by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 3, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىنى ناچار نەرسىگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى. («بەقەرە» سۈرىسى 61 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بەنى ئىسرائىلنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى تەلەپلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
يېگۈدەك نەرسەڭ يوق، ئىلاجىسىز ھالەتتە قالساڭ، قانداق قىلىسەن؟ دۇئا قىلىسەن. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى دۇئا قىلمىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «رەببىڭگە دۇئا قىل» دېدى. «رەببىڭگە دۇئا قىل» دېگەن ئوخشاش گەپنى ئۇلار قارشى قىرغاقتىكى چاغدا ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ، فىرئەۋننىڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مىسىر كاتتىلىرىمۇ دېگەنىدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېلىھەم سېنىڭ رەببىڭگە ئىمان ئېيتىش نىيىتىمىز يوق، سەن دۇئا قىلىپ سورىغىن. بىز ئۇنىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى چۈشۈرگىمىز يوق» دېمەكچى ئىدى. ئاللاھ دېڭىزنى يېرىپ قۇتقۇزغان بۇ قەۋممۇ قارشى تەرەپتىكىلەرگە ئوخشاش گەپنى قىلىشتى. قۇرئاندا رەب كەلىمىسى «ئالەملەرنىڭ رەببى»، «ئىنسانلارنىڭ رەببى» دېگەندەك شەكىللەردە كېلىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ (ئۆزگەرتىلگەن) كىتابىدا «بەنى ئىسرائىلنىڭ رەببى» دەپلا كېلىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ مەركىزىدە ئاللاھقا ئىبادەت مەسىلىسى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ مەركىزىدە تۇپراق مەسىلىسى تۇرىدۇ: «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار»، «ئىسرائىلغا ۋەدە قىلىنغان تۇپراق» دېگەندەك. بۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئۆزگەرمەس كەلگەن مەسىلە.
ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «نېمە دەپ رەببىڭگە دۇئا قىلمايسەن، بىز تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى يەۋېرەمدۇق؟ بىزنىڭ سالاتلارنى، ھەرخىل تاماقلارنى يېگۈمىز بار» دېگەن تەلەپپوزدا تەلەپلىرىنى ئېيتىشتى ھەم مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كۆكتات دۇكىنىغا ئەۋەتكەندەك تىزىملىكتىن بىرنى بەردى: يېشىل ئوتياشلار، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىياز. ئۇلار دۇئا قىلىپ رىزق تەلەپ قىلىشمىدى، ئۆزلىرىگە سەۋر ئاتا قىلىشىنى تىلەشمىدى، بۇ نېمىدېگەن ھۆرمەتسىزلىك! ئۇلار سورىغان بۇ نەرسىلەر ئۆز ۋاقتىدا مىسىرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تاماققا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلىرى ئىدى. بۇلار ئۇلارنىڭ مىسىردا قۇل چاغلىرىدا كۆرگەن نەرسىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى سېغىنىشى تۈرمىدىن ئازاد بولغان بىرىنىڭ ئازادلىققا چىققاندىن كېيىن تۈرمىنىڭ تامىقىنى سېغىنغىنىغا ئوخشاش ئىش ئىدى. ئەگەر تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تۈرمىنىڭ تامىقىنى سېغىنساڭ، ئۇ يالغۇز تاماقنى سېغىنغىنىڭ ئەمەس، بەلكى تۈرمە ھاياتىنى سېغىنغىنىڭ بولىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ ھۆر ھاياتىغا شۈكرى قىلماستىن قۇللۇقتىكى تاماقلىرىنىڭ غەلۋىسىنى قىلىشى ئۇلارنىڭ مىسىردىكى خار، پەس كۈنلىرىنى سېغىنىش بولاتتى. شۇڭا، مۇسا ئەلەيھىسسالام: «ياخشى نەرسىنى ناچار نەرسىگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟» دېگەن سۆزىدە بىر قاتار نەرسىلەر بىلەن يەنە بىر قاتار نەرسىلەرنى سېلىشتۈرمىدى، بىر نەرسە بىلەن يەنە بىر نەرسىنى يەنى ئاللاھقا قۇللۇق بىلەن بىلەن بەندىگە قۇللۇقنى سېلىشتۇردى. ئىنسانلار بىر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن ھۆر بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ھۆرلۈك ئۇقۇمى پەقەت ئاللاھنىڭ سايىسى ئاستىدا بولغان قۇللۇقتۇر. قاچانىكى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ قۇلى بولسا، ئۇلار مودىنىڭ، ئېقىمنىڭ، پۇلنىڭ، باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ، باشقا ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ، ئۆلچەملەرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلىدۇ. پەقەت ئاللاھنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلايدۇ، بەندىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت غېمى بولمايدۇ. ئاللاھقا قۇلچىلىقنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋەجىدىن جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن يۈكىدىن ئازاد بولىدۇ. غەربلەشكەن جەمئىيەتلەر ئۆزلىرىنى تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە دەپ جار سېلىشىدۇ. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئامېرىكىدا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىپ باقمىغان. بۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىلاردا مەلۇم ئۇسلۇبىدا كىيىنىدىغان، مەلۇم ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىلارنى ئاڭلايدىغان، مەلۇم ئۇسلۇبتا سۆزلەيدىغان بىر توپ بولىدۇ. ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئۆتمەكچى بولساڭ، ئاشۇلاردەك بولۇشۇڭ شەرت. ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىلا ئەمەس، تەلەپپوزى، ئاڭلايدىغان مۇزىكىسى، يۈرۈش - تۇرۇشى ھەممىسى ئۇلارنىڭ «فورما»سىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن سەنمۇ شۇ «فورما»نى كىيىشىڭ كېرەك. بۇ خىل ئىجتىمائىي قۇللۇق ئېڭى سىڭىپ كەتكەن مۇھىتتا، چوقۇم بىرلىرىدەك بولۇشۇڭ كېرەك، ئۆزۈڭ بولالمايسەن. قىزلار بىرىنىڭ سومكىسىدەك سومكىغا ئېرىشىشنى ئۆلگۈدەك ئارزۇلىشىدۇ، ئوغۇللار مەلۇم ماركىلىق ئاياغنى كىيىشكە زار بولۇشىدۇ. ئۇچاڭدا مەلۇم بىر ماركىلىق كىيىم بولمىسا، سېنىڭ ھېچ قىممىتىڭ بولمايدۇ. كىشىلەر سېنىڭ ئۈستىۋېشىڭغا، كىيگەن ماركاڭغا قاراپ سېنى ئادەم سانايدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ماركىلار، مودىلار ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ خىل ئىجتىمائىي قۇللۇق ئېڭى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىڭنى تونۇغىنىڭدا بۇ خىل يۈكلەرنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلىسەن. مانا بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېمەكچى بولغىنى ئىدى.
ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندە ئۇنىڭغا «چۈشۈڭلار» دېيىلگىنىدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ سامساق، يېسىموق... كويىغا چۈشكەندە ئۇلارغا «چۈشۈڭلار» دېيىلدى. قورساق كويى ئەزەلدىن ئىنسانلارنى ئەزىزلىكتىن خارلىققا چۈشۈرۈپ كەلدى...
ئاللاھ بىزنى ھۆرلۈكنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، تۇزكورلۇقتىن ساقلىسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 24 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 2, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 59 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئايەتتىكى «دەرۋازىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار» ئەمرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇددۇس فەتھىدە ئۇلاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بوينىنى ئېگىپ، بېشىنى ئۇلاغنىڭ بوينىغا تەگكۈزۈپ، ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلدۈرۈپ كىرگىنىگە ئوخشاش كىرىشنى كۆرسىتىدۇ. سەجدىدە دېيىش بۇيرۇلغان «يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن» كەلىمىسىنىڭ تەپسىرى «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتىدىكى «بىزگە بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن» دېگەن قىسىمدىدۇر. راھەت نەپەس ئېلىشىمىز ئۈچۈن، يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكىن، دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغىنىمىزنىڭ ئۆزىلا بۇ دىننىڭ كىشىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنىڭ ئىشارىتى. ئاللاھ قۇرئاندا شۇنداق دېگەن:
ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى. («نىسا» سۈرىسى 28 - ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن شۇنىسى ئايانكى، كىمىكى ئاسايىشلقنىڭ، نۈسرەتنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭغا ئېچىلغىنىدا ئاللاھقا شۈكرى قىلىشنى بىلسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئىنسانلار ئادەتتە قىيىنچىلىق چاغلىرىدا ئاللاھقا يۈزلىنىدۇ. ئائىلىسىدە كېسەللىك، ئۆلۈم - يىتىم بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسا ۋە باشقا سىناقلار كەلسە ئاللاھنى كۆپ ئەسلەيدۇ. پۇل - مېلى كۆپ، ئەمىلى ئۆسكەن، يېڭى ماشىنا، يېڭى ئۆيلىرى بولغان، توققۇزى تەل چاغدا سەجدىگە بېرىپ، «ئاللاھ يۈكۈمنى يەڭگىللەتكىن» دەپ دۇئا قىلمايدۇ، ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. باشقىلار ئاللاھنى ئەسلەشنى ئاگاھلاندۇرغىنىدا، «بولدى قىلە، ئارامىدا قويە ئادەمنى، يەنە خۇتبە سۆزلىگىلى تۇردۇڭ، بۈگۈن جۈمە ئەمەس» دەيدۇ. ياخشى كۈنلەردە ئاللاھنى ئەسلەش كىچىك ئىش ئەمەس، ئاسايىشلىقتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ پەقەت يۈكسەك ئىمانغا ساھىپ ئېھسان ئەھلى كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. غەلىبە - نۈسرەت پەيتى پەخىرلىنىپ، كۆرەڭلەپ، ۋارقىراپ - جارقىرايدىغاندىغان ئەمەس، نۇسرەت نىسىب قىلغان قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلدۈرىدىغان پەيتتۇر.
ئاللاھ بىزنى ھۇزۇر - ھالاۋەتتە شۈكۈر بىلەن، قىيىنچىلىقتا سەۋر بىلەن زىكرىنى داۋام قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 23 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 2, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار. («بەقەرە» سۈرىسى 51 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ موزايغا چوقۇنغان ۋەقەلىكىنى كۈنىمىزدىكى شېرىك ئىبادەتلەرگە تەققاسلاپ شۇنداق دەيدۇ:
مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتسە، ئۆگۈت - نەسىھەتلەرنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئاجايىپ - غارايىپ ئەمەل - ئىبادەتلەر ئىگەللەيدۇ. كىشىلەر نەدىن پەيدا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ ئەمەللەرنى سۈرۈشتە قىلماستىن ئەگىشىشكە باشلايدۇ. ئاجايىپ ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ھالقا بولۇپ سەكرەشسە ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ. بەزىدە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىر جىنكەشنىڭ يامانلىقىنى، جىن ۋاسىتىسى بىلەن ئەر - ئاياللارنى ئايرىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ ئىشلار بەنى ئىسرائىلنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ دەل ئۆزى. بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلىرىمىز شۇ قەدەر نادانكى، ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن مۇشۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرماقچى بولساڭ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللەرگە ھېسسىيات جەھەتتىن شۇنچىلىك چوڭقۇر باغلىنىپ، ئۇلارنى قوغداش تەرەپتارى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسەن. ئۇلارغا بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە قەبرىلەرگە ئوچۇق - ئاشكارا سەجدە قىلىدىغان، قەبرىگە ئاپىرىپ، ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان، قەبرە ئەھلىدىن مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغان ئىشلار بار. «بۇ ئىشلارنى نەدىن تاپتىڭلار؟» دەپ سوراپلا قويساڭ، ئۆلگىنىڭ شۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ چارىسى نېمە؟ بۇلارنىڭ چارىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا قايتىش. چۈنكى، كىشىلەردە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا سۆيگۈ ئويغانغىنىدا ئۇلار بۇ خىل ئىشلاردىن يىراقلىشىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان قەۋمىگە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن كەلگەنىدى. بۇ كۈنلەردە بىز قۇرئاندىن يىراقلىشىپ كەتكەچكە ئىچىمىزدە مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. مەن ھۆددە قىلالايمەنكى، ئاشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار «فاتىھە» سۈرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئوقۇپ باقمىغان. «ئىخلاس» سۈرىسىنىڭ مەنىسىگە ھەقىقىي چۆكۈپ باقمىغان. «بەقەرە» سۈرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ باقمىغان. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاننىڭ قەلبلەرنى پاكلايدىغانلىقىنى، ئويلىرىڭنى، تۇيغۇ - ھېسلىرىڭنى پاكلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنى كۆرگەندە «بۇ شېرىك، بۇ ھارام، بۇ بىدئەت» دېسەك، ئۇلار تېخىمۇ تەرسالىشىپ، ئۆزىنىڭ ناتوغرا ئەمەللىرىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ. شۇڭا، بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس، بۇ ھېچنېمىنى ھەل قىلمايدۇ. پەقەت «مەن ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم» دەپ ئويلايسەن - خالاس. توغرىسى، شۇنداق كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ، «كېلىڭلار فاتىھەنى ئۆگىنەيلى، بەقەرە سۈرىسىنى كۆرۈپ باقايلى، ئال ئىمرانغا قاراپ باقامدۇق؟» دېيىش. چۈنكى، شېرىك ئەمەللەرگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە قۇرئانغا مۇھەببەت بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيگۈسى بولىدۇ. شۇ سۆيگۈنى ئۇرغىتالىساڭ، ئۇلارنىڭ توغرا چۈشەنچىلىرىنى كېڭەيتەلىسەڭ، بارا - بارا قەلبىدە خاتا چۈشەنچىلەرگە ئورۇن قالمايدۇ. مەككە ئەھلىدە پۈتۈن يامان خۇلقلار مەۋجۇت ئىدى. شۇلارنى تۈزىگەن نەرسە پەقەت ۋە پەقەت قۇرئان. نېمىشقا قۇرئان يەتمەيدىغاندەك ئويلىۋالىسىلەر؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى يوقىتىشتا تۇتقان يولى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈش ئىدى. بىز قۇرئاننىڭ ئۆگەنگۈچىلىرى، ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى بولساقلا، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى قۇرئان ئۆزى تازىلايدۇ. دىللاردىكى كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاننىڭ شىپا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولىدىن ئايرىمىسۇن، قەلبلىرىمىزنى قۇرئان نۇرىدا پاك ۋە ساغلام تۇرغىلى نىسىب قىلسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 22 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 1, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئىنسانلارنى ياخشى بولۇشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇيسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ («بەقەرە» سۈرىسى 44 - ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
يۇقىرىدىكى ئايەت ماڭا ئوخشاش دىنىي تەلىم - تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا «ئەينەككە قاراپ گەپ قىل» تەرىقىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بىر نەرسە ئۆگەتكىنىڭدە ئۆزۈڭ ئۆگەتكەن نەرسىگە سەمىمىي بولۇشۇڭ كېرەك. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئالىملىرى توغرىلىق ۋە ياخشىلىق ئۆلچىمىنى ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭغا رىئايە قىلالمايدىغان دەرىجىدە شۇ قەدەر يۇقىرى بېكىتىۋەتكەن. بەزىدە سورۇنلىرىمىزدا سالىھ ئالىملار ھەققىدە قىسسىلەر سۆزلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرىق كېچە ئۈزۈلدۈرمەي تەھەججۇدقا تۇرىدىغانلىقى، خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن بامدات ئوقۇيدىغانلىقى، ئۈچ كۈندە بىر قۇرئاننى تامام قىلىدىغانلىقى، پۈتۈن بارلىقىنى سەدىقە قىلغانلىقى… دېگەندەك سۈپەتلىرى ئاۋامغا يەتكۈزۈلگىنىدە پەرھىز ئەمەللەردە تەستە ئورۇنلايدىغان كىشىلەر بۇ دىن دەرىجىدىن تاشقىرى سالىھ كىشىلەرگە مۇۋاپىق چېغى دەپ ئويلاپ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ دىندىن يىراقلىشىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇ قىسسىنى سۆزلەۋاتقانلار ئۆزۈڭلار قىرىق كېچە ئۈزمەي تەھەججۇد ئوقۇمسىلەر؟ ئىسلامنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىدىغان ساھابىلەرگە بۇيرۇلغان نەرسە «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار» ئىدى. ئۇنىۋېرستىت ئوقۇشىنى باشلىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى دەرسكە كىرگەن پىروفېسسور: «مېنىڭ دەرسىمدىن %95 ئوقۇغۇچى ئۆتەلمەيدۇ» دەپ باشلىسا، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇ دەرسنى تاشلاپ، باشقا دەرس تاللايدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن قۇرئاننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىگە يۈكلىۋالغان يۈكنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان:
… ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ…. («ئەئراف» سۈرىسى 157 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەمەللەرگە قويغان شەرتى ئاز ساندىكى «قىل ۋە قىلما»لارنىڭ توپلىمى - خالاس. ئەڭ چوڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەر ناماز، زاكات… قاتارلىقلار. ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ گۇناھلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا - ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق… قاتارلىقلار، بۇلار قۇرئاندىكى بىزگە بۇيرۇلغان ئىشلار. بۇلاردىن سىرت سۈننەتلەر مەۋجۇت. سۈننەت ئەمەللەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قازىنىش ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىدۇر. مەسىلەن، پەرھىز نامازلارنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سۈننەت نامازلار، زىكىرلەر، ئىستىغپارلار، دۈشەنبە، پەيشەنبىدە روزا تۇتۇش، تەھەججۇد دېگەندەك ئەمەللەر. بۇلار قىلىنسا ئەۋزەل، قىلىنمىسا، گۇناھكار بولمايدىغان ئەمەللەر. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە پەرھىز ئەمەللەر تاشايىنىدىكى ئەمەللەر شۇ قەدەر كۈچلۈك تەكىتلەنگەنكى، نورمال بىر مۇسۇلمان پەرھىز ۋە سۈننەت ئەمەللەر ئارىسىدىكى پەرقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئاۋۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، مەن تۇغۇلغان دۆلەتتە پېشىننىڭ ئالدى - كەينىدىكى سۈننەتلەر پەرھىزى بىلەن قوشۇلۇپ، پېشىن نامىزى مۇشۇ، دەپ ئۆگىتىلىدۇ. ھېچكىمگە تۆت رەكەت پەرھىزنىلا ئوقۇساڭ بولىدۇ، دېيىلمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە سۈننەتلەرگە كۆنمىسە، پەرھىزنىمۇ تاشلىۋېتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى. دىنغا مايىل بولغان بىرى قانچە رەكەت ناماز ئوقۇيدىغىنىنى سورىغىنىدا بۇلار سۆزلەنسە، «ۋاي - ۋۇي، بۇلارنى مەن ئوقۇپ بولالمايمەن» دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلارغا ئەڭ بولمىغاندا پەرھىزىنى ئوقۇش ئېيتىلغان بولسا، بەلكىم نامازنى تەرك قىلىشتەك چوڭ گۇناھتىن سااقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز مۇسۇلمانلارنى ساقلاپ قالىمىز، دەپ ئەڭ تۆۋەن شەرتنى يۇقىرى بەلگىلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاز ساندىكىلەر بۇنى كۆتۈرەلەيدۇ، كۆپ ساندىكىلەر پۈتۈنىنى تەرك ئېتىدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ھارام قىلىنغان ئىشلاردىمۇ مەۋجۇت. ئوچۇق ھارام قىلىنغان نەرسىلەرگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ھارامدۇر. بەزىدە فەقىھلەر بۇ نەرسە ھارام ئەمەس، ئەمما، ھارامغا ئاپىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ھارام، دەيدۇ. بىر قېتىم بىر ياشلار يىغىلىشىغا بارغانىدىم. ماڭا نۆۋەت كېلىشتىن بۇرۇن بىر شەيخ 45 مىنۇت نېمە ئۈچۈن يۇتۇبنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزلەۋاتقاندا لېكسىيە نەقمەيدان يۇتۇبتا تارقىتىلىۋاتاتتى. ئۇ تايانغان نۇقتا «يۇتۇبتا سېنى ھارامغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى تەرك ئېتىش كېرەك» ئىدى. بۇ «پەتىۋا»مۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئىدى. بۇ خاھىش كۆپەيسە، «ھارام»لار ئاۋۇپ، نورمال بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھارام دېيىلىدىغاندەك بىلىنىپ، دىندىن يىراقلىشىشى مۇمكىن. مەن فەقىھ ياكى مۇپتى ئەمەس، بۇ سۈپەتلەرگە يېقىنمۇ كېلەلمەيمەن. بىر نەرسىنىڭ ھالال - ھاراملىقىنى يەتكۈزمەكچى بولسام، بىر فەقىھتىن سوراپ سىلەرگە يەتكۈزىمەن. بەزىدە ھەممىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھارامغا چىقىرىدىغان ئۆلىمالارنىڭ ئۆزى ھارام دەيدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. مەسىلەن: «سۈرەتكە چۈشۈش قەتئىي ھارام» دەيدىغان بىر ئۆلىمانىڭ پاسپورتقا سۈرەتكە چۈشكىنىنى كۆرۈپ، «ھارام ئىدىغۇ» دېگىنىڭىزدە «بۇ زۆرۈرىيەت» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «سىز پاسپورت بىجىرىپ ھەجگە ئەمەس، ئۆمرىگە بارماقچى، ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھارام ئىش قىلىش توغرىمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەردە سەمىمىي بولغان تۈزۈك. مانا بۇ ئايەتتىكى «ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟» دېگەن نۇقتا. بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرى ئىلىملىك ئىدى. شۇڭا، ئۇلارغا «بىلمەمسىلەر» دېيىلمىدى، «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېيىلدى. قۇرئاندا «بىلىش» بىلەن «ئەقىل ئىشلىتىش»نىڭ پەرقى بار. بەزىلەر بىر نەرسىنى بىلىشى مۇمكىن، ئەمما، ئۇنىڭ ھەققىدە ئويلانماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر قۇرئاننى كۆپ بىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ھەققىدە تەپەككۇر قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەدىسنى يادلىغان بولۇشى، ئەمما، ھەدىس ئۈستىدە ئويلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. قۇرئاندا ئىزچىل تەنقىد قىلىنغان نەرسە «نېمىشقا بىلمەيسىلەر؟» ئەمەس، بەلكى، «نېمىشقا ئەقىل ئىشلەتمەيسىلەر؟». ئالىملار، رەھبەرلەر، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى ئۇلارنىڭ توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغانلىقىنى، تەپەككۇر جەريانىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىلىمسىز قالغان كىشىلەردە مەسىلە بولسا، ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تەلىم - تەربىيە شەرت بولىدۇ. لېكىن، ئىلىملىك كىشىلەردە مەسىلە بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ مېڭىسى ئىلىمگە توشۇق كىشىلەردە مەسىلە كۆرۈلسە، بوشلۇقنى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدەش كېرەك. شۇڭا، ئاللاھ كېيىنكى ئايەتتە «سەۋر ۋە ناماز بىلەن ياردەم تىلەڭلار» دەيدۇ.
ئاللاھ ئالىملىرىمىزنى، دەۋەتچىلىرىمىزنى توغرىغا يېتەكلىگەي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 21 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 30, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 45 - ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
«فاتىھە» سۈرىسىدىكى «سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» ئايىتىدىكى ياردەمگە قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەرەبچىدە «ياردەم» مەنىسىدىكى سۆزلەر كۆپ، بۇ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن «ﺍﺳﺘﻌﺎﻧﻪ (ياردەم)» كەلىمىسى بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ، يەنىلا بولمىغاندا ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم سورىغان چاغدا قوللىنىلىغان ئىبارە. مەسىلەن، ماشىناڭنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە، چاقنى ئۆزۈڭ چىقىرىپ رېمونت قىلىشنى قاملاشتۇرالمىغاندا بىردىن ياردەم ئالساڭ، بۇ كەلىمە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما، چاق ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ماشىناڭدا قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ، بىرىگە «ھەي ياردەم قىلىۋېتە» دېگەندە بۇ كەلىمە ئىشلىتىلمەيدۇ. يەنى، بۇ يەردىكى ياردەم تىلەش «ئاللاھ، مەن قولۇمدىن كېلىدىغاننى قىلدىم، سەن ياردەم قىلمىساڭ، بۇ ئىشنى بىجىرەلمىدىم» نۇقتىسىدىكى ياردەم تىلەشتۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە ياردەم تىلەڭلار، دەۋاتىدۇ. ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئاللاھ سىلەرگە سەۋر ۋە ناماز بېرىلدى. باشقا نەرسىلەر سورىماقچى بولساڭلار، بۇ ئىككىسىنى ئىشلىتىپ سوراڭلار، دەيدۇ. ئەڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ:
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن. («تاھا» سۈرىسى 130 - ئايەت)
دەپ ئوخشاشلا سەۋر ۋە نامازنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈشكۈلچىلىككە دۇچ كەلگىنىدە ناماز ئوقۇپ يەڭگىللەيتتى. «كۆزلىرىمنىڭ خۇشاللىقى — ناماز» دەيتتى، يەنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىكى پاناھگاھى ناماز ئىدى. شۇڭا، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىرىنچى بولۇپ قىلىنىدىغان ئىش مۇستەھكەم تۇرۇپ بەرداشلىق بېرىش، بەرداشلىق كۈچىنى نامازغا ئارقىلىق ئاشۇرۇشتۇر. ئەمما، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ناماز گۈلدۈر - گۇپپاڭ ئوقۇلىدىغان ناماز ئەمەس، صلاة (ناماز) ئەرەب تىلىدا باغلىنىش دېمەكتۇر، يەنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىڭدا، ئۇ زاتقا ھەقىقىي باغلىنىش. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ «ناماز ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك» دەيدۇ. ئەسلىدە ناماز تەس ئىش ئەمەس، كۈندە ھەر بىر نەچچە سائەت ئىچىدىن بىر نەچچە مىنۇتنى تاھارەت ئېلىشقا، نامازغا سەرپ قىلىش بەك كۈچ كېتىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما، نامازنى ھەقىقىي مەنىدە ئاللاھقا باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈچ - قۇۋۋەت تاپىدىغان شەكىلدە ئوقۇش تەس. خۇشۇ بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھالەتتە ئوقۇش تەس. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىقلىشىش تەس. خۇشۇ دۇنيادىن ئالاقىنى ئۈزۈپ، باشنى تۆۋەن سېلىپ، يەرگە قاراپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرىدىغان ھالەتنى كۆرستىدۇ. بىرىدىن خىجىل بولساڭ، كۆزۈڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەرگە قارىشىڭ، ئاۋازىڭنى پەسەيتىشىڭ، خۇشۇنىڭ ھالەتلىرىدىن. بىز نامازدا ئەينەن شۇنداق بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ، يەرگە قاراپ، قول باغلاپ تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرىمىز. ئاۋازىمىزنى تۆۋەن قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەنچىلىكنىڭ ئالامىتى، خۇشۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان تەرىپى. مۇشۇ ئالامەت قەلبتىمۇ ئەكس ئەتمىگىچە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش تەس. بۇ ئايەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى قورقۇش، ئەيمىنىش بولماستىن ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ كەلمەيدىغانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ناماز ئوقۇپلا قالماي، نامازلىرىمىزغا خۇشۇ روھىنى سىڭدۈرۈشىمىز شەرت.
خۇشۇغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، خۇشۇغا ئېرىشىش ئۇنچە تەس ئەمەس، ئەمما، دائىم خۇشۇ ئىچىدە بولماق تەس، ئۇنىڭغا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. قىسقىچىلا ئېيتسام، خۇشۇغا ئاللاھنىڭ كىتابىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئاللاھ بىزنى خۇشۇ ئەھلىدىن قىلسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 20 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار