەم شۇنداق،
يوق بىزگە قاياش.
خالىساڭ گەر بولايلى،
ئۆمۈرلۈك مۇڭداش.
ھارارىتىڭ كۈل قىلسا مەيلى جىسمىمنى،
ھەددىم ئەمەس سېنىڭدىن،
جېنىمنى ئاياش!