زىكىر ۋە شۈكۈر

زىكىر ۋە شۈكۈر

ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن، ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 152 - ئايەت)

«زىكىر»نىڭ ئىككى مەنىسى بار، بىرى تىلغا ئېلىش، ئىككىنچىسى ياد ئېتىش. 

ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە مەن ئۇنى مەزكۇر جامائەتتىننمۇ ياخشىراق جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. 

ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇنتۇلغان، ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر نەرسىنىڭ ئەسكە كېلىشىنى كۆرسەتكەچكە، بۇ تەبىر ھېچنەرسە ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان، ئۇنتۇمايدىغان ئاللاھقا قارىتىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ئۇنتۇش دېگەننىڭمۇ ئىككى خىل مەنىسى بار. بىرى ئاچقۇچنى نەگە قويغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئوخشاش ئەستىن چىقىپ كېتىش، يەنە بىرى «بولدىلا، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتە» دېيىلگەندىكى كارى بولماسلىق مەنىسىدىكى ئۇنتۇش. قۇرئاندىكى «ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى» («تەۋبە» سۈرىسى 67 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتتىكى ئۇنتۇش دەل مۇشۇ ئىككىنچى خىل ئۇنتۇشتۇر.

ئاللاھنى تىلغا ئېلىش ۋە ئەسلەش (زىكىر قىلىش) نىڭ ئەڭ ئەۋزەل شەكلى قۇرئاننىڭ ئۆزىدۇر. ئالدىنقى ئايەتتە:

ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە  كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 151 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېيىش بىلەن ئاللاھنى قانداق زىكىر قىلىشقا ئىما قىلىنغان. شۇڭا، «مېنى زىكىر قىلىڭلار» دېگەن ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنى قۇرئان بىلەن زىكىر قىلىشنى دېمەكچى. «مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دېيىلگەن قىسمىدىمۇ ئوخشاشلا بىزنى قۇرئان بىلەن زىكىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى. قۇرئان ئوقۇغىنىڭلاردا ئاللاھ ھەققىدىلا ئەمەس، ئۆزۈڭلار ھەققىدىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىلەر. مىڭ يىللار بۇرۇنقى قىسسىلەرنى ئوقۇۋاتمايسىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇۋاتىسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ، سىلەرنى زىكىر قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ بىلەن  ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە قۇرئان بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتتۇر. يەنە بىر مەنىدىن بۇ دۇئانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. بىز دۇئا بىلەن ئاللاھنى ئەسلىسەك، ئاللاھمۇ بىزنى ئەسلەيدۇ. ئەمما، بۇ ئايەتتە دېيىلگىنى بىزنىڭ قۇرئان بىلەن باغلىنىشىمىز. قۇرئان بىزنىڭ ئاللاھنى تىلغا ئېلىشىمىزنىڭ، ئاللاھنىڭ بىزنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ۋاسىتىسى. دىققەت قىلساڭلار بۇنىڭ نەق ئۆزىنىڭ «فاتىھە» سۈرىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلەيسىلەر:


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. («فاتىھە» سۈرىسى ئالدىنقى تۆت ئايەت)

دەپ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى تىلغا ئالىمىز. ئاندىن ئاللاھ بىزگە نېمە دېيىشىمىزنى دەپ بېرىدۇ:

ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) («فاتىھە» سۈرىسى كېيىنكى ئۈچ ئايەت)

مانا بۇ بەندە بىلەن رەببى ئارىسىدىكى سۆھبەت. «مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دىن بىر كۆرۈنۈش.

ئاللاھ ئۆزىنى زىكىرى قىلىشنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ يەردە بىر تەرتىپ مەۋجۇت. ئاۋۋال زىكىر، ئاندىن شۈكۈر. بۇ تەرتىپنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسال كەلتۈرەي:


بىر بالا ئاتا - ئانىسىدىن يىراق بىر يەردە ياشايدىكەن. ئۆزى ئوقۇش، خىزمەت بىلەن ئالدىراش. ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىلىش، ئۇچۇر قىلىش خىيالىغىمۇ كەلمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر دوستى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا دوستى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغىچە نەقەدەر جاپا تارتقانلىقىنى، ئۇلاردىن قانچىلىك مىننەتدارلىقىنى، شۇڭا ھەركۈنى ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ يارىماس بىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. 

بۇ مىسالدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بىرىدىن مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. ئوخشاشلا بىرى ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش خىيالىغىمۇ كەلمەيدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلىش «سۇبھاناللاھ، سۇبھاناللاھ…» دەپ بولدى قىلىنىدىغان مېخانىك بىر جەريان ئەمەس. ئاللاھنى چىن مەنىدىن زىكىر قىلىش (ئەسلەش)، ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئ‍اللاھنىڭ بىزگە نېمىلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى تونۇش مىننەتدارلىققا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. 

ئايەتتە ئۈچ نۇقتا بار، زىكىر قىلىش، شۈكۈر قىلىش، تۇزكورلۇق قىلماسلىق. ئەمما، «مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن» دەپ پەقەت بىرىگىلا ئىنكاس قايتۇرۇلغان. «شۈكۈر قىلىڭلار»، «تۇزكورلۇق قىلماڭلار»غا ئىنكاس تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. پەقەت زىكىرگىلا ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى قالغان ئىككى نۇقتىنىڭ بىرىنچى نۇقتىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالىتى ئىكەنلىكىدە. يەنى، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاللاھنى ئەسلەش چوڭقۇرلاشقىنىدا كىشىنى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا، تۇزكۇرلۇق قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۈكۈر بىر نېمەتكە جاۋابەن تەلەپ قىلىنىدۇ.  بۇ ئايەتتىكى زىكىر يەنى زىكىرنىڭ جەۋھىرى بولغان قۇرئان نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. شۇڭا، بۇ نېمەتكە جاۋابەن شۈكۈر لازىمدۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا شۈكۈردىن كېيىن تۇزكۇرلۇق قىلماسلىقنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئارتۇقچىدەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، «شۈكۈر قىلىڭلار» دېگەنلىك «ناشۈكۈرلۈك، تۇزكورلۇق قىلماڭلار» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەمما، شۈكۈر نېمەت كەلگەن دەسلەپكە چاغدا كىشى تەبىئىي قايتۇرىدىغان ئىنكاس. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، شۈكۈر ھېسسىياتى ئاجىزلايدۇ، كىشى تۇزكورلۇققا يېقىنلايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «تۇزكورلۇق قىلماڭلار» مىننەتدارلىقتا ئىزچىللىقنى ساقلاشقا قىلىنغان دالالەت. ئەرەبچىدە ئىزچىللىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆز «سەۋر». شۇڭا، سەۋرچان كىشى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى، شۈكرانىسىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا كېينكى ئايەتتە سەۋر تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاللاھ ئۆزىنى زىكىر قىلىشقا، ئۆزىگە شۈكۈر قىلىشقا، چىرايلىق ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

1446 - يىل رامىزاننىڭ 2- كۈنى

كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز

كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز

بىر مۆھتىرەم زات (نۇھ ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن كېمە ياساۋاتاتتى. ئەتراپىدىكىلەر بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشەتتى. ئاللاھنى تونۇشتىن ئۇزاقتا قالغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بىرى بولسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەر ھاراق ئىچمىگەنلىكىڭىزدىن كۈلۈشۈۋاتامدۇ؟

سىز كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز.

زىنادىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرغىنىڭىزدىن كۈلۈشۈۋاتامدۇ؟

سىز كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز.

كىشىنىڭ ھەققىدىن قورققىنىڭىزدىن كۈلۈشۈۋاتامدۇ؟

سىز كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز.

ئۆسۈمدىن قېچىپ، قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىپ ياشاۋاتقىنىڭىزدىن كۈلۈشىۋاتامدۇ؟

سىز كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز.

جاھاننى غەرق قىلىدىغان كەلكۈننىڭ بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلگىنىدەك، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ھالاك قىلغۇچى ئازابنىڭ بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى سىز بىلىسىز.

شۇڭا كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز.

ياساشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. يېقىنلىرىڭىزنى كېلەچەكتە كېلىدىغان «كەلكۈن»دىن ئاگاھلاندۇرۇڭ. ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ كېمە ياساشقا تۇتۇنىدۇ، ياكى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدەك «تاغقا چىقىۋالىمەن» دەپ خىياللىرىغا ئالدىنىپ قالىدۇ.

كۈلكە، مەسخىرىلەرگە پىسەنت قىلماڭ.

كېمىڭىزنى ياساۋاتىسىز...

ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان رېتسىپ

ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان رېتسىپ

ئائىلە ئىشلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قوللىرى قاپىرىپ كەتكەن فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە خىزمەتچى سورىغاندا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى دەپ بېرەيمۇ، دەپ ھەر نامازدىن كېيىن سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر زىكىرلىرىنى 33 قېتىمدىن ئېيتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس كۆپىنچىمىزگە تونۇشلۇق. بۇ زىكىرلەرنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشتىكى ھېكمىتى ھەققىدە نۇئ‍مان ئەلىخان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ دەرسلىرىدىن ھېس قىلغانلىرىمنى يەتكۈزگۈم كەلدى.

1. سۇبھاناللاھ. سۇبھاناللاھ دېمەك ئاللاھنى جىمى قۇسۇر، كەمچىللىكتىن پاك دېمەكتۇر. ھايات يۈكى ئاستىدا ئېزىلىپ ئېغىزىمىزدىن «نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىم؟»، «مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟»، «ئەجەب تويدۇم!» دېگەن سۆزلەرنىڭ چىقىشى ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا، تەقۋا ئەھلىگە پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلىدىغانلىقىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئويلار خىيالىمىزدىن كەچكەندە «سۇبھاناللاھ» دېيىشىمىز بىزنى پاسسىپ چۈشەنچىلەردىن قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ، سۇبھاناللاھ، ئاللاھ بىزگە زۇلۇم قىلمايدۇ، سۇبھاناللاھ، ئاللاھ ئەجرىمىزنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سۇبھاناللاھ!

2. ئەلھەمدۇلىللاھ. پاسسىپ چۈشەنچىلەرنى تاشلىغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ساناقسىز نېمەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، شۈكرى، ھەمدۇسانا ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. سەھەردە سالامەت ئويغاندۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ، يۈرىكىمىز نورمال سوقۇۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆپكىمىز نورمال نەپەس ئېلىۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، بۆرىكىمىز نورمال قان تازىلاۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، كۆزىمىز نورمال كۆرىۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ، قۇلىقىمىز نورمال ئاڭلاۋاتىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ... ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرىن سۆيۈنۈپ تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇ زاتنى مەدھىيلەشنىڭ ھەممىسى «ئەلھەمدۇللاھ»قا مۇجەسسەملەنگەن. ئەلھەمدۇلىللاھ!

3. ئاللاھۇ ئەكبەر. پاسسىپ چۈشەنچىلەرنى مېڭىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىدۇق، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەپ شۈكۈر، ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن نۆۋەت ھاياتتىكى تاللاشلارغا كېلىدۇ. كۈندىلىك ھاياتىمىز تاللاشلارغا تولغان.بۇ تاللاشلار ئالدىدا قارار چىقىرىشتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ كاتتىراق)* زىكرى يېتەكچىمىز بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ناماز ۋاقتىدا بىر خېرىدار كىرىپ قالدى، ئاللاھۇ ئەكبەر، ناماز بىلەن تىجارەت ئارىسىدىكى تاللاشتا ئۆزرە ئېيتىپ نامازغا ماڭغۇلۇق. تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ باستى، شۇ ئان ئەزان ئېيتىلدى. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئۇيقۇ بىلەن ئاللاھ رىزاسى ئارىسىدا تاللاش ئەلۋەتتە ئۇيقۇنى تەرك ئېتىش بولغۇلۇق. ھارام ئارىلاشقان سودىغا تەكلىپ قىلىندۇق، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھ رىزاسى بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى تاللاشتا ئەلۋەتتە ئۇ سودىدىن ۋاز كەچكۈلۈك. يېقىنلىرىمىز غەيۋەتكە چۈشتى، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئۇلارنى ۋە نەپسىمىزنى خۇش قىلىش بىلەن ئاللاھنى خۇش قىلىش ئارىسىدىكى تاللاشتا ئەلۋەتتە ئۇ پاراڭنى كەسكۈلۈك.

ئىزچىل ئادەت قىلىپ كەلگەن ئەمەل - ئىبادەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىنى يېڭىلاش ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭمۇ يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش نىسىب قىلسۇن.


*كۆپىنچە «ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بۇ ئىبارە ئەمەلىيەتتە سېلىشتۇرما دەرىجە شەكلىدە، دەيدۇ، ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان. يەنى، «ئاللاھ ئۇلۇغراق، ئاللاھ كاتتىراق» دەپ تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ توغرا.

ھايات دېگەن نېمە؟

ھايات دېگەن نېمە؟

بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بەسلىشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر. («ھەدىد» سۈرىسى 20 - ئايەت)

ئۆزئارا پەخىر، كۆز - كۆز قىلىشلارنىڭ چوققىسى بولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. داڭلىق ماركا، ياسىداق ئۆي، ئېسىل ماشىنىدىن تارتىپ، ئۇياتلىق يەرلەرگىچە كۆز - كۆز قىلىنىۋاتىدۇ، مەيدانسىزلىق، تۇزكۇرلۇق، ماڭقۇرتلۇقمۇ پەسكەش ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆز - كۆز قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقىي بەسلىشىش كېرەك بولغان ئىشلار ھەققىدە كېيىنكى ئايەتتە شۇنداق دېيىلگەن:

رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر. («ھەدىد» سۈرىسى 21 - ئايەت)

يىللار چاچلارنى ئاقارتىدۇ، چىناردەك بويلارنى پۈكىدۇ، قاشتېشىدەك تېرىلەرنى پۈرۈشتۈرىدۇ، كۆزلەرنى كۆز - كۆز قىلغان نەرسىلىرىمىزنىمۇ ئوچۇق كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بىزگە بېرىلگەن كۇچ - قۇۋۋەت، ئىمكان، گۈزەللىكلەرنىڭ ئاستا - ئاستا تارتىۋېلىنىشى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىمىز. ئەقىل ئىگىسى بۇ مەنزىرىلەردىن شۇنى يەكۈنلەيدۇكى، بۇلار بىزگە باقىۋەندە ئەمەس، ھەققە بولغان ئىمانىمىز، ھەق - باتىل مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانىمىز، ئۆزىمىزنى تەۋە ھېس قىلغان جامائەت ۋە شۇ جامائەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىمىز بىلەن ياكى قۇرۇق دۇنيا ھىرىسى، مىڭ پاتمان پۇشايمان بىلەن دۇنيادىن كېتىمىز...