قىزىم

مەن تۇنجۇقماقتىدىم. باھارنىڭكىدەك سۈپسۈزۈك ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلدى؛ قەلبىمگە رەزىللىكلەر ئورناشماقتىدى. ھەقنىڭ ساداسى ئۇلارنى ھۈركۈتتى. شۇندىلا مەن يىغلىۋەتتىم. بوغۇزۇمغا قاپلاشقان ئېغىرچىلىق بوشايدىغاندەك ئەمەس ئىدى؛ كۆزلىرىم ئولتۇرۇشقان، گۇناھلىرىمدەك سانجاق- سانجاق...

سېنىڭ سۈرىتىڭ

سەن ۋەسۋەسىلەرگە ئىشىكىڭنى ئېچىۋېرىسەن، ئۇلار كىرىۋېرىدۇ. يۇپۇرۇلۇپ بەشتىن، ئوندىن كېلىشىپ سېنى ئىسكەنجىگە ئالغىنىدا ئۆزۈڭنىڭ ھالسىزلىنىۋاتقىنىڭنى سېزىسەن. قەلبىڭ بىئاراملىققا تولىدۇ. ئىشىكنى ئاچماستا خېلى ياخشى ئىكەنلىكىڭنى ئەمدى ھېس قىلىسەن. ئاتاڭ سېنى ئەيىبلەيدۇ....