by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ماي 18, 2024 | قەلبتىن-قەلبكە
قايسى كۈنى بىرىنىڭ كوچىدىكى كىشىلەردىن «سۇبھاناللاھ»نىڭ مەنىسىنى سورىغان زىيارەت ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ قالدىم. مەنىسىنى بىلىدىغانلار 10 پېرسەنت ئەتراپىدا چىقتى. «بىسمىللاھ»نىڭمۇ شۇ. زىكىرنى مەنىسىنى بىلىش - بىلمەسلىك مۇھىم بولمىغان، تەكرارلاش سانى مۇھىم بولغان «دىنىي گەپ»لەر دەپ بىلىدىغان چېغى كۆپىنچە كىشىلەر. تۈركلەرنىڭ تەسبىھ تارتقاندا ئۇنى يۈرىكىگە ئۇدۇللاپ تۇرۇپ تارتىش ئادىتى بەلكىم «زىكرىڭ ئېغىزىڭدىن ئەمەس، قەلبىڭدىن چىقسۇن» دېگەن نىيەتتە ئۆگىتىلگەن بىر ئىش بولۇشى ئېھتىمال (دىققەت: تېما زىكىرنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، تەسبىھ تارتىشنىڭ توغرا - خاتالىق مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرسىڭىز). ئەمما، ئېيتىۋاتقان زىكىر ئېغىز ۋە بارماقلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالغاندا، قانچە كۆپ تەكرارلانسىمۇ زىكىر ئېيتقۇچىنى ئىسلاھ قىلمىسا كېرەك. قايسى كۈنى مۇرات يىلدىز ئۇستازنىڭ بىر دەرسىدىكى زىكىر ھەققىدە توختىلىپ:
جۆرىڭىز بىلەن سۆزلەشكەندە، مېھىر بىلەن، كۆيۈم بىلەن گەپ قىلغان بولسىڭىز، ئاللاھنى زىكىر قىلغان بولدىڭىز، بۇ زىكىر بىلەن قەلبىڭىزنىڭ ھۇزۇرلانغانلىقىنى سېزىسىز. ئەمما، ئۇنىڭ جېدەل قىلغىنىڭىزدا قەلبىڭنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى، سىقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئۆيدە تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ، يىراقلارغا كەتكۈڭىز كېلىدۇ. چۈنكى، زىكىردىن يۈز ئۆرىدىڭىز. بىز زىكىرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ قولىمىزغا تەسبىھ ئالىمىز، تارتىمىز، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ تېخنىكىلىق تەرىپى. يولدا كېتىۋاتىسىز، بىرىنىڭ قاتناشتا قىلغان بىر ئىشىغا چېچىلدىڭىز. بۇ چېچىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرىدىڭىز. ئەمما، بىر ماشىنا ئالدىڭىزدىن ناھايىتى تېز كېسىپ ئۆتكەندە، «بىر جىددى ئىش چىققان چېغى. بەلكىم، دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندۇ، بەلكىم، ئايالىنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىنى بىرى يەتكۈزدى. رەببىم ياردەم قىلسۇن» دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، سىز زىكىر قىلدىڭىز…
دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئىش - ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن زىكىرلىرىمىزنى ئايرىم - ئايرىم يەرلەرگە، ئايرىم - ئايرىم ۋاقىتلارغا تەقسىم قىلىپ قويغىنىمىزدا، زىكىرلىرىمىز چىن مەنىسى بىلەن ئىش - ھەرىكەتلىرىمىزگە سىڭمىگىنىدە زىكىرلەر مەسچىتلەردە، مەسچىتكە ماڭغان يوللاردا، دىندار كىشىلەر بىلەن يىغىلغان سورۇنلاردىلا قېلىپ قالىدىكەن. ھاياتىمىز، تۇرمۇشىمىزنىڭ باشقا ھالقىلىرىنى دىندىن ئايرىلغان (لايك) ھالەتتە داۋاملاشتۇرىدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە راستچىللىق - سەمىمىيەت، مېھىر - مۇھەببەت كېمىيىپ، ھاياتنىڭ تەمى قالمايدىكەن.
ھەر بىر زىكىر ئەھلىگە زىكىرلەرنى ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈش بىلەن قەلبلىرىمىزنى ھۇزۇرغا تولدۇرۇش نىسىب بولسۇن.
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 8, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
بىز بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 66 - ئايەت)
ئايەتتىكى «موعظة» كەلىمىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
بۇ كەلىمە «وعظ(ۋەز)» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، «باشقىلارغا نەسىھەت قىلىپ قەلبىنى تەسىرلەندۈرمەك» مەنىسىدە. باشقىلارنى نەسىھەت بىلەن تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا توغرا ۋاقىتتا گەپ قىلىشقا، يۇمشاق گەپ قىلىشقا، تۆۋەن كۆرمەستىن، چېچىلماستىن، دوستانە گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى، كىشىلەرنىڭ قەلبى دېگەنلىرىڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن بۇرۇن بەزى شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ كەلىمە دەل «ئەئراف» سۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن كەلىمە بىلەن بىر يىلتىزدىن كەلگەن.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى. («ئەئراف» سۈرىسى 164 - ئايەت)
بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئاللاھ قىيامەت قايىم بولغىچە تەقۋادارلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت ئېلىشتىن باشقا، باشقىلارغىمۇ ۋەز - نەسىھەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. بۇ يەردە بىز مۇسۇلمانلار ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر مەسئۇلىيەت ھەققىدە گەپ قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ:
بىز، باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىز تەلتۆكۈس توپ - توغرا بولمىساق بولمايدۇ، ئۆزىمىز پاك - پاكىزە، ياخشى بولماي تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلساق بولمايدۇ. ئۆزىمىز ناچار تۇرۇپ قانداقمۇ باشقىلارنى ياخشى بول دېيەلەيمىز، دەپ ئويلايمىز. بۇ گەپنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، پەقەتلا قوشۇمچە شەرت سۈپىتىدە توغرا. ئۆزۈڭ قىلمايدىغان ئىشنى باشقىلارغا بۇيرىساڭ بولمايدۇ، بۇ راست. لېكىن، ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا نېمىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشۈڭگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، «مەنمۇ قۇسۇرسىز ئەمەس، ئەمما، بىز مۇشۇنداق قىلىپ باقايلى» دېيىشتىن تارتىنماسلىق كېرەك. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك بىر زاتمۇ «سىلەرنى ۋە ئۆزۈمنى ئاللاھتىن قورقۇشقا چاقىرىمەن» دەيتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەن سىلەرگە سۆزلەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ئالدىمدا مىكروفون، كامېرا بولغىنى ئۈچۈن، ئاڭلىغۇچىلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ قالمايمەن. بىراۋغا نەسىھەت قىلىشىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى، پاك ۋەياكى ئۈستۈن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۆزەڭلەرغا «مەن بىر كۈنى ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدىغان بىرى بولساڭلار، سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئۆز ئۆلچىمىڭلاردا يېتەرلىك ياخشى بولۇپ بولالمىغىنىڭلارنى بىلدۈرىدۇ. «مەن ئەمدى كامالەتكە يەتتىم، ئەمدى ياخشىلىنىشقا ئېھتىياجىم يوق» دەيدىغان كۈننى ساقلاۋاتقان بولساڭلار، بىر كۈنى پەرىشتىگە ئايلىنىشنى كۈتۈۋېتىپسىلەر. ئۇنداق ئىش بولمايدۇ. ئەگەر بىرى «مەن ئوبدان ئادەم، شۇڭا، باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىسا، ئۇنىڭدا كىبىر بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ دىننى بىزگە يەتكۈزگەن ئۇلۇغ زاتلار، ساھابە كىراملار ئۆزىنى ئۆزلىرىنى (تەقۋادارلىقتا) ئۈستۈن چاغلىمايتتى. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھ، مېنى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن ياخشى قىلغىن، ئۇلار بىلمەيدىغان ئىشلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنىڭ مەن توغرىلىق سۆزلىگەنلىرى ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالمىغىن» دەيتتى. بىز مەن ياخشى ئادەم ئەمەس، دېگەن باھانىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالساق بولمايدۇ، ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك، باشقىلارنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دالالەت قىلىش كېرەك. «مەن قۇسۇرسىز بولمىسام، باشقىلارغا قانداق نەسىھەت قىلىمەن» دېمىگىن، ھېچكىم قۇسۇرسىز ئەمەس. دىنىمىزمۇ بىزدىن قۇسۇرسىز بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، تەقۋادارلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ قىسسىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق شۇكى، تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ۋەز - نەسىۋەتنى ھەمراھ قىلىش كېرەك.
ئاللاھ زىممىمىزدىكى ۋەز - نەسىھەت بۇرچىنى ھېكمەت بىلەن نەتىجىلىك ئادا قىلالايدىغان دىت ۋە جۈرئەت ئاتا قىلسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 30 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 7, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق. («بەقەرە» 65 - ئايەت)
ئۇستاز ئۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنى «ئەئراف» سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ:
بۇ ئايەتتىكى شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات «ئەئراف» سۈرىسىدە ئۇچرايدۇ:
ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ - توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق. («ئەئراف» سۈرىسى 163 - ئايەت)
بۇ بېلىقچىلىق كەنتىدە ئۇلارنىڭ ئىبادەت كۈنى بولغان شەنبە كۈنىدە بېلىقلار سۇ يۈزىدە سەكرىشىپ يۈرەتتى. باشقا كۈنلەردە ھېچ بېلىق ئۇچرىمايتتى. بۇ قىزىق بىر ئىش. زامانىمىزدىمۇ سودا - تىجارەت، پايچېكى بازارلىرى جۈمە كۈنى بەك قىزىپ كېتىدۇ. بىر قاتار ئىشلارنى ھەپتە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش زۆرۈر بولغىنى ئۈچۈن، بىزمۇ دائىم دېگۈدەك جۈمە كۈنىدە سىنىلىمىز، خوجايىنلار جۈمە كۈنلىرى «بۇ ئىشنى بۈگۈن پۈتتۈرمىسەك بولمايدۇ» دەپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ نېمىشقا ھارامنى بۇنچىلا جەلبكار قىلىپ بىزنى سىنايدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا «بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق» دەيدۇ. يەنى، بۇ سىناقنى ھەممە ئادەمگە بەرمەيمەن، ئۇلار باشتىن - ئاخىر بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىدىن شۇنداق سىنىدۇق، دەيدۇ. بۇ خىل سىناققا دۇچار بولۇشنىڭ سەۋەبى ئۇزۇنغىچە ئازغۇنلۇقنى داۋام قىلغانلىق ۋەجىدىندۇر. بۇ ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدۇر. كىم بۇزۇقچىلىق قىلسا، بويۇنتاۋلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ ئۇلارغا بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ.
ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق. («بەلەد» سۈرىسى 10 - ئايەت)
يەنى، ئىككى داغدام يولغا يېتەكلىدۇق، دەيدۇ ئاللاھ قۇرئاندا. ئەگەر بەندە توغرا يولغا قەدەم باسسا، ئاللاھ توغرىلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇنىڭغا ئاچىدۇ. تەۋبە قىلسا، تەۋبىلىرىنى ئاۋۇتۇشى ئۈچۈن تەۋبە ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ. ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ. ياخشىلىققا يۈزلەنسە، ئاللاھ ياخشىلىقنىڭ يولىنى ئۇنىڭغا ئوچۇق قىلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ قارمۇ قارشىسىمۇ شۇنداق. ئەگەر بىرى ئاللاھقا بويۇنتاۋلىق قىلسا، ئاللاھ يامانلىقنىڭ يولىنى ئۇنىڭغا داغدام ئېچىپ، «قېنى داۋام قىلە!» دەيدۇ.
كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. («ئال ئىمران» سۈرىسى 178 - ئايەت)
بۇنى ئاللاھ ھەممە كىشىگە قىلمايدۇ، پەقەت گۇناھ - مەئىسىيەتكە خۇمار بولغانلارغا قىلىدۇ.
بۇ ئايەتتىن كېيىن ئاللاھ يەھۇدىيلاردىن ئۈچ تۈركۈم كىشىنى بايان قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتماسلىق چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئىدى.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى. («ئەئراف» سۈرىسى 164 - ئايەت)
شەنبە كۈنى بېلىق تۇتقان بىر تۈركۈم كىشىلەردىن باشقا يەنە ئىككى تۈركۈم كىشى بار ئىدى. بىرى «ئۇلار نېمە قىلسا نېمە كارىم، ئىشىمنى قىلاي» دەيدىغانلار ئىدى. يەنە بىرى «بىز ھېچبولمىغاندا ئۇلارغا نەسىھەت قىلايلى، ئۇلار خاتا ئىش قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ئۇلارغا ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتايلى، ئۇلارنىڭ بەل باغلىغان ئىشى رىزىق تېپىش ئەمەس، زەھەر يۇتقاندەك بىر ئىش. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز» دەيدىغانلار ئىدى. بۇ ئۈچ گۇرۇپپا: 1. گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىنسانلار، 2. ئۆز ۋاقتىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردىن ئۇلار بىلەن كارى بولمىغانلار، 3. ئاز ساندىكى ئۇلارغا نەسىھەت قىلغانلار ئىدى. ئايەتتە بۇ ئۈچ گۇرۇپپا ئىچىدىكى كارىمىز نېمە دەيدىغانلارنىڭ نەسىھەت قىلغۇچىلارغا «ئۇلار بەرىبىر ھالاك بولىدىغان خەق، ساقايماس كېسەل بۇلار، ئۇلارغا ئېغىزىڭلارنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دېگەنلىكى، نەسىھەت قىلغۇچىلارنىڭ: «ھېچبولمىغاندا رەببىڭلار ئالدىدا ئۆزرىمىز بولسۇن…» دېگەنلىكى سۆزلىنىۋاتىدۇ. يەنى، ئۇلار «سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئالدىدا ئۆزرەڭلار نېمە؟» دەۋاتىدۇ. يامانلىققا سۈكۈت قىلغۇچىلارغا: «سىلەر سۈكۈت قىلىپ خاتا قىلىۋاتىسىلەر، ئۇلار ئاڭلامدۇ - ئاڭلىمامدۇ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش» دەۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئاڭلاش - ئاڭلىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
سەن ئۇلارغا ئەسلەتكىن. سەن پەقەتلا ئەسلەتكۈچىسەن («غاشىيە» سۈرىسى 21 - ئايەت)
دېگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئاڭلاش - ئاڭلىماسلىقى ئۇلار بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى ئىش. ئەمما، ئەسلەتتىڭمۇ - يوق؟ سورىقىنى سەن بېرىسەن. ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپەڭ ئەمەس.
سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن. («غاشىيە» 22 - ئايەت)
يەنى، بۇ بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇغانىدى. بۇ ھەر بىرىڭلارنى مىكروفوندىن بىرنى تۇتۇپ، كامېرا ئالدىغا كېلىپ ھەر جۈمە خۇتبە سۆزلەڭلار، دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردە، دوستلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە نەسىھەتكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر بار. سىلەرنىڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭلاردا خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار بار. جىيەنلىرىڭلار ئىچىدە جۈمەگە بارمايدىغانلار بار. سىلەر بۇ كىشىلەرنى تونۇيسىلەر. سىلەر ئۇلارغا گەپ قىلىپ ئاۋارە بولۇشنىمۇ خالىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئۆزرەڭلار يوق. ئاللاھنىڭ سورىقىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن سىناپ بېقىشىڭلار كېرەك. بىر ئۇسۇلنى سىنىساڭلار ئەپلەشمىسە، باشقا ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشىڭلار كېرەك. گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار شەنبە كۈنى چەكلىمىسىنى بۇزغان كىشىلەردەك ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۇزغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش ھەققىڭلار يوق.
تەقۋادار بولغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا ئەسلىتىش كېرەك. («ئەنئام» سۈرىسى 69 - ئايەت)
خەق بىلەن نېمە كارىم دەيدىغان مۇسۇلمانلار ھۆكۈم پىچىشتا ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ، نەسىھەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىكى بىر سۈپەت ئۇلار ھۆكۈم پىچمايدۇ. گۇناھقا خۇمار بولۇپ قالغانلارغىمۇ ھۆكۈم پىچمايدۇ. بۇلار ئۆزگىرىپ تەقۋادارلاردىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەننى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى. («ئەئراف» سۈرىسى 165 - ئايەت)
بۇ يەردە ئەسلىتىلگەن كىشىلەر ئىككى گۇرۇپپا ئىدى. بىرى گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەر، يەنە بىرى نېمە كارىمىز، دەپ سۈكۈت قىلغۇچىلار.ئايەتتە بۇ ئىككى گۇرۇپپا جازاغا ئۇچرىغانلىقى، پەقەت كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلارنىڭ قۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنلەرنى قۇتقۇزدۇق، دېمەيۋاتىدۇ، پەقەت يامانلىقتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ.
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مەشھۇر بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىرىڭلار يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، قەلبىدە نارازى بولسۇن! بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر»
دوستلىرىڭلار، ئائىلەڭلەر ئىچىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش مەسىلىسىدە سىلەرنىڭ فىرئەۋنگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭلار يوق. سىلەر ئۇلارغا گەپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن كاللاڭلار ئېلىنمايدۇ. مازاققا ئۇچرىشىڭلاردىن، مەسخىرە قىلىنىشىڭلاردىن قورقۇپ ھېچنېمە دېمەسلىكىڭلار توغرا ئەمەس. ئائىلەڭلەردە زوراۋانلىق يۈز بەرگىنىدە، قورامىغا يەتكەن بىر ئوغۇل بولساڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ئاناڭلارغا زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىساڭلار، مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلمىغان بولىسىلەر. ئاتاڭلارنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، «ئاتا، مۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ» دېيىشكە تېگىشلىك كىشى دەل سىلەر. يامانلىقنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىڭلار كېرەك! ھېچبولمىغاندا قولۇڭلار بىلەن توسۇشۇڭلار كېرەك. بۇ پەقەت چىرىك ھۆكۈمەت ئالدىغا كۆكرەكنى كېرىپ چىقىش مەسىلىسى ئەمەس. بىز ئەتراپىمىزدا يامانلىقلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھېچنېمە قىلمايمىز. ئىشخانىلاردا كىشىلەر غەيۋات قىلىشىدۇ. سەن گەپ قىلماي جىم ئولتۇرىسەن. «ھېچبولمىغاندا مەن ئارىلاشمىدىم» دەيسەن، يوغىسۇ، سەن ھېچنېمە دېمەسلىك بىلەن غەيۋەتكە قېتىلغان بولدۇڭ. يامانلىقلارغا سۈكۈت قىلغۇچىمۇ گۇناھكاردۇر. پاسسىپلىق بۇ ئۈممەتتە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس.
نەسىھەت قىلغۇچىلار بىرىنچىدىن ئاللاھتىن قورقۇپ قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى، باشقىلارنىڭ يامان بولغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ نىجادلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن، باشقىلارنىڭ ئېرىشەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن باشقىلارنى دەۋەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرى جەننەت بېلىتىنى ئېلىپ بولۇپ، باشقىلارغا ئۇ بېلەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلمايدۇ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ئەمەس، بەلكى، ئۇلارمۇ تەقۋادارلاردىن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن نىيەتتە قىلىدۇ. ئەگەر قەلبىڭدە مۇشۇ ئۈمىد بولمىسا، باشقىلارغا ۋارقىراپ - جارقىراشتىن باشقىنى قىلالمايسەن. شۇڭا، بۇ باشقىلارغا نىسبەتەن شۇ ئۈمىدتە بولمىساڭ، سەن بۇ ئىشقا ماس كەلمەيسەن، دېمەكتۇر.
ئاللاھ بىزنى:
سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۇممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. («ئال ئىمران» سۈرىسى 110 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېگەن سۈپەتكە لايىقلاشقىلى نىسىب قىلغاي، گۇناھ - مەئىسىيەتنىڭ، گۇناھقا سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋابالىدىن ساقلىغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 29 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 5, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 62 - ئايەت)
بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى «ئىمان ئېيتقانلار» ئايرىم بىر پىرقىنى كۆرسەتمەي، كەڭرى ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ، «يەھۇدىيلار» مەنىسىنى بېرىدىغان «هَادُواْ» كەلىمىسى «قايتقۇچىلار» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ، «ناسارالار» مەنىسىدىكى «النَّصَٰرَىٰ» كەلىمىسى «ياردەم بەرگۈچىلەر» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ، «ٱلصَّٰبِـِٔينَ» كەلىمىسى «دىنىنى ئۆزگەرتكۈچى» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرەيشلىكلەر قۇرەيش دىنىنى تاشلاپ باشقا دىنغا ئىشەندى دەپ، شۇنداق ئاتاشقانىدى. يەنى، ئايەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا دېيىلگىنى «ئاللاھقا قايتقۇچىلار، ھەققە ياردەم بەرگۈچىلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنە - كۈلتۈرلىرىدىن ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلىنىپ، چىن ئېتىقادنى تاپقۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئۈچ شەرت بىلەن يەنى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئايەتتە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ زىچ باغلىنىپ بايان قىلىنىشى، ھەقىقىي ئىماننىڭ زۆرۈر تەرتىپىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. سەن ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشەنسەڭ، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىسەن. ئاللاھقا ئىشەنمىسەڭ، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغىمۇ ئىشەنمەيسەن. دۇنيادا ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئادىللىقى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنى ئاللاھ ياراتقان مەلۇم بىر مېخانىزم ھەل قىلغاندىلا ئاندىن ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش بولىدۇ. ئۇ مېخانىزم دەل ئاخىرەتتۇر. بۇ مېخانىزم بولمىسا، ئادالەتسىزلىكلەر ئادالەتسىز پېتى قېلىپ، تۈرلۈك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەر جازاسىنى تارتماي جازادىن قېچىپ يۈرمەمدۇ؟ شۇڭا ئاللاھ چىن ئىمان ئاخىرەتكە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرەتكە ئىماننىڭ بەنى ئىسرائىلغا تەكىتلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىتابىدىن ئاخىرەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرىۋەتكەن (ئىلگىرىكى ئايەتلەردە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاخىرەتكە ئىشىنىشنىڭ زۆرۈر نەرسە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى تەركىبىدە ئاخىرەت ئېتىقادى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ گۇناھ - مەئىسىيەتتىن قاچمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنىڭ پەقەت بۇ دۇنيا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى). ئىمان ۋە ئاخىرەت بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىككى نەرسە. سەن ئاللاھقا ئىشەنسەڭ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاخىرەتكە ئىشىنىسەن. بۇ سېنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئايەتتە بۇلاردىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان نەرسە ياخشى ئىش قىلىش. بۇ يەردە بەجايىكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، دېيىلىۋاتقاندەك. يەنى، بۇ ئۈچ نەرسە لوگىكىلىق سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
ئەمدى بېقىش نۇقتىسىدىكى پەرق مەسىلىسىگە كېلەيلى. مەن ئوقۇتقۇچى، سىلەر ئوقۇغۇچى. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ ئوقۇغۇچى تىرىشمايدۇ. ئۇنىڭدىن «تاپشۇرۇق ئىشلىدىڭمۇ؟» دېسەم «ياق» دەيدۇ، «سەن تىرىشمىدىڭ» دېسەم، «ياق، مەن تىرىشىۋاتىمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ ناھايىتى تىرىشچان. مەن ئۇنىڭ بەش يىلدىن بىرى دەرسىمدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا، ئۇنى تىرىشمىدى، دەيمەن. سىلەرچە كىمنىڭ قارىشى بەكرەك يوللۇق؟ مېنىڭ. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بىرى ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، ئاللاھ «ئۇلار ئىشەنمەيدۇ» دېسە، كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ! بىراۋنىڭ ئىمان ئېيتتىم دېيىشى، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتمىدىڭ، دېيىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن. چۈنكى، ئۇنىڭ گېپى ئېغىزىدىن چىققان گەپ. لېكىن، ئاللاھ قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى غەرەزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئايەتتە، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار» بىراۋنىڭ شەخسىي قارىشىدىكى ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتەمدۇ ياكى ئاللاھ نەزەرىدىكى ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتەمدۇ؟ «ئىلاھ ئۈچتۇر» دەيدىغانلار ئۆزلىرىچە «ئىمان ئېيتقان» ھېسابلانغان بىلەن، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە كاپىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئايەتتىكى ناسارالار «ئىلاھ ئۈچتۇر» دېمەيدىغان ناسارالاردۇر. يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىكى «بىز باي، ئاللاھ پېقىردۇر» دەيدىغانلارنىڭ ئۇلارنىڭ «ئاللاھقا ئىشەندۇق» دېيىشى ئاللاھ نەزەرىدە ئىمان ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلار دېگىنى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئاللاھنىڭ دېگىنىدەك ئىمان ئيېتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىماننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن. ياخشى ئەمەللەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئىمان ۋە ئەمىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولغاندىلا ئاندىن ئايەتتە بايان قىلىنغان نەتىجىگە ئېرىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. ئاللاھ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەقنى ئىزدىگۈچىلەرنى، ئۆزىگە سەمىمىي يېقىنلاشقۇچىلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
ئاللاھ بىزنى مۇكاپاتىغا نائىل بولغانلار جۈملىسىدىن قىلغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 26 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 4, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 62 - ئايەت)
ھەققىدە كۆپ تالاش - تارتىشلار مەۋجۇت بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
بەنى ئىسرائىل ئىزچىل «ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان قەۋم» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ باشقا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تەرك ئەتتى. ئاللاھ بەزىلەر گىرىپتار بولغان ئۆزلىرىگە قويۇلغان نامنى يېتەرلىك دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا ئىسپاتلاشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوقتەك ھېس قىلىدىغان بۇ خىل كېسەللىككە دىققىتىمىزنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ كېسەللىك دۇنيادىكى چوڭ دىنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ شۇ دىندا ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ھەق دىنىمىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ شۇ. «مەن كىرىش بېلىتىمنى ئېلىپ بولدۇم، شاھادىتىمنى ئېيتتىم، مەن مۇسۇلمان، ئەمدى باشقا مەسىلە يوق» دەپ ئويلايدۇ. گىرامماتىكا نۇقتىسىدىن بۇ ئايەت «ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىنلار»دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسىدىن باشلىنىپ، جۈملىنىڭ خەۋىرى كەلمەستىن تەكرار «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار» دەپ يەنە جۈملىنىڭ ئىگىسىگە قايتىدۇ. ئايەتنىڭ بېشىدا يەھۇدىي، ناسارا، سابىئىي دېگەن دىنىي ناملار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئەمەلىيەتنىڭ كىشىلەرگە بېرىلگەن نامدىن مۇھىملىقىغا دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، كىم ھەقىقىي ئاللاھقا ئىشەنسە، ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنسە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، يەنى، مېنىڭ كۆرۈشنى خالايدىغىنىم قەلبلەردىكى ھەقىقىي ئېتىقاد ۋە سەمىمىي ئەمەل، كىمدە مۇشۇلار بولسا، ئۇلارنى مۇكاپاتلايمەن، دەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتكە «نەتىجە سېنىڭ نامىڭغا قاراپ ئەمەس، قەلبىڭگە ۋە ئەمەلىڭگە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا، نامىڭغا ئىشىنىپ كەتمە» دېگەن نۇقتىدىن قاراش كېرەك. ئەمما، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئايەت «مۇسۇلمان، يەھۇدىي، ناسارا، سابىئىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھقا ئىشەنسە، ئاخىرەتكە ئىشەنسە، ياخشى ئەمەل قىلسا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. يەنى، سېنىڭ پەيغەمبەرگە بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا يەھۇدىي ياخشى يەھۇدىي بولسا، ناسارا ياخشى ناسارا بولسا يېتەرلىك» شەكلىدە چۈشىنىلىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ شەكىلدە چۈشىنىش بۇ ئايەتنىڭ كونتېكستى (ئالدى - كەينى باغلىنىشى) غا توغرا كەلمەيدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئەڭ باشتىلا ئىمان تىلغا ئېلىندى. ئالدىنقى پۈتۈن ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەنلىكى تەنقىد قىلىندى. كونتېكستكە بىر پۈتۈن ھالەتتە باققىنىمىزدا پۈتۈن مەزمۇننىڭ ئاخىرقى ۋەھىيگە ئىمان ئېيتىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر نۇقتىنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى نەەردىن ساقىت قىلالمايمىز.
ئايەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ داۋامى ئەتە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
ئاللاھ بىزنى ئايەتلىرىنى ئەسلى ھەقىقىتى بىلەن چۈشىنىشكە نىسىب قىلسۇن، ئازغۇنلۇقتىن ساقلىسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 25 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار