by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئاپرېل 2, 2019 | شېئىرلار
ئا«ئا» دۇر ئىسمىم، قوينۇمدابار ئېلىپبە كىتابىم.مەن ئۆگىنەي ئوقۇشنى،سەن كۈلۈپ بەر كىتابىم. ئە«ئەينەك» تىكى «ئە» ئاداش،«ئا»غا ئازراق ئوخشايدۇ.تۇتقۇچىدىن تۇتمىسام،سۇنۇپ كەتسە يىغلايدۇ. ب«ب» مەن، ئوماق بوۋاقمەن،يۆگىكىمدە ياتىمەن.بىر چېكىتنى چاق قىلىپ،دومىلاپمۇ باقىمەن....
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 10, 2016 | شېئىرلار
كېچىلەر يوشۇرۇن ئېچىلغان چېچەك، قەلبىمدە كۆرىمەن ئوتقاش بەرگىنى. يۇلتۇزلار ئۇنتۇلماس كۆزدىكى چاقناش، ياش تۆكەر ئۇنتۇماق بولسام گەر سېنى. شەبنەملەر خىلۋەتتە تۆككەن كۆز يېشىڭ، مىسرا ياپرىقىدا تۇرار لىغىرلاپ. ئۇنتۇلغان سېنىڭسىز ئۆتكەن كەچمىشىم، ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ لېكىن...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | فېۋرال 21, 2016 | شېئىرلار
جىمجىتلىق ئىچىدە سىقىلماقتىمەن، كېچىلەر قوينىغا تىقىلماقتىمەن. ئەندىشەڭ يىغىشتۇر، يۇمۇۋال كۆزۈڭ، دولقۇنلار ئەۋجىگە ئۇرۇلماقچىمەن. سۆكۈلسە چاك- چېكىم كۆپ ۋايىم يېمە، يېڭى بىر ھاياتچۈن چۇۋۇلماقچىمەن. سۈكۈتلۈك دەريادا ئىدىم قۇرام تاش، دۇردانە بولۇشچۈن ئۇۋۇلماقچىمەن....
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 13, 2016 | شېئىرلار
كۆزىمىز تارتسا گەر ئوخشاش بىر سۈرەت، قەلبىمىز يۇيىدۇ خىلمۇخىل رەڭدە. قۇلاقلار ئاڭلىسا ئوخشاش بىر سۆزنى، قەلبىمىز چۆرۈيدۇ ھەرخىل مەنىگە. ياشىساقمۇ گەرچە ئوخشاش ھاياتنى، قەلبىمىز ھېسلىرى تۈرلۈك تۈمەن خىل. ئەي رەببىم، ھەممىنىڭ ئەسلىنى كۆرسەت، ئالدىنىش ئىچىدە يايرىمىسۇن...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 1, 2016 | شېئىرلار
ھۇۋلايدۇ ھەسرەتلەر، ھۇۋلايدۇ بۇ قىش، ئۇنۇتتۇڭ سەن بەلكىم باھار رەڭگىنى. ئۆچۈردى زىمىستان گۈلگۈن يۈزلەردىن، شاتلىقنى، بەخىتنى، نۇرنى، ھەممىنى. ئۆچۈشنى قەستلەيدۇ قەلبىمدىكى ئوت، ھېچ نىسىب بولمىدى چىھرىڭگە بېقىش. شىۋىرغان ئىچىدە تىترەيمەن دىر– دىر، كۆزۈمدە لىق تۇمان،...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | ئۆكتەبىر 22, 2015 | شېئىرلار
ياخشى كۆرىمەن، يامغۇردىن كېيىنكى تۇپراق ھىدىنى، قارلىق كېچىنى، سالقىن سەھەرنى، «ئېلىپبە»نىڭ خۇشپۇرىقىنى، ئاق قەغەزدە قۇمۇش قەلەمنىڭ كىرتىلدىشىنى. ياخشى كۆرىمەن، ئادەمسىز تۈندە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئاڭلاپ بېقىشنى يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىشىنى....
يېقىنقى ئىنكاسلار