by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 29, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار! («بەقەرە» سۈرىسى 40 - ئايەت)
«ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇپ، بۇ ئايەتتە نېمەت كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدە ئەمەس، بىرلىك شەكلىدە كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىبن ئەشۇر، ئىمام رازى، كەششاف، ئىبن كەسىر تەپسىرلىرىدىن ئىزدەنگەنىدىم، تەكرار ئىزدىنىش داۋامىدا ھامىدۇددىن فاراھى رەھىمۇللاھنىڭ يازغانلىرىدىن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان نېمەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىقى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئىكەنلىكى ئايان بولدى» دەيدۇ ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان. «فاتىھە» سۈرىسىدىمۇ ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەيدىغان ئايەت «سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ (نېمەت ئاتا قىلغانلارنىڭ) يولىغا باشلىغىن» بولۇپ، نېمەت ھىدايەت بىلەن باغلانغان ئىدى. نېمەت كەلىمىسى باشقا تىللارغا بەرىكەت دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان، «يەڭگىلچىلىك، ھۇزۇر، ئاسايىشلىق» مەنىسىدىكى بۇ سۆزگە قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر خەۋپ، غەم - قايغۇ، بېسىم… بۇ ئايەتتىن بىر ئايەت ئاۋۋالقى ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەر ھەققىدىكى ئايەتتىمۇ:
…بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ… («بەقەرە» سۈرىسى 38 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېيىلىپ، ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ خەۋپتىن ئەمىن بولىدىغانلىقى، غەمكىن بولمايدىغانلىقى، يەنى نېمەت ئىچىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئاللاھنىڭ تارىختا ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۈستۈن قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغىنىدەك گېنى، ئاتىسىنىڭ كىملىكى، پەرقلىق ئىنسان تۈرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئۇلارغا ئاتا قىلغان ھىدايەت تۈپەيلىدىن ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ بۇ تەرىپى ئوخشاش، يەنى ئاللاھ بۇ ئۈممەتنىمۇ ھىدايىتى بىلەن شەرەپلەندۈردى، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھىدايەتكە ئەگەشكىنىڭدە ئەتراپىڭدىكى ھەممە نەرسە سېنىڭ ئۈچۈن بەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ھىدايەتسىز قالغىنىڭدا ھەممە نەرسە لەنەتكە ئۆزگىرىدۇ. ھىدايەت ئۈستىدە بولۇپ، يەيدىغانغا كىچىككىنە نەرسەڭ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولىدۇ، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە، ساغلاملىقتا سېنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق، بەرىكەت بولىدۇ. ھىدايەتتىن يىراق بولۇپ، توققۇزۇڭ تەل بولسىمۇ، ھېچنەرسەڭ سېنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق، بەرىكەت بولمايدۇ. يەنى، بىر نەرسە — ھىدايەت — سېنىڭ ھاياتىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ ئاداققى كۆرسەتمىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرىلىكتۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە خەيرىلىكتۇر. بۇنداق بولۇش پەقەت مۆمىن كىشىگىلا نىسىب بولىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى)
1445 - يىل رامىزاننىڭ 19 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 28, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان تارىخ بىلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرگە ئائىت تارىخنى بىلىش زۆرۈر، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى چۈشىنىش، ھېچبولمىغاندا ئىككى ئۈچ يۈز يىل مابەينىدە بېشىمىزغا نېمىلەرنىڭ كەلگىنىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. ئويلاپ باقايلى، ئالجىرىيەلىك مۇسۇلمانلار، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلار، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار، مالايشىيالىق مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ياۋروپا مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغان. فىرانسىيە، ئەنگلىيە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىر مۇنچە يەرلىرىنى مۇستەملىكە قىلىپ، مائارىپ سىستېمىلىرىمىزنى ئۆزگەرتكەن. ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمىزدىن تىللىرىمىزنى چىقىرىپ تاشلىغان. بۇرۇن ھىندىستان ئۆلىمالىرى ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە ئەسەرلەرنى يازالايتتى، ئۈچ تىللىق ئىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئەرەب تىلىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن سىستېمىلىق يوقاتتى. ئىسلامىي كالىندارىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇردى...
بۈگۈنكى كۈندە دىنىمىز تارقالغان تۇپراقلارغا بېرىپ ئەرەبچە سۆزلىسە، يەرلىكلەر دىمىقىنى قېقىشىدۇ. ئىنگلىزچە سۆزلىسە، ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ. يەرلىكلەرنىڭ كىيىمىنى كىيسە، دىمىقىنى قېقىشىدۇ، غەربچە كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيسە، ھەۋەس بىلەن قارىشىدۇ. بىزلەرنىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان زېھنىمىز شۇ پېتى قېلىپ قېلىغلىق. بۇ ئىسلامنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ تارىخنى قانچە روشەن بىلسەك، كىملىك ئېڭىمىز شۇنچە كۈچىيىدۇ، بۇ جەمئىيەتكىلا ئەمەس، ئائىلىلىرىمىزگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئوغلى رامىزاندا ساقال قويۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، «نېمانچە رادىكاللىشىپ كەتتىڭ، بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق ئىش يوق. داداڭغا نېمە دەيمەن، تاغاڭ نېمە دەپ قالىدۇ؟ ئۆچكىدەك ساقال قويىۋالساڭ، ساڭا كىم تېگىدۇ؟» دېگەن گەپنى ئاڭلايدۇ. شۇلارنىڭ بىر - ئىككى ئەسىر بۇرۇن ياشىغان بوۋىلىرىنىڭ سۈرىتىنى بىر يەردىن تاپقىلى بولسا، ئۇ كىشىنى چوقۇم ساقاللىق كۆرۈشكەن بولاتتى. بۈگۈن ساقال قويماقچى بولغان بالىلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقان بۇ مەنزىرىنى بوۋىلىرى كۆرسە قانچىلىك بىئارام بولار بولغىيدى، ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بىزلەر تارىخىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشتۇق. بۈگۈنكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىدىكىلەر 70 - 80 يىللار بۇرۇن بوۋىلىرىنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قان تۆككىنىنى بىلمەيدۇ. بۈگۈنكى ئەزان ياڭراپ تۇرغان مەسچىتلەر شۇ زامانلاردىكى ئاتا - بوۋىلارنىڭ كېچە - كېچىلەپ تەھەججۇدتا «ئاللاھ، بىزنىڭ بېشىمىزدىن زۇلۇمنى كۆتۈرىۋەتكىن، ساڭىلا ئىبادەت قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى بەرگىن» دۇئا قىلىشى، قان تۆكۈشى، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى بەدىلىگە كەلگەن. ئۇلار شۇنداق قىيىنچىلىقتا ساقلاپ قالغان بۇ دىن ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرىگە كەلگەندە، «ھەپتە ئاخىرى كۇرستا ئىسلام ئۆگىنىمەنما؟ ۋايجان» دەيدىغان ھالەتكە كەلدى. شۇ بوۋىلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى بۇ دىنغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ بالىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئارىسىدىكى ئاسمان - زېمىن پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە دەل ئاشۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى بىلمەسلىك! «فاتىھە» سۈرىسىدىكى «سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېگەن ئايەتتىكى ئاللاھ ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولى تارىخ ئۆگىنىش بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 18 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 27, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
بىز ئۇلارغا: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 38 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنىڭ «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» قىسمى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:
تىلشۇناس دوكتور فازىل سالىھ ئەسسامىرائىي قۇرئاننىڭ بايان ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم. بىر پروگراممىدا رىياسەتچى ئۇنىڭدىن: «ئۇستاز قۇرئاندا سىزنى يىللارچە ئويلاندۇرغان بىر ئايەت ئۇچرىغانمۇ؟» دەپ سورىغاندا، «شۇنداق بىر ئايەت ھەققىدە ئىككى يىل ئويلاندىم» دەيدۇ، قايسى ئايەتلىكى سورالغاندا، «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىز غەمكىن بولمايدۇ» دېيىلگەن ئايەتنى كۆرسەتكەن. «بۇ ئايەتتە سىزنى بۇنچە ئويلاندۇرغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىغاندا، «بۇ ئايەتتىكى كەلىمىلەرنىڭ ئورنى ئۆزگەرسە، ئىپادىدىكى مۇكەممەللىك غايىب بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئايەتتە «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر» دېيىلمىدى. شۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەيلى، بىرى تۈرمىگە كىرسە، ئائىلىسىدىكىلەر يىغلاپ - قاقشىسا پايدىسى بارمۇ؟ ياق. بىرى دوزاخقا تاشلانسا، باشقىلار ئاھ ئۇرۇپ يىغلىسا، قايغۇرسا، پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭغا بىر ياردىمى بولامدۇ؟ ياق. باشقىلار بولىدىغان بىر ئىشتىن تەشۋىشلەنسە، ئەندىشە قىلسا، ساڭا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۆتكەن ئىشقا قايغۇرسا، ساڭا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ غەمكىن بولمايدىغانلىقى، يەنى غەم - قايغۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنى ھېس قىلمايدىغانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. ئەندىشە، قورقۇنچ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بەزىدە غەم - قايغۇ جىسمانىي زەخمدىن بەكرەك كىشىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ.
ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ئەندىشە - قورقۇنچنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. پەقەت ھەقىقىي خەۋپنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق بىر مىسال ئالايلى. بىر قىزچاق ئويۇنچۇق يىلانىنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ئوينايدۇ، بوينىنى قىچىقلايدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي يىلان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئاتا - ئانىسى بىر كۈنى ئۇ يىلاننىڭ قىزىنى چېقىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا، قىزىغا ئويۇنچۇق ئېيىق ئەكىلىپ بېرىدۇ. قىزچاق ئويۇنچۇق ئېيىقنى كۆرگەن زامات قورقۇپ يىغلاشقا باشلايدۇ. دېمەك، كىشىنىڭ تەشۋىش، قورقۇنچى ھەقىقىي خەۋپتىن بولماسلىقى مۇمكىن، بەزىدە ھەقىقىي خەۋپ بار ھالەتتە كىشى ئۇنىڭدىن قورقماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ئايەتتە ئاللاھ «ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر» دەيدۇ. يەنى، قورقسۇن، قورقمىسۇن بۇ بەندىلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي خەۋپنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇشەققەت ئىچىدە ياراتتى. بۇ ھايات تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە تولغان. بەزىلىرىمىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا، بەزىلىرىمىز تەن ساقلىقىمىزدا مەسىلە بار، بەزىلىرىمىزدە ھېسسىيات مەسىلىمىز بار، بەزىلىرىمىزنىڭ بىزگە يېقىن ئاتا - ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، جۆرىلىرىمىز، نەۋرىلىرىمىز، تاغىلىرىمىزنىڭ غېمى بىلەن. بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا دىللارغا شىپا بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ دەرت - ئەلەملەر غايىب بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما، بىز ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى، قانداق ماسلىشىشنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بىلەلەيمىز. ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇئمىنلارنىڭ قەلبلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇلارغا قىيىنچىلىقلاردىن ھالقىيالايدىغان روھىي كۈچ بېرىدۇ، بۇ كۈچ باشقىلارغا نىسىب بولمىغانلىقتىن ئوخشاش قىيىنچىلىق ئۇلارنى غەرق مەست يۈرۈشكە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىمان باشقا بىر نەرسە. مەن لوئىزانادا ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ ھېكايە كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دېڭىز بويىدا بولۇپ، ئاپتوموبىل تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. دىندار ئائىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بانكا ئۆسۈمى دېگەنلەرگە يېقىن يولىمايتتى، تىجارەتنى نەق پۇل بىلەنلا قىلاتتى. كاترىنا ئاپىتىدە دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ماشىنىسى ئېقىپ كېتىپ، بىرلا ماشىنىسى قالغانىدى. ئاپەتتىن بىر يىل كېيىن ئۇلارنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇلار شۇ ماشىنىسى بىلەن پىسا توشۇيدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانىكەن. ئايدا بىرەر يېرىم مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغان بۇ ئائىلە ئەمدى پىساخانا ئېچىپ، ئائىلە ئەزالىرى شۇ يەردە ئىشلەۋېتىپتۇ. باشقىلارنىڭ بېشىغا بۇنداق ئاپەت كېلىپ، ئايدا مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغان ھالەتتىن ھېچنېمىسى يوق ھالەتكە چۈشسە، قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىلەر. بۇ ئىش كىشىنى تۈگەشتۈرۈپ ئۆلىۋېلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چىرايىدا ھېلىھەم تەبەسسۇم پارلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن: «سەن نېمىشقا ھېلىھەم خۇشال؟» دەپ سورىغىنىمدا ئۇلار دېدىكى: «تىجارىتىمىز ياخشى ئىدى. ئەمما، ئۇ مال كېچىكتى، بۇ خېرىداردىن تېلېفون كەلدى، باج ئىشىنى بىجىرمىسەك بولمايدۇ… » دەپ يۈرۈپ، مەسچىتكە بارغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمايتتىم. ھازىر ئىشلەيمىز، نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيمىز، تۆت تېمى، تورۇسى بار بىر ئۆيىمىز بار، داستىخاندا تامىقىمىز بار، ھايات بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىنچ - خاتىرجەم، ئەلھەمدۇلىللاھ» دېگەنىدى. مانا، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىمان باشقىلارنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان غەم - قايغۇدىن سېنى مۇشۇنداق قوغداپ قالىدۇ.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 17 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 26, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى. («بەقەرە» سۈرىسى 34 - ئايەت)
شەيتاننىڭ كىبرى ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلماسلىقى ئۇنىڭغا بولغان ھەسەتتىن ئىدى. زېمىنغا چۈشۈرۈلىدىغان ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇ يەردە مۇشەققەت چېكەتتى، ئىبلىس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ياشايتتى. بۇ ھالەتتە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىكى ئۇنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغان نەرسە نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يەردە ئىبلىس ھەسەت قىلغان تەرەپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەكرەك تونۇلۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تونۇلۇشقا، ئېتىراپقا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بەكرەك ھەقلىق دەپ قارايتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەل مۇشۇ تونۇلۇش ئىستىكى سەۋەبىدىن سادىر بولغان، يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى يەنە بىرىنى ئۇنىڭ قۇربانلىقىنىڭ قوبۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ قوبۇل بولمىغانلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرگەنىدى. ئىنساندىكى تونۇلۇش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئىستىكى بالىلىق چېغىدىن تارتىپ بولىدۇ. بۇنىڭ مەنپەئەت بىلەنمۇ ئانچە ئالاقىسى يوق، بالىلاردىن بىرىنىڭ بىكاردىن بىكار يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ ئويۇنچۇقىنى بۇزىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئاتا بىر ئوغلىغا «بالام، ماشىنىنى يۇيۇۋەت» دېگىنىدە، بۇ گەپنى دېسە خوشياقمايدىغان يەنە بىر ئوغۇل باتناپ قالىدۇ. باتناش سەۋەبى ئاتىسىنى ئۆزىنى بۇ ئىشقا لايىق كۆرمىدى دەپ قارىغانلىقىدىن بولىدۇ. ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنى ئۆزلىرىگە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا قارىغان كۆزدە قارىمىدى، دېگەن سەۋەبىدىن ئۇكىسى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە تاس قېلىشقان، ئادەمسىز چۆلدە قۇدۇققا تاشلاپ كېتىشكەنىدى. شەيتان ئېتىراپ قىلىنىش، تونۇلۇش، تەشەككۇر تەمەسى بىلەن بىزگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئىسلام نامى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇ ۋەسۋەسىنىڭ قۇربانى بولۇشى. مەسچىتتە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ مەسچىتتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا بولۇش، ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا ۋەز پۇرسىتىگە ئېرىشىش، كىشىلەرگە تونۇلۇش، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چوڭ بىلىشىنى ئارزۇ قىلىشنىڭ ئۆزى كىبىردۇر. پەخىرلىنىش ئارزۇسى ھەممە قاتلامدىكى كىشىلەرنى يۇقىدىغان بىر كېسەل. ئۆزىنى چوڭ بىلىدىغان، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆزىدىن مىننەتدار بولمىدى دەپ ئۇلارغا ھۆرپىيىدىغان بىر ئەر ياتاق ئۆيدىكى فىرئەۋنگە ئوخشايدۇ. شۇپۇرلار ئىچىدىكى كاتتىراق ماشىنا ھەيدىگىنىدىن پەخىرلىنىدىغان بىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى فىرئەۋنگە ئوخشايدۇ. مەنمەنچىلىكتىن چىققان رىقابەت تۇيغۇسى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىدا، ئائىلىلەردە، ھەتتا قېرىنداشلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت. بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا - ئانام باشقا بالىسىغا مەندىن ئامراق، دەپ قارايدۇ، بىز ئاتا - ئانىلارمۇ ئۇلارنى شۇ تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. بالىلارنىڭ بىرى 100 نومۇر ئالغان بولسا، باشقا بالىلىرىمىزغا «كۆرۈشتۈڭمۇ 100 ئاپتۇ، ھەر قايسىڭمۇ ئوخشاش ناننى يەۋاتىسەن» دەپ كۆز - كۆز قىلغىنىمىزدا ئۇلارنى ئوتتا پۇچىلايمىز.
شەيتان ئالىم - ئۆلىمانىڭ قەلبىگە «قارا پالانىنىڭ سۆھبىتىگە شۇنچە ئادەم كەپتۇ، بۇنداق مۇھىم سورۇندا سۆزلەشكە تېگىشلىك كىشى سەن ئىدىڭ. ئۇ نېمە بىلىدۇ؟ ئۇ سەن ئالغان ئىجازەتنى ئالغانمۇ؟ سەن ئوقۇغان مەكتەپلەردە ئوقۇغانمۇ؟» دەپ پىچىرلاشلىرى بىلەن باشقا بىر ئۆلىماغا ھەسەت قىلغۇزىدۇ. بىز دىنىي خىزمەت قىلغان كىشى ئاپتوماتىك كىچىك پېئىل بولىدۇ، دەپ ئويلىۋالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىزمەتكە ئاتلانغانلارنىڭ ئۇچرايدىغان ۋەسۋەسىسى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. كىبىرنىڭ ئەڭ يامىنى كىشىنىڭ ئۆز دىنى بىلەن كىبىرلىنىشى. شۇڭلاشقىمۇ بىز قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاللاھقا سىغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمىز. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بىر مەزگىل دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، پالانى تەجۋىدنىمۇ بىلمەيدۇ، پۇستانى فاتىھەنىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالمايدۇ دەپ كىشىلەرنى كەمسىتكىلى تۇرىدۇ. سىلەر قايسى قۇرئاننى ئۆگەندىڭلار؟ قۇرئاننى ئوقۇشۇڭلار، قۇرئاننى يادلىشىڭلار، دىنىي كىملىكىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن چاغلىساڭلار، كەچۈرۈڭلار، بۇ قۇرئاننىڭ سىلەرگە سىڭمىگىنى. بۇ كىتاب ئۆگەنگەنسېرى كىشىنى كىچىك پېئىل قىلىدىغان كىتاب. دىنىي ساھەدە بۇ مەسىلىدە بەك ئاگاھ بولمىساق بولمايدۇ. بالىلىرىنى قارىي قىلىۋاتقان ئاتا - ئانىلار سىلەر ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش قىلىۋاتىسىلەر، ئەمما، بۇنى بالاڭلارنى تەراۋىھتا ئالدىغا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ۋىدىيوسىنى تارقىتىپ پەخىرلىنىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق. قۇرئاننى يادلاش بالاڭلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئۇلار كېيىنكى ئۆمرىدە يادلىغان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشى، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى، كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.
مېنىڭ دۇنياغا داڭلىق ھەقىقىي ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇلارنىڭ ئىلمى مېنى چۆمۈلىدەك ھېس قىلدۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ ماڭا ئۇستازىدەك مۇئامىلە قىلىشى مېنى بەك خىجىل قىلدى. بىر ئۆمرىنى ئىلىمگە بەرگەن بۇ ئۇستازلار ھېلىھەم ھەپتىدە 40 - 50 سائەت ۋاقتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىدە دىن ئۆگەنگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان ياشلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن. ھۆرمەت تەمەسى ئىچىدە «كىشىلەردە ئىلىمگە ھۆرمەت قالمىدى» دەپ غودۇراپ قويۇشىدۇ. ھەقىقىي ئىلىم بۇنداق بولمايدۇ. ھەقىقىي ئىلىم كىشىنى بۇنداق كۆرەڭ، مەنمەنچى قىلمايدۇ.
شەيتان ۋەسۋەسىلىرى بىلەن بىزنى پۈۋلەپ ئۇچۇرغىنىدا، «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئەسلىگەيمىز. رەببىمىز مۇبارەك ئاي بەرىكىتىدە قەلبلىرىمىزنى شەيتاننىڭ خۇلقلىرىدىن تازىلىغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 16 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 25, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە ( بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، يەر يۈزىنى ئاۋاتلاشتۇرىدىغان ئىنسان.) يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30 - ئايەت)
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان پەرىشتىلەرنىڭ سوئالىغا يانداشتۇرۇپ، «سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتىلەر كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن بۇ سوئالنى سورىغاندىن كېيىن، «رەببىمىز بىز بۇ سوئالنى سورىدۇق، ئەمما قارارىڭنىڭ ئاقىلانە، قۇسۇرسىز ئىكەنلىكىدىن شۈبھىمىز يوق، بىز چۈشىنەلمىگەچكە سوراۋاتىمىز، ئەمما، سېنى جىمى كەمچىللىك، قۇسۇرلاردىن پاك دەپ تونۇيمىز، بىز ھەددىمىزدىن ئاشماقچى ئەمەس، پەقەت مەسىلىنى چۈشىنىۋالماقچىمىز» دېگەن مەنىدە، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئۇلۇغلىدى. بۇ ئايەتتە بىزلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بىر دەرس بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىملىرىنى چۈشىنەلمىگىنىمىزدە «مېنىڭ چۈشىنىشىمدە، تەپەككۇرۇمدا مەسىلە بار، ئەمما، ئاللاھنىڭ ئەمرى، ھېكمىتى، تەلىملىرىدە ھېچ قۇسۇر يوق» دېگەننى دەرھال ئۆزىمىزگە ئەسكەرتىدىغان بىر پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈش. بىر نەرسىنى چۈشىنەلمەسلىك، بىر نەرسىگە ئەقلى يەتمەسلىك ئىنسانچىلىقتا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. قۇرئان ئۆگىنىش داۋامىدا ھەر بىر ئايەتتە كاللىمىزدا بەلگىلىك سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش داۋامىدا پوزىتسىيەمىزنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. توغرا پوزىتسىيە دەل «سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز»دىن ئىبارەت. مېنىڭ ئېخەت ئادرېسىمىغا ئاجايىپ - غارايىپ سوئاللار كېلىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار قۇرئان ھەققىدە سوئال سورىسا، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. ئەمما، بەزىدە سوئال سوراشتىكى ئۇسلۇب كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. مەسىلەن، «كەھف» سۈرىسىدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر قىسسىسىدىكى كىچىك بالىنى خىزىرنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىك ھەققىدە بىرىنىڭ سوئالى: «قانداق بىر تەڭرى بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويىدۇ. بۇ قانداق تەڭرى؟؟؟ قاتىلمۇ بۇ؟!!!» دېگەن شەكىلدە. بۇ سوئال «مەن كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسىنى چۈشىنەلمىدىم، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟» دېگەن شەكىلدە سورالسا، بۇ تامامەن يوللۇق بىر سوئال. ئەمما، سوئالنىڭ ئۇسلۇبى، قاتار قويۇلغان ئۈندەش، سوئال بەلگىلىرى بۇ سوئالدا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تەسبىھنىڭ كەمچىللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شەكىلدە سوئال سوراش «سەن مېنى تېيىلدۇردۇڭ، مەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇدەكمەن؟» دېگەن ئىبلىسنىڭ ئۇسلۇبىدۇر. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرگە بەرگەن جاۋابى شۇ ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان ھەممە نەرسىنى بىلىمەن».
ئەقلىمىزگە سوئاللار تاقاشقاندا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ھەممىنى بىلىدىغان زاتنىڭ كۆڭلىمىزدىكى چىگىشنى يېشىپ بېرىشىنى تىلەپ، ئالىم ئۇستازلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئادىتىمىز بولغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 15 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار